چىنتۈرك مۇنبىرى

كۆرۈش: 420|ئىنكاس: 0

ئوت(ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan
غوجامۇھەممەد قابىز
ئوت
(ھېكايە)


ئايسۇلتاننىڭ Q ناھىيىسىگە يۆتكىلىپ كەلگىنىگە ئۈچ-تۆت ئاي بولۇپ قالغان بولسىمۇ تېخىچە كۆنەلمەيۋاتاتتى. ئۆزى چوڭ بولغان يۇرتىدىن،ئاتا – ئانىسىدىن، ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنىدىن بىراقلا ئايرىلىپ، ئۆمرىدە كۆرۈپ باقمىغان چەت ناھىيىدە يېڭى تۇرمۇشىنى باشلاش ئۇنىڭغا خېلىلا ئېغىر كەلگەنىدى. بۇيەرنىڭ قىشىمۇ ئۆز يۇرتىدىكىدىن خېلىلا سوغۇقتەك تۇيۇلدى.كەچكۈز ئايلىرى بولىشىغا قارىماي، بالدۇرلا قار چۈشۈپ كەتكەنىدى.تالا سوغۇق بولغاچقا ئۇنىڭ كۈنلىرى ئۆيگە قامىلىپ ئۆتىۋاتاتتى.
گەرچە تويدىن كېيىنكى كۈنلەر ئۇنىڭغا شىرىن تۇيغۇلارنى بېغىشلاپ يېڭىچە شاتلىق ئېلىپ كېلىۋاتقان، يېڭى ھەمرايى - ئېرى ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ ياخشى كۈتىۋاتقان بولسىمۇ، كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرى يېڭى ئاچقان بوزلۇقتەك، يەنىلا بىر نەرسە كەمدەك ھىس قىلاتتى. توينىڭ دەسلەپقى كۈنلىرىدە ئېرى ئۆيدە بولغاچقا ۋە كونا  يېڭى تۇققانلار كېلىپ كېتىپ تۇرغاچقا، ئانچە يالغۇزلۇق ھىس قىلمىغانىدى.توينىڭ رۇخسەت ۋاقتى توشۇپ، ئېرى خىزمەتكە كەتكەندىن كېيىن ئۆي ئىچى بىردىنلا جىمىپ زىرىكىشلىك بولۇپ قالدى. بۇنداق چاغلاردا ئۇ تولىراق ئاتا - ئانىسىنى، يۇرتىنى، يۇرتىدىكى خىزمەتداش دوستلىرىنى ئەسلەيدىغان بولۇپ قالدى . بۇنداق چاغلاردا ئۇ، ئۆزىگە ئەرمەك تېپىش ئۈچۈن ئۆي ئىچىنى تۈزەشتۈرەتتى، مېھمانخانىدىن بالىكۇنغىچە كۈندە نەچچە قېتىم سۈپۈرۈپ تازىلاپ چىقاتتى؛ لېكىن ھەرقانچە قىلسىمۇ قەۋەتلىك بىنالارنىڭ ئۆز يۇرتىدىكى ئۆيىدەك ھويلا ئارام، باغۋارانلىرى بولمىغاچقا، تازىلايدىغان ئۆيلەرمۇ چاغلىق ئېدى. قولى بوشىغاندا تېلىۋىزۇر ئالدىغا كېلىپ قاناللارنى يۆتكەپ ئۇنى - بۇنى كۆرەتتى؛ كىتاپ - ژۇرناللارنى ئاقتۇرۇپ كۆرۈپ باقاتتى؛ شۇنداقتىمۇ كۆڭۈل قەسرىدىكى بۇ بوشلۇقنىڭ ئورنىنى ئۇ يېڭىدىن ئېرىشكەن شاتلىق تامامەن تولدۇرۇپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى،ئاتا–ئانا،ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق مېھرىنىڭ ھېچنەرسىگە ئوخشىمايدىغان  ئىنتايىن چوڭقۇر تۇيغۇ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلماقتا ئېدى. ئامال قىلىپ ئۆتكەنلەرنى - ئائىلىنى، يۇرتىنى، دوستلىرىنى ئۇنۇتاي دېگەنسىرى خىياللىرى يىڭىلىنىپ، ئۇنى تېخىمۇ ئويچان قىلىپ قويىۋاتاتتى؛ ئايسۇلتاننىڭ كۆڭۈل قەسرىدە ئىككى تەرەپ ئېلىشماقتا ئېدى:
سەن بىر ئەرنى دەپلا ئاتا-ئاناڭنى، بىر تۇققانلىرىڭنى تاشلاپ بۇ يەرگە نېمىشقا كەلگەن بوغىيتتىڭ-ھە !
- ياق ، قىز بالا دېگەن ھامان ياتلىق بولىدىغان گەپ، ئاتا-ئانا دېگەن ساڭا ئۆمۈرلۈك مىراس ئەمەس، ئايال دېگەن ئۆي تۇتىشى، ئانا بولىشى كېرەك.بولمىسا ئۇنىڭ نېمە كېرىكى،سەن توغرا قىلىۋاتىسەن.
- ئاتا-ئاناڭنىڭ قېشىدا ھەممە نەرسە تەل تۇرسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاناڭ ھەركۈنى ئەتتىگىنى نەچچە قېتىم چاقىرىپ ‹‹تامىقىڭنى يەۋال قىزىم ›› دەپ بېشىڭدا ساقلاپ تۇرسا، ئەسنەپ يېتىپ ناشتا قىلغۇڭ كەلمەي خىزمەتكە كېتىسەنۇ، بۇيەردە ھەممىدىن سەھەر تۇرۇپ، ئۆي – جايلارنى يىغىشتۇرىسەن، ئېرىڭ ئۈچۈن ناشتىلىق تەييارلايسەن، تېخى ئۇنى ناشتا قىلىشقا زورلايسەن؛ سەنمۇ ئوخشاشلا ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىنى قىلىسەن ھەم ئېرىڭنىڭ خىزمىتىنى قىلىسەن. ئېرىڭ بۇنى بىلەرمۇ؟ سەن قانچىلىك خوۋلۇق كۆرەرسەن؟ بۇ ساڭا ئېغىر كەلمەمدۇ؟
- ياق، مەن ئۆي ئىشلىرىنى قىلغىنىمدا، تاماق تەييارلاۋاتقىنىمدا بىرسى بىلسۈن دەپ ئەمەس بەلكى بىر ئايال بولغىنىم ئۈچۈن قىلىمەن، ئۆي دېگەن بىر كىچىك ۋەتەن، مەن موشۇ ۋەتەننىڭ گۈزەل بولىشىنى بەكمۇ خالايمەن، مەنمۇ موشۇ چىرايلىق كىچىك ۋەتەندە ئولتۇرىمەن، مەنمۇ موشۇ ۋەتەننىڭ بىر ئەزاسى، بۇ ماڭىمۇ تەئەللۇق.  تاماق تەييارلاشقا كەلسەك، ئالدى بىلەن مەن موشۇ تاماقنىڭ تۇزىنى تېتىيمەن، موشۇ تاماقنى يەيمەن. قىلغانلىرىم ئەلۋەتتە بىرلا كىشى ئۈچۈن ئەمەس.‹ بۇ دۇنيا پەقەت ئاياللار بىلەن گۈزەل › دېيىلگەنغۇ! مەن ئەشۇنداق گۈزەل دۇنيا يارىتىش ئۈچۈن ياشايمەن.
- بولدى ساڭا گەپ تېپىپ بەرگىلى بولمىغىدەك، ئۆزۈڭ بىلگەننى قىل!
ئىككىنچى تەرەپ ئاخىرى تالىشىۋېرىشتىن توختاپ ۋەسۋەسىگە تولغان بۇ قەلب دېڭىزى تېچلىنىپ قالدى.
ئايسۇلتان ئاخىرى تۈگىمەس خىيال ۋە يۇشۇرۇن سېغىنىشلىرىنى ئۇنتۇش ئۈچۈن رۇخسەت ۋاقتى توشىماي تۇرۇپ مۇددەتتىن بۇرۇن خىزمەتكە چۈشتى .
خزمەتداشلىرى يېڭى كېلىننى قىزغىن كۈتىۋالدى، خىزمەتلىرىگە ياردەملەشتى، تالاش تارتىش قىلىپ ئۆيلىرىگە باشلاشتى. ئۇنى ئۆز كۆردى. بۇنىڭ بىلەن ئىلگىرىكى يالغۇزچىلىق، ياتسىراشلار پەيدىن-پەي تۈگەشكە باشلىدى، كۈنلەرنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، يېڭى دوستلىرى پەيدا بولدى.
ئادەم دېگەن مەڭگۈ قانائەتچان بولالمايدىكەن. ئايسۇلتاننىڭ كۈندىلىك خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئىشلىرى كۈنلەرنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ خاتىرجەم بولىۋاتقان بولسىمۇ كوڭلىنىڭ بىر يەرلىرىنىڭ ھامان ئاچ ئىكەنلىكىنى، نېمىدۇ بىر نەرسىنىڭ يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى ھىس قىلماقتا ئېدى. ئۇ بالىلار ئىچىدە يالغۇز قىز ئېدى.
بۈگۈن ئايسۇلتان ئىشقا چۈشۈپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئىدارىنىڭ گېزىت ماتىرىيال تارقاتقۇچىسى ئۇنىڭغا  ‹ شىنجاڭ ئاياللىرى › نىڭ يېڭى سانى بىلەن قوشۇپ بىر پارچە كونۋېرىت ئەكىلىپ بەردى. ئۇ ژۇرنالنى پارتىنىڭ بىرتەرىپىگە سۈرۈپ قويۇپ كونۋېرىتنى قولىغا ئالدى. يىقىنقى يىللاردىن بېرى كىشىلەرنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقىدە خەت - چەك ئېۋەتىدىغان ئىشلىرى ئاللىقاچان ئۇنتۇلۇپ، ھەدېسىلا تېلىفون ياكى كومپىيۇتېردىكى QQ لارغا چاپلىشىۋېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭغا كېلىپ قالغان خەت ئۇنى ھەم قىزىقتۇردى ھەم ھەيران قالدۇردى. ئۇ قولىدىكى ئىشلارنى ئاستا يىغىشتۇرۇپ ئۇنىڭغا تېپىشماقتەك تۇيۇلغان بۇ كونۋېرتنىڭ ئۈستىدىكى ئادرىسقا كۆز يۇگۇرتتى، خەت ئەۋەتكۈچى: ‹‹K ناھىيە سايكۆل يېزىلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا  مەكتەپتە ئوقۇپ تۇرغۇچى سىڭلىڭىز ئايبادام ›› دەپ يېزىلغانىدى. كونۋېرتتىكى ئادرىس ئۇنى تەئەججۈپكە سالدۇردى. قارا كۆل يېزىسى ئۇنىڭ بالىلىق قەلبىدە ناھايتى سۇس ئىز قالدۇرغان، ئۇ بۇ يەرگە تۇغقان يوقلاپ بارغانمۇ ياكى باشقا سەۋەپ بارمۇ بۇنىڭغا ئۆزى بىر نېمە دېيەلمەيىتتى.ئۇنىڭ خىرە شىرە ئېسىدە قالغىنى پەقەت چوڭ ئايۋان- سارايلىق بىر ئۆي، ئۇ بەكمۇ يىراقتا ئېدى. ئۇ ئەقلىگە كىرگەندە بولسا سايكۆل توغرىلىق ئاتا – ئانىسىدىن ئىككىنجىلەپ ھېچقانداق گەپ – سۆز  ئاڭلىمىغان ئېدى. نېمە ئۈچۈندۇ ئانىسىنى ئاچا دەپ، دادىسىنى ئاكا دەپ چوڭ بولدى. ئېھتىمال موشۇ تۈپەيلىدىن بولسا كېرەك بىر قېتىم  بەزى غەيۋەتچى خوتۇنلاردىن ھازىرقى ئانىسىنىڭ ئۆز ئانىسى