چىنتۈرك مۇنبىرى

كۆرۈش: 933|ئىنكاس: 2

خۇشخۇي: ئارىقۇمىغا مەرسىيە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-21 00:29:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
pasan
گۈلدەك كېلىپ،غۇنچىدەك كەتتىڭ
(ئابلىپىز توختىمۇھەممەد ئارىقۇمىغا مەرسىيە)

مۇھەممەد كامال خۇشخۇي

قۇم جەۋھىرى ئارىقۇم ئىدىڭ،
شېئىر ئاتلىق نۇرغا يەم بولغان.
ئارىقۇمدا بىخلىنىپ كۆركەم،
ئۈرۈمچىدە گۈلگە جەم بولغان.

تەۋرىمەيتتى چاپقۇندا بەرگىڭ،
ئەشئار ئۈچۈن ئۆلۈشكە رازى.
ئەنئەنىگە باغلاپ مۇھەببەت،
جاراڭلايتتى قەلەمنىڭ سازى.

ئۈرۈمچىدە چۈش كۆرۈپ ھەر تۈن،
«توغراقتار»دا يۈرەتتىڭ پەقەت.
گۈلدەك كېلىپ غۇنچىدەك كەتتىڭ،
يارەنلەرنى يىغلىتىپ قەۋەت...

جىسمىڭ كەتتى تىلېكىڭ قالدى،
باھار بىلەن قۇرۇشقا سۆھبەت.
شۇنداق قىسمەت پۈتۈپتۇ تەقدىر،
بىزنى بالدۇر چېكىشكە ھەسرەت.

«ئارىقۇم»دىن باشلانسا كۈيلەر،
روزىلەمگە باراتتى يېتىپ.
سۆيۈنەتتۇق قانماستىن ئاڭلاپ،
باشلىرىمىز كۆكلەرگە يېتىپ.

ساڭا تەگكەن«يۆچۈن»كېسەلگە،
يامغۇر بولدى نەپرەت ئوقلىرى.
ئارىقۇمدا قۇم ياغدى ئۈچ كۈن،
چۆكۈپ كەتتى«بەلقۇم»چوقلىرى.

ئەگىپ يۈرەر قەبرەڭنى قۇشلار،
نالە-پەريات ئۇرۇپ ئېسەدەپ.
قۇشلار زارى-بىزنىڭ قايغۇمىز،
پاتماي قالغان دىللاردا دەۋرەپ!
2014-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى(سەيشەنبە)،گۇما-كۆكئوتاغ.

ئىزاھات: قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنغانلىرى شائىرنىڭ شېئىرلىرىنىڭ نامى.



چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-11-21 03:07:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ياخشى تىلەكلەر بىلەن يۇغۇرۇلغان مەرسىيەلەر ئۇچۇن ئېگىلگەن  قوللاردا گۈللەر ئېچىلسۇن.مەرسىيەدە يۇرت خاسلىقلىرى،مەرھۇمنىڭ خۇي-مىجەز ئالاھىدىلىكلىرى،ئىجادىيەت پىرىنسىپلىرى تولۇق ئەكىس ئېتىپتۇ.


ۋاقتى: 2014-11-25 12:09:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىسام ئابلىپىز ئاكامغا ھەقىقەتەن كۆپ مەرسىيەلەر يېزىلىپتۇ. مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي!


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ھەقىقەت يولىدىكى سەپەرگە يول خېتى كېرەك ئەمەس.(جولئوت)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-7 15:15 , Processed in 0.170369 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش