نان ۋە كائىنات
مىرئەھمەد مامۇت
پەرھات ئىلياس مەن ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان يازغۇچى ۋە شائىر . ئۇ ئۆزىنى ئىجادىيەتكە بىغىشلىغان ، تىنىمسىز ئىزدىنىدىغان بىر ئەدىب . ئۇنىڭ ئەسەرلىرى سان جەھەتتىنلا ئەمەس ، سۈپەت جەھەتتىنمۇ ئادەمنىڭ زوقىنى قوزغايدۇ . ئۇ ئەدەبىياتنىڭ ھەممە ژانىرىدا ئەسەر يازغان ، يازغان ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇتۇقلۇق چىقىپ ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئىرىشكەن ئەدىب . مەن ئۇنىڭ بىر سادىق ئوقۇرمىنى . بۇ يەردە پەقەت ئۇنىڭ « پەرۋاز » ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 11-سانىدا بېرىلگەن بىر پارچە شېئىرى نان ۋە كائىنات ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتىمەن .
شائىر ئالدى بىلەن بىر كۈزەتكۈچى . ئۇ نەزىرىگە ئىلىنغان ھەر بىر نەرسە ، ھەر بىر ھادىسىنى شېئىرىي نۇقتىدىن كۆزىتىشكە ئامراق . كۈزىتىش جەريانىدا قەلبىنى ھاياجانغا سالغان بىرەر نۇقتىدىن چىقىپ ، بىزنى ھاياجانغا سالىدىغان بىر پارچە شېئىرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ .
پەرھات ئىلياس كۈزىتىشكە ماھىر شائىر . ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا كۈزىتىشتىن چاقناۋاتقان گۈزەللىك ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان . تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكى ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلانغان . « نان ۋە كائىنات » دەل شۇ خىل ئۇزاق مۇددەتلىك كۈزىتىش ۋە ھاياجاننىڭ نەتىجىسىدۇر . شائىرغا ئاۋال ئانىسنىڭ نان يېقىش جەريانى تەسىر قىلغان . ئانىلارنىڭ نان يېقىش جەريانى بىر خىل گۈزەللىكتۇر . ئانىلار خىمىردىن نىپىز ۋە يۇمىلاق ناننى ياساپ تونۇرغا ياقىدۇ . گۈلخان كەبى ئوتتا قىززىپ تەييار بولغان تونۇر ، ئۆز تەپتى بىلەن بىز ھۇزۇرلىنىپ يەۋاتقان بىر مۇھەببەتنى ، ئانىلارنىڭ چەكسىز مىھرى سىڭگەن ناننى پۇشۇرۇپ بېرىدۇ . شائىرغا بۇ خىل گۈزەللىك يارىتىش جەريانى ئىلھام ئاتا قىلغان . بولۇپمۇ ئانىلارنىڭ نانغا چىرايلىق گۈللەرنى چېكىش جەريانى شائىر قەلبىدە پارتىلاپ چىققان . شۇنىڭ بىلەن بۇ شېئىر يېزىلغان .
ئانىلار نان ياققاندا چەككۈچ بىلەن نانغا چىرايلىق گۈللەرنى چىكىدۇ . بۇنىڭدا قانداق ئىلمى ئاساسى بارلىقى ماڭا سىر . بەلكىم شۇ تۆشۈكچىلەر ئارقىلىق خىمىر ئىسسىقلىق قۇبۇل قىلىپ ياخشى پىشىدىغاندۇ . ئەمما ، بۇ گۈللەرنىڭ نانغا بىر گۈزەللىك بېرىدىغانلىقى بىزگە سىر ئەمەس . ئەسلىدىنلا گۈزەل نەرسىگە چىكىلگەن بۇ گۈزەللىك ناننى قەلبىمىزدىكى بىر بۈيۈك نەرسىگە ئايلاندۇرىدۇ .
شائىرنىڭ قەلبىدىكى ھاياجان ئىلھامغا ئايلىنىپ ، قولىغا قەلەم ئالغاندا ، نان ، ئانا ۋە ناندىكى گۈللەر ئەسلىدىكى مەنىسىدىن ھالقىپ سىموۋۇللۇق ئوبرازغا ئايلىنىپ كەتكەن . دەل مۇشۇ خىل ئالاھىدىلىك شېئىرنىڭ مۇۋاپپەقىيەتلىك چىقىشىغا تۈرتكە بولغان .
نان بىز ياشاۋاتقان كائىناتقا ئايلانغان . ئانىلار كائىناتقا گۈزەللىك بىغىشلىغۇچى ئىلمىنىتلارغا ، ئانىلار چەككەن گۈللەر بولسا ، كائىناتنى يۇرۇتقۇچى يۇلتۇزلارغا ، تۈرلۈك ئاسمان جىسىملىرىغا ، ئىنسانلارنىڭ قەلبىدىكى تۈرلۈك سىموۋۇللۇق ئوبرازلارغا ئايلانغان . ئاپتۇر بۇ خىل ئىپادىلەش ئۇسۇلىغا يەنە ئاستىرۇنومىيەلىك بىلىملەرنى يۇغۇرۇش ئارقىلىق بىر گۈزەل ئوبرازنى مەيدانغا كەلتۈرگەن . ئانىلارنىڭ مىھرى ، ئانىلارنىڭ قەلبىدەك گۈزەللىك سىڭگەن نان ، ناندىن ھالقىغان سىموۋۇل ، ئىنسانلارنىڭ ئىتىقاد قارىشى ۋە ئاستىرونومىيەلىك قاراشلارنىڭ زىچ بىرىكىشى ، بۇ شېئىرغا جان كىرگۈزگەن . شۇڭا بۇ شېئىرنى ئوقۇغان ھەر بىر ئوقۇرمەننىڭ قەلبىدە بىر خىل سۆيۈنىش ھىسسىياتى قوزغىلىدۇ . بۇ ھىسسىيات شائىرغا بولغان رازىمەنلىك ھىسسىياتى بولىشىمۇ ياكى شېئىرنىڭ گۈزەللىكىدىن ھاسىل بولغان ھىسسىيات بولىشىمۇ ۋە ياكى شېئىرغا سىغدالغان نۇرغۇن بىلىملەرنىڭ بىرىكتۈرلىشىدىن كەلگەن ھىسسىيات بولىشىمۇ مۇمكىن .
شائىر شېئىردا بىر خىل ئىددىيەنى يۇرۇتقان . ئۇ بولسىمۇ ئىنسانىيەتنىڭ نانغا بولغان ئەقىدىسى بىلەن ئاستىرۇنومىيەلىك قاراشلارنىڭ بىركىشىدىن ھاسىل بولغان ئىددىيەدۇر . شېئىرنى ئوقۇغان ھەر بىر ئوقۇرمەن شېئىرىدىن ئۆزىگە كىرەكلىك نەرسىنى تامامەن تېپىپ چىقالايدۇ .
شېئىرنىڭ تىلى تاتلىقلاشتۇرۇلغان . يەنى بالىلارچە تۇيغۇ ، بالىلارچە تەسەۋۋۇر ۋە بالىلارچە چۈچۈك تىل بىلەن يېزىلغان . شېئىرنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكى ، تەبىئىي ھالدا شېئىرنى ئوقۇغان بالىلارنىڭ تەپەككۇرىنى قوزغايدۇ . بالىلار شېئىرغا ئەگىشىپ يۇلتۇزلارنى سانايدۇ ، يۇلتۇزلارغا قاراپ پىچىرلايدۇ ، يۇلتۇزلاردىن زوقلىنىپ خۇشاللىققا چۆمىدۇ . شۇ خىل ھاياجان بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ نان ئەقىدىسى ۋە بىر قىسىم ئاستىرۇنومىيەلىك بىلىملەرگە ئىگە بولىدۇ . مەسىلەن : ئۈكەر يۇلتۇز ئىنسانىيەت تەپەككۇرىدا نىشاننى پەرىق ئېتىش نۇقتىسى بولغان . چولپان يۇلتۇز ئىنسانىيەت تەپەككۇرىدا تاڭ ئېتىشقا سىموۋۇل بولغان . چولپان يۇلتۇز يورىغاندا تاڭ ئاتىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم . ھەمەل يۇلتۇز تۈركىمى بولسا باھارنىڭ كەلگىنىدىن بىشارەتتۇر . تارازا يۇلتۇز تۈركىمى بولسا تومۇز ئىسسىقنىڭ يانىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ . سۇمبۇلە يۇلتۇز تۈركىمى بولسا ئۇزۇق-تۈلۈكلەرنىڭ يىغىۋىلىشقا ، قىشنىڭ كېلىۋاتقانلىقىغا سىموۋۇل قىلىنغان . دېمەك ، بۇ خىل قاراشلار شېئىردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ ، بۇ شېئىر ھەقىقى مەنىدىكى بىر ئاستىرۇنومىيەلىك شېئىر بولغان . بۇ شېئىرنىڭ بالىلارغا ئاتا قىلىدىغىنى ھەقىقەتەن كۆپ .
شېئىرنىڭ ئاخىرقى ئالاھىدىلىكى ، بۇ شېئىرنى ئوقۇغان بالىلار تەبىئى ھالدا قولىغا قەلەم ئېلىپ ، تەپەككۇرىنى قاناتلاندۇرىدۇ . شېئىردىكى مەزمۇنلار ئارقىلىق ئوۇغۇچىلارنى يىزىقچىلىققا يېتەكلىگەندە ، ئۇنىڭ ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى بولىدۇ .
يىغىنچاقلىغاندا ، شائىر پەرھار ئىلىياس ئانىلارنىڭ نانغا گۈل چېكىش جەريانىدا تۇغۇلغان ئىلھامىغا تەبىئىتنىڭ گۈزەللىكى ، ئىنسانلارنىڭ نانغا بولغان ئىتىقادى ۋە بىر بۆلۈك ئاستىرۇنومىيەلىك بىلىملەرنى قۇشۇپ تەسۋىرلەش ئارقىلىق بىزنى بىر گۈزەل كائىناتقا باشلىغان . بۇ ھەقىقەتەن بىز ياشاۋاتقان گۈزەل يەر شارىغا ئوخشايتتى . ياق ، ئوخشايتتى ئەمەس ، دەل ئۆزى ئىدى .
ئەسلى شېئىر
نان ۋە كائىنات
ئاپام تىنماي نان ياسار ،
چەككۈچ بىلەن گۈل باسار .
ھەر بىر چەككەن ئىزلىرى ،
يۇلتۇزلارغا ئايلىنار .
چەككىنىدە ئۈكەرنى ،
نىشان بولۇپ پارلىدى .
يول تېپىشىپ ئازغۇنلار ،
يەنە سەپەر باشلىدى .
بىر چەككىنى بوپ قالدى ،
كۈن بوۋاينىڭ جەمەتى .
بالىلىرى يوپىتېر،
ئوران ، مارىس ، يەر شارى ...
چەككىنىدە چولپاننى ،
ئۇپۇق يورۇپ تاڭ ئاتتى .
قۇشلار چۈچۈك چۇرۇقلاپ،
كۈن بوۋايغا كۈي قاتتى .
ئاندىن يەنە چېكىلدى ،
ھەمەل يۇلتۇز تۈركىمى .
كەلدى شۇئان نەۋباھار ،
ئۇ پەسىللەر كۆركۈمى .
چېكىلگەندە تارازا ،
تومۇز تەپتىن قايرىدى .
تاڭ سەلكىنى غۇرۇلداپ ،
تەن ئاجايىپ يايرىدى .
چېكىلگندە سۇمبۇلە ،
ياز خوشلىشىپ كۈز يەتتى .
قىش غېمىدا جىمى جان ،
بەك ئالدىراش بوپ كەتتى .
ئاندىن يەنە چېكىلدى ،
ئەسەد، سەۋىر ، پادىچى .
بەكمۇ تىرەن مەنىگە ،
تولغانىدى بارچىسى .
ئاپام تىنماي نان ياسار ،
چەككۈچ بىلەن گۈل باسار .
نەن يۈزىگە پەم بىلەن ،
كائىناتنى سىغدۇرار .
2015-يىلى 14-ماي
|