بولماستىن ئانىسىنىڭ سىڭلىسى (تاغاچىسى) ئىكەنلىلىكىنى، دادىسىنىڭمۇ ئۆز دادىسى ئەمەس، بېقىۋالغان دادىسى ئىكەنلىلىكىنى چىتىڭ-پېتىڭ ئاڭلاپ قېلىپ شۇ يەردىلا ئۇلارغا تىل سېلىپ، ھۆڭرەپ يىغلىغان پېتى ئۆيدىكىلەرگە ئېيتقان ئېدى. ئانىسى بىر دەم تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن ئۇنى  پەپىلەپ : ‹‹ خاتىرجەم بول قىزىم، مەن  سېنى تۇغقان ئۆز ئاناڭ، بىكارچى خوتۇنلار چىدىماسلىق، كۆرەلمەسلىك قىلىپ شۇنداق دەيدۇ›› دەپ ئۇنى باغرىغا بېسىپ مۆل - مۆل ياش تۆككەن، ھېلىقى كوت-كوتچى خوتۇنلارغا ئۆزىنى راسا تونۇتۇپ قويۇپ ئىككىنچى ئېغىز ئاچالماس قىلىۋەتكەنىدى. دادىسىمۇ خۇددى باشقا بالىلارنىڭ دادىلىرىغا ئوخشاش ئۇنى كىچىكىدىن بوينىغا مىندۈرۈپ باققانىدى، پات- پات بازارلارغا ئاپىرىپ تاتلىق – تۈرۈملەر بىلەن يانجۇقلىرىنى توشقۇزۇپ قوياتتى، ئەڭ چىرايلىق كېيىملەرنى ئېلىپ بېرەتتى. باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ ئالىي مەكتەپكىچە زىرىكمەي، ۋايسىماي  ئوقۇتتى. بۇنى پەقەت ئۆز ئاتا - ئانىسى بولغان كىشلەرلا قىلالايىتتى، ئۇ بۇنىڭغا ئىشىنەتتى.
    ئايسۇلتان ئەشۇ خىياللاردىن كېيىن دەرھال ئېسىنى يىغىپ ئىشخانا ئىشىكىنى ئىچىدىن تاقىۋەتتى-دە، سافاغا كېلىپ ئولتۇرۇپ كونۋېرىتنىڭ ئېغىزىنى پەم بىلەن ئاچتى. كونۋېرتتىن ئىككى پارچە رەسىم بىلەن تۆت بەت خەت چىقتى. ئايسۇلتان ئالدى بىلەن رەسىمگە كۆز يۇگۇرتتى: بۇ  13- 14ياشلاردىكى بىر قىز بىلەن ئۇنىڭدىن چوڭراق ئىككى ئوغۇل بالىنىڭ بىرگە چۈشكەن رەسىمى بولۇپ ئۇلارنىڭ چىرايلىرى ئوخشىشىپ تۇراتتى، ھەر قانداق كىشى ئۇلارنى بىر تۇغقان ئاكا–سىڭىللار ئىكەن دەپ جەزمىلەشتۈرەلەيىتتى. ئۇ، رەسىمنى بىر ياقتا قويۇپ، نەزىرىنى خەتكە ئاغدۇردى: تۆت بەتلىك ئوخشاش بولمىغان ئىش قەغىزىگە (قەغەزنىڭ ئۈچ ۋارىقى نېپىز، قىزىل سىزىقلىق، بىر ۋارىقى قېلىن ھەم چوڭراق ئېدى) ئۈنچىدەك تىزىلغان، بىر ساددا، بىغۇبار يۈرەكنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن فونتاندەك ئېتىلىپ چىققان دۇردانىلار بولۇپ ، مۇنداق دېيىلگەن ئېدى :
‹‹ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
قەدىرلىك ئايسۇلتان ئاچا، ياخشىمۇ سىز، تېنىڭىز سالامەتمۇ، ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇقمۇ؟
مېنىڭچە ھەر جەھەتتىن ياخشى تۇرغاندۇ دەپ ئويلايمەن.
مەندىن ئەھۋال سورىسىڭىز: مېنىڭمۇ تېنىم ساق، ئوقۇشۇم ناھايىتى ياخشى، تۇرمۇشۇم خاتىرجەم، ھەر جەھەتتىن ياخشى تۇرىۋاتىمەن.
مەخسەتكە كەلسەك، مېنىڭ ئىككى ئاكام بار( رەسىمنى قوشۇپ ئەۋەتتىم)، مەن پەقەت بىرلا يالغۇز قىز. ھازىر مەن تولۇقسىز (7- سىنىپ) ئوقۇغۇچىسى. بەلكى سىز مېنى تونىماسلىقىڭىز ۋە بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، ياكى باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن مەن توغرۇلۇق بىرەر گەپ ئاڭلىغان بولىشىڭىزمۇ مۇمكىن.
مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم پەقەت ۋە پەقەت بىرلا: ئۇ بولسىمۇ سىز بىلەن تونۇشۇپ، ئىناق ئاچا-سىڭىللاردىن بولۇپ قېلىش. بىزنىڭ ئۆيىمىزدىكىلەر ئارىسىدىن پەقەت ئىككىمىزلا تونۇشمايدىكەنمىز، مېنىڭ سىز بىلەن تونۇشىشىمنى ئۆيىمىزدىكىلەرنىڭ ھەممىسى خالايدۇ ۋە ئىنتايىن قوللايدۇ. تېلىفون نۇمۇرىڭىزنى ئىزدەپ تېپىپ ، سىزگە نەچچە قېتىم تېلىفون قىلاي دېدىم، بىراق جۈرئەت قىلالمىدىم.
بىلەمسىز ئايسۇلتان ئاچا ! نەچچە يىللاردىن بېرى بىر غايىۋانە كۇچ مېنى ئاچاڭ بىلەن تونۇشقىن دەۋاتىدۇ، سەبىي يۈرىكىم ئاچاڭنى ئىزدەپ تاپ دەۋاتىدۇ. مەن ئەمدى پەقەت بەرداشلىق بېرەلمىدىم. يوللاردا يالغۇزدىن-يالغۇز ماڭغان چاغلىرىمدا، ساۋاقداشلىرىمنىڭ چىرايلىق ھەدىلىرى ئۆز سىڭلىسىنىڭ بوغماق قوللىرىنى تۇتۇپ يولللاردا كۈلۈشۈپ – چاخچاقلىشىپ، كېيىكتەك تاقلاپ-تاقلاپ ماڭغانلىقىنى كۆرگەن دەقىقىلەردە ئۆزۈمنىڭ ناھايىتى بەخىتسىز، تەلەيسىز ئىكەنلىكىمنى ھىس قىلىمەن، يۈرىكىم ئىختىيارسىز يىغلاپ كېتىدۇ.
ساۋاقداشلىرىم پات پات ‹‹ ئاچام مېنى پالان يەرگە ئاپاردى، ئاچام ماڭا بەك ئامراق، ئاچام مېنىڭ ماۋۇ ئىشىمنى قىلىپ بەردى، مەن ئاچامدىن بەك پەخىرلىنىمەن›› دېگەن ۋاقىتلاردا، قەلبىمنى قاپساپ كەلگەن يىغا كەلكۈنلىرىنى ناھايىتى تەستە بېسىپ، ئاستا ساۋاقداشلىرىمدىن ئايرىلىپ قېلىپ. يالغۇز جىمجىت يەرگە بېرىپ:‹‹ مېنىڭمۇ ئاچام بولغان بولسا نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى-ھە ›› دەپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كېتىمەن. ئەپسۇس، ھەممىسى مېنىڭ تەلەيسىزلىكىم.
تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇم ھەرقېتىم ‹‹ مېنىڭ ھەدەم ›› ياكى ‹‹ مېنىڭ كۆيۈمچان ھەدەم ›› دېگەندەك تىمىلاردا ماقالە يېزىپ كېلىشكە ئورۇنلاشتۇرغاندا، گەرچە سىزنى پەقەت كۆرۈپ باقمىغان بولساممۇ، ئەلبۇمدىكى سۈرىتىڭىزنى ئالدىمغا قويۇپ، بىر قولۇمغا قەلەم ئېلىپ دەپتىرىمنىڭ ئاپپاق ۋاراقلىرىغا  سىزنى تەسۋىرلەپ نەچچە – نەچچە ئەسەرلەرنى يازغانمەن ۋە مۇكاپاتمۇ ئالغانمەن. بۇ پەقەت سىزنىڭ مېنىڭ قەلبىمدىكى غايىبانە ئوبرازىڭىز ئېدى. مېنىڭ راسستىنلا شۇنداق بىر ئاچام بولغان بولسا...
