چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar ئۈلۈشكۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas ئۈلۈشكۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz تۈنۈگۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 1311|ئىنكاس: 9

شائىر ئابدۇلئەھەت داۋۇت تۈركزاتنىڭ تەرجىمھالى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
شائىر ئابدۇلئەھەت داۋۇت تۈركزاتنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

turkzat2.jpg

شائىر ئابدۇلئەھەت داۋۇت تۈركزات 1968-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى گۇما ناھىيىسىنىڭ كۆكتېرەك يىزىسىدا مەرىپەتپەرۋەر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.1978-يىلى 9-ئايدىن 1986-يىلى 7-ئايغىچە ئۆز يېزىسىدكى باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە،1986-يىلى 9-ئايدىن 1989-يىلى 7-ئايغىچە خوتەن ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتىۋىنىڭ ئومۇمى پەن سىنىپىدائوقۇغان.1996-يىلى 5-ئايدىن 1999-يىلى 9-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنۋىرىستىتىنىڭ سىرتتىن ئوقۇش سىنىپىدا تىل-ئەدەبىيات كەسپى بويىچە ئوقۇپ مەخسۇس  كۇرۇس ئوقۇش تارىخىغا ئېگە بولغان.ئۇ 1989-يىلى دارىلمۇئەللىمىن مەكتىۋىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن 1995-يىلغىچە ئۆز يېزىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتنى ئىشلىگەن.1995-يىلى 5-ئايدىن 1997-يىلى 5-ئايغىچە كۆكتېرەك يېزىلىق پارتىكۇم،خەلق ھۆكىمىتىدە كاتىپلىق،1997-يىلى 5-ئايدىن 2000-يىلى 12-ئايغىچە گۇما ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىدە چوڭلار مائارىپ كادىرلىق ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن.2000-يىلى 12-ئايدىن ھازىرغا قەدەر يەنە ئۆز يېزىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئىشلەۋاتىدۇ.شائىرنىڭ ئەدەبى ئىجادىيىتى خوتەن ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتىۋىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە باشلانغان بولۇپ،تۇنجى ئەسىرى-«غايە يولىدا»ناملىق شىئېرى «خوتەن گېزىتى»نىڭ 1987-يىللىق 19-دىكابىر سانىدا ئىلان قىلىنغان.شۇندىن ئىتىبارەن ئۇ «جوڭگۇ مىللەتلىرى»،«تارىم»،«شىنجاڭ ياشلىرى»،«يېڭى قاشتېشى»،«شىنجاڭ گېزىتى»،«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»،«خوتەن گېزىتى»قاتارلىق ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدىكى ھەرقايسى گېزىت- ژورناللاردا 400 پارچىدىن ئارتۇق شىئېر،«زاپاس ئاشقازان سەپلەش ئىلانى»،«خېتىڭىز چىرايلىق بولغاندىكىن»قاتارلىق 20پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە-فىليەتۇن،نەسىر ۋە ئوبزور ماقالىلىرىنى ئىلان قىلغان.1995-يىلى«غەزەللەر»ناملىق بىر گۇرۇپپا شىئېرى«يېڭى قاشتېشى»ژورنىلى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر ئەسەر «مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.«يۇرۇڭقاش شاتلىقى»،«شائىرلار نىمە دەيدۇ»ناملىق كوللىكتىپ توپلاملارغا شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن.ئۇ يېقىندىن بىرى «شۇ كېچە»،«ئالداشنى ئۆگىتىدۇ ئالدىنىشلار»،«تۈركزات رۇبائىيلىرى»قاتارلىق ئۈچ پارچە توپلىمىنى نەشىرگە تەييارلىدى.شائىر ئىجادى ھاياتىدا «شەھلائىي»،«نەشتەرى»قاتارلىق ئەدەبى تەخەللۇسلارنى قوللانغان بولۇپ،يېقىنقى ئون يىل مابەينىدە«تۈركزات»دېگەن ئاتالغۇنى تەخەللۇس ھەم فامىلە(ئىچ ئات )قىلىپ ئىزچىل قوللىنىۋاتىدۇ.
شائىر ئابدۇلئەھەت داۋۇت تۈركزات ھازىر«گۇما دىيارى»مۇنبىرىنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىسى ھەم ئالى باشقۇرغۇچىسى. خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ھەم گۇما ناھىيىلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى.

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-12-8 23:50:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     تۈركزات ئاكىمىزنىڭ تەرجىمھالى بىلەن مۇنبەر يۈزىدە تونۇشۇپ چىققىنىمدىن خوشالمەن!  ھاياتلىق باھارىڭىزنىڭ 45- پەسلىگە مۇبارەك بولسۇن ئاكا، ئىجادىيىتىڭىزگە ئوتۇق تىلەش بىلەن بىرگە ئەزىز تېنڭىزنىڭ سالامەت بولۇشىنى تىلەيمەن، ئىزدىنىشلىرىڭىز ئوتۇقلۇق  بولغاي  !!!!
ۋاقتى: 2013-12-9 19:54:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جان-جىگەر دوستۇم ، يىقىن خوشنام ۋە كۆيۈملۈك بۇرادىرىم تۈركزادقا  ياراتقان ئاللاھ دىن ئائىلىسىگە  بەخىت ، تىنىگە سالامەتلىك، بۇندىن كىيىنكى  خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق ۋە ىئجادىيەتلىرىگە بەرىكەت   تىلەيمەن. ئىنىم تۈرۈكزادنىڭ بۇندىن كىيىن ئەڭ يىڭى نادىر ئەسەرلەرنى  روياپقا چىقىرىشىغا تىلەكداشمەن!
ۋاقتى: 2013-12-10 00:02:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇمنىڭ قەدىمىگە بەركەت،قەلىمىگە ئىزچىللىق ،سۈزۈك پەللىلەر يار بولغاي!ئىجات سەپىرىدە چىرايلىق تاڭلار بىلەن قۇچاقلاشقاي!
ۋاقتى: 2013-12-12 23:38:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىنىگە ساغلاملىق،ئېجادىيىتىگە ئىزچىللىق تىلەيمەن
ۋاقتى: 2013-12-13 00:12:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈرۈكزاتنىڭ  تەرجىمھالى  بىلەن  تۇنۇشۇپ  چىققىنىمدىن  تولىمۇ  خوشال  بولدۇم شائىرنىڭ  بۇنىڭدىن كېيىنكى  مۇساپىسىنىڭ ئۇتۇقلۇق  ئائىلىسىنىڭ بەختلىك  بۇلۇشىنى  تىلەش بىلەن  بىللە  ئىجادىيىتىگە  مۇۋەپىقىيەت  تىلەيمەن
ۋاقتى: 2013-12-13 13:58:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالام تۇرۇكزات. تەرجىمھاللىرىنى مۇنبەردە كۆرۈپ سىلىنىڭ تۇغۇلغاندىن تاكى ئۆسۇپ يىتىلىش، ئوقۇش،خىزمەت ۋە ئىجادىيەت تارىخلىرىغا بولغان تونۇشۇم يەنە بىر بالداق يۇقۇرى كۆتىرىلدى. مەن سىلىدىن پەخىرلىنىمەن. ھەم سىلىىنڭ ئائىلىلىرىگە چەكسىز بەخىت، تۇرمۇشلىغا خاتىرجەملىك، ئىجادىيەتلىرىگە ئۇتۇق، تىلەيمەن.
ۋاقتى: 2013-12-13 17:27:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىسۇن..بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيتىڭىزگە  ئۇتۇق تىلەيمەن...
ۋاقتى: 2016-1-24 01:30:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا    پەزىلەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-24 01:31  

سالام ئابلەت  تىچلىكمۇ ؟كۇرۇشمىگىلى 3يىلدىن .ئاشتىغۇ دەيمەن،........مۇنبەرگە كىرىپ تۇنجى كۇرگىنىم سىز بۇلدىڭىز .شۇ سەۋەپتىنمىكىن پەقەت مۇنبىرىڭلادىن يات سىرمىدىم
ۋاقتى: 2016-2-5 03:00:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى دەپ قوشۇپ قويساق بولىدىغاندۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بايغا يىقىنلاشساڭ ماياق يەيسەن،نامراتقا يىقىنلاشساڭ تاياق

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 12:57 , Processed in 0.886952 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش