چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar ئۈلۈشكۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas ئۈلۈشكۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz تۈنۈگۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 1637|ئىنكاس: 2

مىرئەھمەد مامۇت : يولنىڭ ئاخىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يولنىڭ ئاخىرى

‏يۈرەكلەرگە تۇتىشىدۇ
‏يولنىڭ ئاخىرى
‏چەكسىزلىككە ئايلىنار
‏قەلىبلەردىن باشلانغان كۈنى .

‏يولنىڭ يۈرىكى بولمايدۇ
‏سېنىڭ قەلبىڭ ئۇنىڭ يۈرىكى .
‏ئىتەكلىرىدە
‏ئېچىلغىنى غەمدۇر ھەر كۈنى .

‏سىغماس ھىچقاچان
‏كۆڭۈللەرگە يولنىڭ كەچمىشى .
‏كۆردۇق ئاخىرى
‏سىغىنغىنىنى.

‏2013-يىل 13-ئۆكتەبىر
‏‏كۆزۈڭنىڭ ئىچكىرسىدە

‏كۆزۈڭنىڭ ئىچكىرىسىدە
‏ئۈزىۋاتقان بىلىقمەن
‏قاسراقلىرىمدا
‏سېنى سۆيىمەن .

‏بىر تال سۈكۈتكە ئايلىنىپ
‏تۇغۇلىمەن كۈتۈشلىرىمدە
‏يۈرىكىڭنى ئېلىپ قاچىمەن
‏بۈگۈن كېچىدە .

‏كىرپىكلىرىڭدىن
‏تۆكۈلىمەن تامچە-تامچە
‏جىمجتلىققا سىڭىپ كېتىمەن
‏يۈرىكىڭدە .

‏2013-يىل 13-ئۆكتەبىر
‏كۈزنىڭ سوغۇقى

‏ئىنتىلىشتا چېچەكلەيدۇ
‏كۈنىڭ سوغۇقى .
‏تامچە-تامچە دەرت بولۇپ
‏كۆزۈمنىڭ نۇرى .

‏شىلدىر-شىلدىر شامىلى
‏كۆيەر ئوت بولۇپ .
‏غىرىپلىقى
‏قىينار تۇغۇلۇپ .

‏ياپراقلىرىڭ تۆكۈلەر
‏كۆزلىرىڭدە نەم .
‏ھاياتنىڭ دەردى
‏قىينار شۇ دەم .

‏2013-يىل 13-ئۆكتەبىر
‏سېزنىڭ كۆزىڭىز

‏يۈرىكىمنى ۋاراقلايدۇ
‏سىزنىڭ كۆزىڭىز.
‏ئايلىناتتۇق بىر تۈپ چىنارغا
‏بۇنى بىلسىڭىز .

‏ئۈنچىلەرنى چاچرىتىپ
‏ئېچىلغىنى پىراقتۇر بەلكىم .
‏سىغىنىشنىڭ ئۆچرىتىدە
‏تامچىلايمەن مىڭ قىتىم .

‏چىچەكلەردەك ھىدىڭىز بىلەن
‏يەلپۇپ ئۆتسىڭىز
‏مۇھەببەتكە ئايلىنار
‏سىزنىڭ كۆزىڭىز .

‏2013-يىل 13-ئۆكتەبىر



چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-4-20 15:40:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىرىكىلارغا مۇبارەك بولسۇن!
来自安卓客户端


ۋاقتى: 2015-2-16 01:36:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يولنىڭ ئاخىرى ئىسىل چىقىپتىكەن ئەمما ئەڭ ئاخىرىقى مىسرا ...... قايتا بىر يىزىپ باقە شۇ مىسرانى


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

زالىمنى يەر بىلەن تەڭ كۆر(موللا بىلال نازىمى)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 16:57 , Processed in 0.229117 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش