چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar ئۈلۈشكۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas ئۈلۈشكۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz تۈنۈگۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 480|ئىنكاس: 1

يەكەن چىھىلتەنلىرىم مازىرى توغرسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-13 11:55:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
يەكەن چىھىلتەنلىرىم مازىرى توغرسىدا

ئاپتۇرى:تۇرسۇن پىداقۇل

qilten-1.jpg

چىھىلتەن مازرى ئادەتتە «چىلتەن » ياكى «چىلتەنلىرىم » دەپمۇ ئاتىلىدۇ . بۇنىڭدىكى «چىھلتەن » دىگەن سۆز - دىننى تەسەۋۋۇرلارغا ئاساسلانغاندا  غايىبانە كۇچكە ئىگە بولغان چىھلتەنلەرنىڭ ئادەم كۆزىگە كۆرۇنمەيدىغانلىقى ، بەزىدە ئۇلارنىڭ ئادەم قىياپىتىدە ئىنسانلاربىلەن بىللە ياشايدىغانلىقى ، ئادەتتە ئۇلارنىڭ مازارلاردا ئىستى قامەت ئاپەتلەردىن ساقلىنىش ، كىسەلدىن قوتۇلۇش مەخسىتىدە چىھلتەنلەرگە ئاتاپ  پىلىكتىن ياسالغان قىرىق دانە چىراق يىقىش ، ھەرخىل تائاملارنى پۇشۇرۇش  ، پوشۇرۇلغان تائاملار ( چىھلتەن  ئىېشىنى ) يىغىلغان قىرى ، ئاجىز ، خوتۇن - قىزلارغا تارقىتىپ بىرىشتەك ئادەتلەر بولغان .
qilten-2.jpg

چىھىلتەن مازرى  يەركەن بازار كۆرباغ ئىجدىمائىي رايونىنىڭ  6- مەھەللىسىگە جايلاشقان بولۇپ ، ئالتۇن مەسچىتنىڭ شەرقىگە 500 مىتىر كىلىدىغان جايدا . كۆلىمى 160 كۇۋادىرات مىتىر كىلىدۇ . بۇ مازار يەنە « ھەپتە مۇھەممەدان مازرى » دىپمۇ ئاتىلىدۇ . ھەپتە مۇھەممەدان - ئىسلام دىنىنىڭ پەيغەمبىرى  مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنى بىلگۇچى يەتتە كىشى دىگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ . تارىخى ماتىرياللارغا ئاساسلانغاندا بۇ جاي ( مىلادىيەنىڭ 1460- يىللىرى ) ئەبۇ تالىپ سەنبەستى ۋەلى ( قوچقار ئاتا ) تەرپىدىن دائىرگە ئىلىنغان .1870 -يىللىرى ياقۇپ بەگ تەرپىدىن پىششىق خىش بىلەن مەسچىت ، گۆمبەز ياسالغان بولۇپ ، گۆمبەز ئىچىگە يەتتە قەبرە قاتۇرۇلغان ، مازارئەتراپى يەرلىك ئاھالەلەرنىڭ قەبىرىستانلىقى بولۇپ،چىھلتەنلىرىم مازىرىڭ قاچان بىنا قىلىنغانلىقى ھەققىدە ھازىرغا قەدەر ئىشەنجىلىك ماتىريال يوق .
qilten-3.jpg

بۇمازارغا دەپنە قىلىنغان زاتنىڭ كىملىكى توغرسىدا ئىككى خىل رىۋايەت خەلق ئارسىدا تارقىلىپ كەلگەن ، ئۇنىڭ بىردە ئىتىلىشچە تاڭ سۇلالىسى دەۋرى ( مىلادىيەنىڭ 618-907 يىللىرى ) دە مۇھەممەد ئەلەھھىسالامنىڭ يەتتە ساھابىسى ئىسلام دىنىنى تارقىتىش ئۇچۇن كىلىپ مۇشۇ قايدا قازا   قىلغان ئىكەن ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇشۇ يەرگە دەفنە قىلىنغان ئىكەن .  يەنە بىرىدە ئىتىلىشىچە ، ئوتتۇرا ئاسىيالىق چوڭ ئىشان خوجا ئابدۇللانىڭ يەتتە مۇرىتى ئىسلام ئىچىش ئۇچۇن كىلىپ مۇشۇ جايدا شەيھت بولغاندىن كىيىن مۇشۇ جايغا دەپنە قىلىنغان ئىكەن . چىھلتەن مازىرى  توغۇرسىدا يازما مەلۇمات ، يەركەن سەئىېدىيە خاندانلىقى دەۋىرىدە مەشھۇر تارىخ شۇناس مىرزامۇھەممەد ھەيدەر كورەگان (  مىلادى1499-1551يىللار ) نىڭ « تارىخى رەشىدى » ناملىق ئەسىرىدە   ئۇچرايدۇ ، مەلۇماتلارغا قارغاندا بۇمازار دوغلات قەبىلىسىنىڭ باشلىقى مىرزا ئابابەكرى ھۆكۇمرانلىق قىلغان دەۋىر ( مىلادىيە 1468-1514-يىللىرى ) بىلەن ياقۇپ بەگ ھۆكۇمرانلىق قىلغان دەۋىر (  مىلادىيە 1865-1877 يىللىرى ) يىللىرىدا قايتا ياسالغانلىقى مەلۇم مازارنىڭ ھازىرقى قورلۇش كۆلۇمى ۋە ياسىلىش قۇرلۇش قىلىش ئۇسلۇبى  ئىككىنجى قىتىملىق قايتا كىڭەيتىپ قورلۇش قىلىش ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن  .چىھلتەن مازىرى قەبىرگايى ، مەسچىت ۋە دەرۋازا مۇنارى قاتارلىق  بىريۇرۇش قورلۇشلاردىن تەشكىل تاپقان ، قەبىر گاھنىڭ ئاستى چاسا شەكىللىك ئۇستى گۆمبەز تورۇسلۇق بولۇپ يىشىل خىش بىلەن قوپۇرۇلغان ، ئىگىزلىگى تەخمىنەن 20 مىتىر كىلىدۇ ، ئىچىگە قاتار قىلىپ يەتتە قەبىر قاتۇرۇلغان ، قەبرە ئالدىغا ئۆتۇك سىمان تاش ۋە يوغان مۇڭگۇزلەر قويۇلغان ،ئوينىڭ تۆت ئەتراپىغا توغ- ئەلەملەر قادالغان ،رىۋايەت  قىلىنىشچە بۇ تاش ئۆتۇك يەتتە مۇھەممەدداننڭ تاشقا ئايلانغان ئۆتۇكى ئىكەن.
qilten-4.jpg

ئىيتىشلارغا قارغاندا بۇ مازار ئىچىدە ئالتۇن بىلەن كۇمۇشتە ياسالغان بىر قۇتا بار بولۇپ ئۇنىڭدا ئەسلىدە بىرنەچچە تال ساقال ساقلانغان ، بۇ ساقالنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكىدە ئىككى خىل رىۋايەت تارقىلىپ كەلگەن بىرىدە  ئىتىلىشىچە بۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ساقىلى ئىكەن : يەنە بىرىدە  ئىتىلىشچە بۇ ساقال ئىمامى رەببانىنىڭ ساقىلى ئىكەن ، لىكىن ،  بۇ ساقال ئاللى بۇرۇن يوقالغان ئىكەن . چىھىلتەن مازىرى يەركەندىكى ئۇزاق يىللىق تارىخقا ئىگە داڭلىق مازارلارنىڭ بىرى بولۇپ بۇ مازار ھەر يىلى  بارات كىېچىسى يىتىپ كەلگەندە بۇ مازارغا كىلىپ تاۋاپ قىلىدىغانلار بىرە مىڭ كىشىدىن ئاشىدىكەندۇق . بۇ مازاردا ھازىرمۇ ھاجەتلىرىنى تىلەش  ئۇچۇن كىلىپ تاۋاپ قىلىدىغانلارنىڭ ئايقى ئۇزۇلمەيدۇ . چىھلتەن  مازىرىدىكى ئاساسلىق قەبىرە گاھنىڭ شەرىق .غەرىپ ۋە جەنۇپ تەرپىگە   ياغاچ تۇرۇكلەر تىرەپ قويۇلغان ، ئۇنىڭ تىلاۋەت خانىسى يىنىدا ھەرخىل  پالىيەتلەرنى ئىلىپ بىرىشقا بولىدىغان بىر نەچچە ھۇجۇرلار بار ، بۇ  مازار ھازىرقى ۋاقىتقىچە بىرقەدەر ياخشى ساقلانغان بولۇپ ،1990-يىلى « ناھىيە دەرجىلىك نوختىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى »  قىلىپ بىكىتىلگەن . 2003- يىلى  « ئاپتۇنۇم رايۇن دەرجىلىك نوختىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى »  قىلىپ بىكىتىلگەن .
qilten-5.jpg

مەنبە:يەكەن مەدەنىيتى ژۇرنىلى
مەنبە:ئىزدىنىش مۇنبىرى

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-1-27 21:19:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ .ئااتا-ئانامنىڭ قەبرىسىمۇ مۇشۇ مازار بىشىدا ،نەچچە يىللىنىڭ ئالدىدا ‹‹ئاخىرقى رەسىم ››مازار ھويلىسى ئچىدە شۇنداق يوغان بىر قازان بارتى،،توغرا ھەريىلى بارائەت كىچىلىرى شۇنچە كوپ جامائەت توپلىشاتتى...مازاردىكى چىنە قىشنىڭ رەڭگى شۇنچىلىك چىرايلىق،نەپىس ئشلەنگەن بولۇپ رەڭگى ھازىرغىچە ئۇڭمىگەن ،شۇنچىلى كۇركەم كورنىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ھەقىقەت نوپۇزنىڭ ئەمەس،ۋاقىتنىڭ بالىسىدۇر(.برېھت)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 12:32 , Processed in 0.230771 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش