لوتپۇللا مۇتەللىپكە ئاتاپ يېزىلغان مەرسىيەلەر
ھەپسىدە كەتكەن دوستۇم لوتپۇللا مۇتەللىپكە
نىمشېھىت
ئەي كاج پەلەك،نېمە ئىدى بۇ جاھان؟
قانلار يۇتۇشقا تۈمەنلىگەن جان.
قاراڭغۇ، مۇدھىش زىندان ئىچىدە،
يورۇقلۇق كۆرمەي كۈندۈز كېچىدە.
يۈرەكتىن ھەسرەت ،پىغان قاينىغان،
تاماق ئورنىغا زەھەر چاينىغان.
يىراق ئۇ زالىم ئىنسانىيەتتىن،
يۇمۇلغان كۆزى ھەققانىيەتتىن.
كىم<<ھەقىقەت!>>دەپ پىدا قىلسا جان،
ئاقتۇرغان ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن قان.
ئىشلەش يولىد اكەتسە دەرماندىن،
كۆيۈنۈپ ئىشلەپ كەچسىمۇ جاندىن.
بارى بىر تىيىن ئۇنىڭ ئالدىدا،
ھەممە خىزمىتى قالغان دالدىدا.
قانچە كۆيۈنۈپ ئىشلىسە كىشى،
پەقەت باھارغا ئۆزگەرمەس قىشى.
قايغۇ- ئەلەمگە يۈرەكلەر تولغان،
سىرىتقا چىقالماي كاناي بوغۇلغان.
قانچىلاپ تويۇپ تۇغۇلغىنىغا،
ئەركىن ھوقۇقتىن بوغۇلغىنىغا.
دېسە قاي بىراۋ،خۇدايا پاناھ...
يازار بوينىغا يوغان بىر گۇناھ...
دەرد سىغدۇرالماي،ئۆرتەنسە جىگەر،
سىغماي ئىچىگە ئاھ...دېسە ئەگەر.
دېلو ئىچىگە چۈشەر بىر ۋاراق،
قىلار ئۇنىڭدىن ھەر تۈرلۈك سوراق.
يەتتە قات ئۆيدە،قاراڭغۇ تۈندە،
چوڭراقلا تىنسا يالغۇز بىر بەندە.
ئەتىسى شەڭگەن سوراققا ئالغان،
بىچارە خەلقىم شۇ ھالغا قالغان.
ھەر بىر كىشىدەكىرام-كاتىبىن،*
ئىككىدىن ئارتۇق بولمايدۇ لېكىن.
جۈيجاڭ ۋە شەڭگەن قويغان ئىشپىيون،
ھەر بىر كىشىدەبولغان سەككىز-ئون.
كىرام-كاتىبىن يازسا ئېيتقاننى،
ئىشپىيون يازغان دىلدا ياتقاننى.
ئاھۋە تەندىشىم،ئاھ...قېرىندىشىم،
نەدە سەن بۈگۈن<<قاينام ئۆركىشىشم>>؟
سەن ئەمەسمىدىڭ خەلق غەمخورى،
ھېكمەتلىك ئىدى سۆزۈڭنىڭ بارى.
كۆكلەشكە يېتىپ، زىمىستان بېغىڭ،
كەلگەن ۋەتەنگە راست ئىشلەش چېغىڭ.
بۈگۈن بۇ باغدا كۆرمەيمەن سېنى،
كۆرەش قوينىدا ئەسلەيمەن سېنى.
سىغدۇرالمىدى سېنى بۇ جاھان،
ئاسرىيالمىدى ئۇ كاج، شۇم زامان.
تۇتقۇنغا بەردى سېنى قاي بەندە؟
خەلققە،ۋەتەنگە ئاسىي، شەرمەندە!
ياش
يازغۇچىلار بۇلبۇلى ئىدىڭ،
خەلق بېغىنىڭ بىر گۈلى ئىدىڭ.
ئەركىن ھاياتقا پۇرسەت كەلگەندە،
غەمكىن بۇلبۇللار سايراپ كۆلگەندە...
كاشكى سەن ئەمدى بىللە بولساڭچۇ؟...
شېئىر بېغىدا سايراپ تۇرساڭچۇ؟...
ئەل ۋە يۇرتۇمغا ئەركىنلىك تىلەپ،
پۇرسەت كۈتەتتىڭ قەلىمىڭ بىلەپ.
قايتماس ئىرادەڭ ئەلگە تىلەكداش،
بەخت ئىزلەشتە يۇرتقا مەسلەكداش.
ئەي ۋەتەندىشىم ياتمىغىن مەيۈس،
سېنى زىنداندا قويمايمىز مەھبۇس.
تىلەكداشلىرىڭ ئۇنتۇلماس سېنى،
تۇتقۇنغا چۈشتۈڭ قانداق نەس كۈنى؟
نە بولس ابولسۇن ئاخىر چىقارسەن،
دۈشمەن بېشىنى گۆرگە تىقارسەن.
ئەگەر قېنىڭنى سوۋۇتسا زۇلۇم،
يوللىغان بولسا مۇبادا ئۆلۈم.
يەنە شۇندىسەن بەختسىز ئەمەس،
كۆرەش ئىرەدەڭ ھەرگىز تەۋرىمەس.
تېخى ئۇ چاغدا ئىنتىقام –غەزەپ،
ئوتلۇق يۈرەكنى قوزغىتار بېزەپ.
زۇلۇم مەسلىكى ھەر قاچان خاراپ،
ھەممە ئەتراپنى ئالسىمۇ ئوراپ.
سەندەك كۆرەشچان قەھرىمانلاردىن،
قانچە مىڭىنى قىلسىمۇ قىرغىن.
كۆرەش روھىمىز ھەرگىز توختىماس،
قانلىق ئىنتىقام ھەرگىز ئۇخلىماس.
تاكى ۋەتەنگە ئالمىساق ئەرك،
بېرىمىز قۇربان قالمايمىز تىرىك.
ئاۋۋال ۋە ئاخىر ئۇشبۇدۇر تىلەك،
قايتماس ئىرادە،ئانت ئىچەر يۈرەك.
ۋەدىگە ۋاپا نىمشېھىتقا خاس...
ۋەتەن ئىشقىنى جاندىن ئايرىماس.
1946-يىل ئىيۇن،غۇلجا
كىرامەن-كاتىبىن:پەرىشتەئىسىملىرى بولۇپ،رىۋايەت قىلىنىشىچە،ئۇلار ئادەمنىڭ ئىككى مۈرىسىدەتۇرۇپ، ياخشىيامان ئىشلارنى يازارمىش.
دوستۇم مۇتەللىپ
ئەلقەم ئەختەم
بۈگۈن مەن سېنى
ياد ئېتىپ دوستۇم،
سېغىنىپ-ئەسلەپ
كەلدىم قېشىڭغا.
كۆرۈپ قەبرەڭنى
خاتىرەم شۇ دەپ،
گۈلنى دەستىلەپ
قويدۇم بېشىڭغا.
قەبرەڭگە ئۇزاق
تىكسەم كۆزۈمنى ،
مېنى كەلدى دەپ
بولدۇڭ تۇيغاندەك،
قېنى سۆلىگىن
دېگەندەك قىلىپ،
سېزىلدىڭ ماڭا
سوئال قويغاندەك.
سەن ھايات چاغدا
ئەركىنلىك ئىزلەپ
دۈشمەنلەربىلەن
مۇشتلاشقان ئىدىڭ.
ئازادلىقنى دەپ
زىنداندا يېتىپ
بىز بىلەن مەڭگۈ
خوشلاشقان ئىدىڭ.
نۇرلۇق تاڭ ئاتتى
بۇ چاغدا سەن يوق،
پارتىيە كېلىپ
بىزنى قۇتقازدى.
ئۆرۈپ زۈلمەتنى
سۈرۈپ كۈلپەتنى،
ھايات يولىنى
بىزگە تۇتقازدى.
ئىھ ! دوستۇم بۈگۈن
سەن بولساڭ ئىدىڭ،
بىز بىلەن بىللە
شاد كۈلسەڭ ئىدىڭ.
قانداق خۇشاللىق
ھازىرقى ھايات،
ئۆز كۆزۈڭ بىلەن
بىر كۆرسەڭ ئىدىڭ.
بىراق يېنىمدا
سەن ھايات ئەمەس،
كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ
تۆكتۈم يېشىمنى.
ئويلاپ مەن سېنى
خىيالغا چۆكۈپ،
تۇردۇم ئالدىڭدا
تۇتۇپ بېشىمنى.
ئىرتسام توختىماي
يەنە ئاقىدۇ،
دوستۇم،مۆلدۈرلەپ
كۆزۈمدىكى ياش.
غەزەپ دىلىمدا
قات-قات قاينايدۇ،
بەخت كۆرمىدىڭ
ئەزىز قېرىنداش.
<<بەس>>دېدىم، دوستۇم
ئىرتىپ يېشىمنى،
توختاپ جىم بولۇپ
كۆز ئۈزمەي سەندىن.
چېلىشىپ، يېڭىپ
بەخت تاپتۇق بىز،
ئېلىپ ئىنتىقام
قەبىھ دۈشمەندىن.
يەتكۈزسەم ساڭا
دوستۇم خەۋەرنى،
ئېچىلىۋاتىسەن
بۇنى بىلگەندەك.
يەڭدۇق دۈشمەننى
دېسەم خۇش بولۇپ،
ئارام ئېلىپ سەن
بولدۇڭ كۈلگەندەك.
ياتقىن جان دوستۇم
خۇشال بولۇپ يات،
بىز يولدا ھازىر
ئۇلۇغ ئىش بىلەن.
يۈكسىلىپ كۈندە
كېتىپ بارىمىز،
ئۈستۈنلۈك ئېلىپ
چوڭ چېلىش بىلەن.
دۈشمەن بار تېخى
بىز چېلىشىدىغان،
رەقىپ تۇرىدۇ
مۇشت تەڭلەپ يېنىپ.
ئۇنى يوقاتماي
باي ۋەتەن قۇرماي،
ئارام ئالمايمىز
بۇ يولدا تىنىپ.
دوستۇم مۇتەللىپ
مانا مەن ھازىر،
شۇم دۈشمەن بىلەن
مۇشتلىشىۋاتىمەن.
ساڭا سۆز ئېيتىپ
ئىلھامغا پېتىپ،
دوستۇم سەن بىلەن
خوشلىشىۋاتىمەن.
خەيىر،مەن كەتتىم
ئۇلۇغ چېلىشقا،
يېڭىشلىرىمنى
كېيىن بىلىسەن.
يوقالغان چاغدا
دۈشمەن يېنىمدىن،
دوستۇم خوش بولۇپ
يەنە كۈلىسەن.
1953-يىل،سېنتەبىر،ئۈرۈمچى.
لوتپۇللا مۇتەللىپ قەبرىسى ئالدىدا
ئابدۇكېرىم خوجا
كەلدىم مەن ئالدىڭغا كەچۈرۈم سوراپ،
خىجالەت دەستىدىن چەككەچ جىق ئازاب.
قەبرە قەبرەمدىن كەتمىسۇن ئېشىپ،
دەپتىمەن ياسالسۇن مەرتىۋىگە باب.
مەن تىرىك،ئەمماكى يوقلار كىشى يوق،
تىنمايدۇ يۇرت سېنى ئەيلەپ كۆپ تاۋاب.
مەندە بارنام-شۆھرەت،دۆلەت سەندە يوق،
تاڭ، يۇرتقا قالدىكىن نېمەڭ بەك ياراپ!؟
ئۆزۈمنى تارازىغا سېلىپمۇ كۆردۈم،
بۇ سىرنى كۆرمەكچى بولۇپ، بىر سىناپ.
ۋە لېكىن چۈشمەي تارازىغا گەۋدەم،
نە گەۋدەم تاجۇ-تەخت، ھەتتاكى پىكاپ.
بارچەمنى نەق بېسىپ چۈشتى ئوڭايلا،
بىر سېنىڭ ئىجادىڭ<<يىللارغا جاۋاب>>.
خەلقىمنىڭ قەلبىدىن قەبرەڭ ئالسا جاي،
تارىختىن كەتمەسكە مەڭگۈ ئۇپىراپ.
بىھۇدە قىتىغىرلىق قىپتىمەن، توۋا !
خۇدانىڭ يېرىنى بەندىدىن ئاياپ.
1986-يىل ئاۋغۇسىت،ئاقسۇ-ئۈرۈمچى.
ئوت يۈرەك شائىر
(ل.مۇتەللىپ ۋاپاتىنىڭ 27 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن)
رەھمىتۇللاجارى
مۇتەللىپ ئەي باتۇر،ئوت يۈرەك شائىر،
سۆيدۈڭسەن ئېلىڭنى جان پىدا قىلدىڭ.
سەن ئىدىڭ ۋەتەننى
كۈيلەشكە ماھىر،
زوق بىلەن بىرئۆمۈر خۇش ناۋا قىلدىڭ.
ۋەتەننىڭ ھۆرلۈكى ئىدى تىلىكىڭ،
چۈشمىدى كۆرەشكە تۈرگەن بىلىكىڭ.
ھەر نەپەس ۋەتەن دەپ سوقتى يۈرىكىڭ،
شەرەپلىك بۇرچۇڭنى سەن ئادا قىلدىڭ.
تاۋلاندىڭ كۆرەشچان يىللار قوينىدا،
ئىجادىڭ پارقىراق ھەر يىل بوينىدا،
ھارمىدىڭ كۆرەشنىڭ باياۋىنىدا،
بەرگەن قەسىمىڭگە سەن ۋاپا قىلدىڭ.
ۋەتەننىڭ كۆكىدە چاقماق چاققاندا،
چىش بىلەپ خەۋپ-خەتەر ئەلگە باققاندا،
مەيداندا قىپقىزىل قانلار ئاققاندا،
قەلەمنى نەيزە قىپ،جەڭ-جاكار قىلدىڭ.
ئېتىڭنى مەردانە مەيدانغا سۈردۈڭ،
ئالماس خەنجىرىڭنى دۈشمەنگە ئۇردۇڭ،
يالقۇنلۇق سۆزۈڭدىن ئوتلار ياغدۇردۇڭ،
بۇ جەڭدە غەيرەتنى سەن راسا قىلدىڭ.
لەنەتلەر ياغدۇردۇڭ قارا زامانغا،
ئۆچ ئىدىڭ بۇلۇتلۇق قىش-زىمىستانغا،
تەلپۈندۈڭ باھارغا، گۈل-گۈلىستانغا،
ھۆر-ئەركىن سايراشنى مۇددىئا قىلدىڭ.
سازىڭدا باشلىدىڭ يېڭى مۇقامنى،
سۆيگۈدىن، كۆرەشتىن ئالدىڭ ئىلھامنى،
ساقلىدىڭ ئوت يۈرەك شائىرلىق نامنى،
شېئىرىيەت بېغىدا شوخ سادا قىلدىڭ.
سەھەرنى سېغىنغان غۇنچە گۈل ئىدىڭ،
يۈرەكتە ئوتى بار بىر ئوغۇل ئىدىڭ،
خۇشئاۋاز،چارچىماس مەرد بۇلبۇل ئىدىڭ،
خەلىقنى كۈيۈڭگە مەھلىيا قىلدىڭ.
شۇڭا ياۋ چۆچۈدى، جىم تۇرالمىدى،
ئىز پۇراپ ئارقاڭدىن پەقەت قالمىدى،
زىندانغا سالدى-يۇ، نەپ ئالالمىدى،
ياۋۇزلاركۆكسىنى سەن يارا قىلدىڭ.
سەن كەتتىڭ ۋەلېكىن نامىڭ ئەلدە ياد،
قەبرەڭدە تىنچ ياتقىن روھىڭ بولسۇن شاد،
ئۆلمىدىڭ،ئۆلمەيسەن، مەڭگۈ سەن ھايات،
مەڭگۈلۈك بىرسولماس باغ بىنا قىلدىڭ.
1962-يىل، ئۈرۈمچى.
شائىرغا
تۇردى سامساق
(لوتپۇللا مۇتەللىپ ۋاپاتىنىڭ ئون يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن)
ئەمگەكچى ئەلنىڭ تەرلىرى تامغان،
تارىختا ئۆچمەس نۇرنىڭ ئىزى بار.
ھەر بىرخەلقنىڭ ئۇنتۇلمايدىغان،
ئەزىز، مۆتىۋەر ئوغۇل قىزى بار.
مۇتەللىپ دېسە كۇرمىڭ كىشىلەر،
بىلىدۇ ئۇنىڭ شانلىق نامىنى.
دۈشمەنگە قارشى ئۇ ۋەتەنپەرۋەر،
قۇرغان ئىدى چىڭ ئىستىھكامىنى.
قاراتقان ئىدى ياتلار كۆكسىگە،
پولات نەيزىنىڭ نەشتەر ئۇچىنى.
تونۇتقان ئىدى دوست ۋە دۈشمەنگە،
ئۆتكۈر قەلەمنىڭ قۇدرەت كۈچىنى.
ئۇ ئىدى چەكسىز دولقۇنلار ئۇرغان،
ئىلھام دېڭىزىنىڭ قاينام ئۆركىشى.
ئۇ بىر گۈل ئىدى، ئەيلىدى خازان-
ۋەھشىي دۈشمەننىڭ زەھەرلىك چىشىنى.
داۋان ئېشىشقا*قەدەم قويغاندا،
يول توسۇپ چىقتى قاراقچى ئاپەت.
خەنجەرلەرئۇرۇپ مەسۈم باغرىغا،
قېنىنى ئىچتى مەلئۇن كاساپەت.
<<مۇتەللىپ ئۆلدى>>،
ياق، ئاغزىڭنى يۇم،
جىسمى كۆمۈلدى،
روھى مەڭگۈ بار.
ئۇ، ھەرباھارنىڭ گۈلىدەك مەسۇم،
ھۆسنىگە ھەرگىزقونالماس غۇبار.
شائىرنى ئۆلدى دېيەلمەس ھېچكىم،
چۈنكى،ئۆلمەسكە قىلغان ئىشى بار.
بىرسىنىڭ تىككەن كۆچىتىن دائىم،
پەرۋىش قىلغۇچى مىڭلاپ كىشى بار.
1955-يىلسېنتەبىر، ئۈرۈمچى
داۋان ئېشىشقا:شائىرنىڭ <<داۋانلار ئاشقاندا>>ناملىق
رومانى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
خەلق ئوغلانى لوتپۇللا
ئابدۇسالام توختى
(ۋەتەنپەرۋەر شائىر ل. مۇتەللەپ ۋاپاتىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن)
ئىجاد ئاسمانىنىڭ نۇرلۇق-يورۇق چولپانى لوتپۇللا،
گۈزەل ئەشئارلىرىنىڭ ھەر سۆزى دۇردانە لوتپۇللا،
تالانلىق، ئوتيۈرەك شائىر، جەسۇر، مەردانە لوتپۇللا،
ئوت ئاچقان كونا دۇنياغا چېلىش پالۋانى لوتپۇللا،
ياشايدۇ تائەبەد دىلدا، ۋەتەن قۇربانى لوتپۇللا،
ئادالەت، ئەرك پىداكارى، خەلق ئوغلانى لوتپۇللا.
لوتۇن كۆركەم بېغىمنىڭ ئەڭ ئېسىل، خۇشبۇي گۈلى ئەردى،
ۋەتەن ئىشقىدا كۈي تۆككەن گۈلىستان بۇلبۇلى ئەردى،
دۇتار، تەمبۇر،راۋابىمنىڭ يېقىملىق مەرغۇلى ئەردى،
ئىجاد بەيگىسىنىڭ ئۇچقۇر قاناتلىق دۇلدۇلى ئەردى،
ياشايدۇ تائەبەد دىلدا، ۋەتەن قۇربانى لوتپۇللا،
ئادالەت، ئەرك پىداكارى،خەلق ئوغلانى لوتپۇللا.
ئىدى ئۇ، ياش، قىران بۈركۈت ئېگىز كۆكتە قانات قاققان،
ۋەتەننىڭ ھەرگىياھىغا مۇھەببەت، ئىشىق بىلەن باققان،
يۈرەكتە سۆيگۈسى تۈمەن، ئىلى ، تارىم كەبى ئاققان،
ئىجاد مارجانلىرىدىن بۇ ئانا يۇرتقا چېچەك تاققان،
ياشايدۇ تائەبەد دىلدا، ۋەتەن قۇربانى لوتپۇللا،
ئادالەت، ئەرك پىداكارى،خەلق ئوغلانى لوتپۇللا.
ئۇ ھۆرلۈك،ئەرك ئۈچۈن دىلغا پۈكۈپ ئالىي تىلەكلەرنى،
چېلىش قاينامىغا چۈشكەن تۈرۈپ تالماس بىلەكلەرنى،
نەزەر تاشلاپ يىراقلارغا كۆرۈپ روشەن روجەكلەرنى،
ئاتا قىلغان ۋەتەن، ئەلگە جەسۇر، ئوتلۇق يۈرەكلەرنى،
ياشايدۇ تائەبەد دىلدا، ۋەتەن قۇربانى لوتپۇللا،
ئادالەت، ئەرك پىداكارى،خەلق ئوغلانى لوتپۇللا.
ئۇ، شىددەتلىك كۆرەش دولقۇنلىرىدا كەڭ غۇلاچ ئاتقان،
غەزەپ-نەپرەتلىرى ياۋغا گويا كەلكۈن بولۇپ تاشقان،
بورانلاردا يېتىلگەندە شۇ ياش غۇنچە، جەسۇرئارسىلان،
جاھالەت جادۇسىنى باشنى كېسىپ، تەندىن جۇدا قىلغان،
ياشايدۇ تائەبەد دىلدا، ۋەتەن قۇربانى لوتپۇللا،
ئادالەت، ئەرك پىداكارى،خەلق ئوغلانى لوتپۇللا.
ئۇنىڭ ئەشئارلىرى خۇددى ھاياتبەخىش گۈل –گۈلىستاندۇر،
ئۇنىڭ ھەر بىرسۆزى گۆھەر، باھاسىز دۇررى-مارجاندۇر،
ئۇنىڭ ھەر بىرقۇرى جەڭدە قىلىچتۇر، نەيزە-قالقاندۇر،
ئۇنىڭ مەنىسىزەپ چوڭقۇر مىسالى كەڭرى ئوكياندۇر،
ياشايدۇ تائەبەد دىلدا، ۋەتەن قۇربانى لوتپۇللا،
ئادالەت، ئەرك پىداكارى،خەلق ئوغلانى لوتپۇللا.
لوتۇن ھېچ ئۆلمىدى، كىممۇ ئۇنى ئۆلدى دېيەلەيدۇ،
ئۆلۈم يوق زادى شائىرغا، خەلق شائىرى ئۆلمەيدۇ،
كۆمۈلگەن بولسىمۇ جىسمى، ئىجادى ھېچ كۆمۈلمەيدۇ،
ئۇنى كەلگۈسى ئەۋلاتلار سۆيۈپ، ھۆرمەتتە ئەسلەيدۇ،
ياشايدۇ تائەبەد دىلدا، ۋەتەن قۇربانى لوتپۇللا،
ئادالەت، ئەرك پىداكارى،خەلق ئوغلانى لوتپۇللا.
1995-يىلئۆكتەبىر، ئۈرۈمچى
لوتپۇللا مۇتەللىپ خاتىرسىگە
ئوسمانجان ساۋۇت
ئىلىنىڭ بويىدا كەلدىڭ ئالەمگە،
ئىلىدەك دولقۇنلۇق بىر ئوغلان ئىدىڭ.
ئاتىلار ئاھىدىن ۋەتەن، خەلقىڭگە،
غەپلەتلىك ئۇيقۇدىن <<تۇر، ئويغان>> دېدىڭ.
دېدىڭسەن،ئۆمرىمىز كۆرەشكە تەشنا،
ياشىماق ئىستىسەك چېلىشماق لازىم.
بىدارغا تاڭ ۋەسلى نېسىپ ۋە ئاشنا،
ھەقىقەت كۈيىنى چالىدۇ سازىم.
ھېكمەتلەرجەۋھىرى-شوخ غەزەللىرىڭ،
دىللاردا ئويغاتتى نى شېرىن ئارمان.
قامىتىڭ زەبەردەس، مىسلى يۈكسەك تاغ،
ئالدىڭدا ئامالسىز قالدى جۇت- تۇمان.
سەن ئەلگە تالىقسەن، ئەلنىڭ بالىسى،
سەن تارىخ بۈيۈكى، خەلىپەرۋەرى.
يۈرىكىڭ بەئەينى قاينىغان ۋولقان،
ھۆرىيەت سېپىنىڭ تۇغچى سەرۋەرى.
كۆزۈڭدە ئىقبالنىڭ مەشئېلى يانار،
ۋالىلداردىلىڭدا بۈيۈك ئېتىقاد.
ۋىجدانىڭ دات باسماس ئالماس زۇلپىقار،
مۇشەققەت تىلىدى سەندىن ئىلتىپات.
كامالەت تەڭرىسى
سەنئەتكار ئانا،
ياراتتى ئالەمگە سېنى ئەي شائىر.
گۈل دىيار،باھادىر، بىغۇبار، دانا،
خسلىتى ۋەسلىڭدە بولدى چىن زاھىر.
چېلىشچى ئوغۇلسەن، سىغدۇرالمىدى،
جىسمىڭنى سەتھىگە زامان چەمبىرى.
سەلتەنەت پەرىشان جىم تۇرالمىدى،
قولۇڭدا يالتىراپ ئىسيان غەنجىرى.
زالىملارقورقىدۇ ئازاد پىكىردىن،
ۋە شۇڭا ئەمەستۇر ئۆزىمۇ ئازاد.
ئويغاندى قەيسەرلەر نەرە- زىكىردىن،
يورۇقلۇق زۇلمەتكە باشلىدى غازات.
چايقالدى غەزەپتە ئەزىمەت تارىم،
ساھىلدا يوقسۇللار تۇردى ئاياغقا.
ئارزۇلار تەڭداشسىز، تەڭداشسىز گۈزەل،
قەلبلەر رەڭداشتۇر قىزىلبايراققا.
خائىننىڭ قولىدا كۈل بولۇپ ئالەم،
توزانغا ئايلىنار يالقۇنلۇق ئارمان.
ئۇ گۈزەل چىمەنگاھ، باغى ئېرەمنى،
چەيلەيدۇ،تىلغايدۇ، قىلىدۇ پايخان.
يۈزىدە يول مېڭىپ ئۆگەنگەن خائىن،
ئاھ، ئىسىت !ساتتىغۇ ئەرزاندۇر بەدەل.
قەتلىگاھ، قان ئاقار مۇدھىش قىلىچتىن،
ئەل ئۈچۈن ئەرلىرىم قۇچۇشتى ئەجەل.
ياش ئىدىڭ بىخ-نوتا، ئەمما ئىستىكىڭ،
قىيام بولۇپيېتىلگەن، يەتكەن ۋايىغا.
مەسخىرەقىلدىڭكى ئۆلۈمنى دەھشەت،
باقمىدىڭ،باقمايتتىڭ، جاللات رايىغا...
ئۆزىدەك چاغلاشتى سېنى جاللاتلار،
تەڭگىنى تەڭرىدەپ تەلۋە بولۇشقان...
جاللاتلار ئۆلۈشتى سەن تىرىك ئەبەد،
ئاسمانغا ئاي قىلدى سېنى شەرەپشان.
يىغلىدى تەڭرىتاغ، ئۆكسۈدى تارىم،
يېڭىلىش ئەرزىمەس مەڭگۈ ھەزەرگە.
ئەسىرلەر مۇرادى، ئەجدادلار دادى،
مىڭ ئەتتەڭ !يالقۇن بوپ كۆمۈلدى يەرگە.
بىنۇمۇس قورقاقلار ئىش تامام دەيدۇ،
ۋە لېكىن باتۇرلار ئالار ئىنتىقام.
ئەقىدە نۇرچاچار، يانار يالقۇنجاپ،
ئئەقىدەيېڭىلمەس پولات ئىستىھكام.
پەخىرلەن ئانايەر، سېنىڭ پەرزەنتىڭ،
ئاقلىدى سۈتۈڭنى پىدا قىلىپ جان.
تاغ-دەريا ئۇنىڭغا ئالتۇن ئابىدە،
ھۆرمەتتە باقىدۇ ئاق كۆڭۈل ئىنسان.
*************************
ئىلىنىڭ بويىدا كەلدىڭ ئالەمگە،
ئىلىدەك دولقۇنلۇق بىر ئوغلان ئىدىڭ.
ئاتىلار ئاھىدىن ۋەتەن، خەلقڭگە،
غەپلەتلىك ئۇيقۇدىن <<تۇر، ئويغان>> دېدىڭ.
1981-يىل ماي، ساۋەن.
مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى. تورغا يوللىغۇچى:ئازىغ