بەلكىم سىزنىڭمۇ يېنىڭىزدا ئوماققىنە سىڭىللىرىڭىز باردۇ ۋە بەلكىم يوقتۇ.
بېراق مېنىڭ بۇ يەردە پەقەت بىرمۇ قان- قېرىنداش ئاچام ياكى سىڭلىممۇ يوق، ئوغۇل شۇمتەكلەرلا بار، ئۇلار بەزىدە مېنى بوزەك قىلىدۇ، مېنى يىغلىتىپ ئويۇنچۇقلىرىمنى بۇزىۋېتىدۇ، سىز بولغان بولسىڭىز ئەلۋەتتە ئۇنداق قىلمايىتتڭىز، شۇنداقمۇ ئاچا؟ ئۇلارنى ماڭا راستىنلا ئۆچمىكىن دېسەم باشقىلار بوزەك قىلماقچى بولسا شۇ ھامان ئارىغا چۈشۈپ جېنىنى تىكىدۇ ، باشقا بالىلار  ‹ بۇنىڭغا تەككىلى بولمايدۇ، بۇنىڭ بەكمۇ يامان ئاكىلىرى بار › دەپ مېنى تاك ئېتىپ چېكەلمەيدۇ. بۇنىڭغا بەكمۇ ھەيرانمەن، ئاكىلىرىمنى ئەشۇنداق چۈشىنىپ بولالمايمەن. سىز موشۇ دەقىقىلەردە ئۆز يېنىمدا بولۇپ ، قولۇمنى چىڭ تۇتۇپ بېرەر قېتىم ‹‹ سىڭلىم›› دېگەن بولسىڭىز- ماڭا چەكسىز خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كەلگەن، پۈتۈن دۇنيانى بەرگەن بولاتتىڭىز. ئەپسۇس...
نەچچە ۋاقىتلاردىن بېرى سىزنى غايىۋانە ئەسلەپ، كېچىلىرى چۈشلىرىمدە سىزنى تولا كۆرۈپ، تۈزۈكرەك ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالدىم. ئوڭۇمدىمۇ سىز، چۈشۈمدىمۇ سىز. بىر يۇتۇم سۇ ئىچسەم چىنەمدە سىزنىڭ نۇرانە شولىڭىز، بىر قوشۇق ئاش ئىچسەم داستىخاننىڭ ئوڭ تەرىپىدە - دەل مېنىڭ ئۇدۇلۇمدا سىزنىڭ گۈزەل سىمايىڭىز.
تۈنۈگۈن كېچە يەنە سىزنى چۈشەپ چىقتىم: سىز مېنى بىر باغچىغا باشلاپ باردىڭىز. باغچا ئىنتايىن گۈزەل ئېدى، رەڭگا-رەڭ گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەن، كېپىنەكلەر گۈلدىن گۈلگە قونۇپ يۈرەتتى، باھارنىڭ كۈيچى قۇشلىرى تىنىمسىز سايرىشىپ تۇراتتى، بۆك باراقسان مەجنۇن تاللار ئارىسىدا زىلال سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇراتتى. سىزمۇ ئىنتايىن يارىشىملىق كېيىنگەن ئېدىڭىز، ئاپپاق ئۇزۇن كۆڭلەك، ئانار چېچىكىدەك قىپقىزىل ياغلىق، ساغرىڭىزدا سويلاپ تۇرغان ئىككى تال ئۇزۇن ئۆرۈمە چاچ. چىرايىڭىزنى نېمە دەپ تەسۋىرلەشنى بىلمەيۋاتىمەن، تەڭرى بەندىسىگە ئاتا قىلغان بارلىق گۈزەل سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ جىسمىڭىزغا مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، مەن ئۆمرۈمدە تېخى بۇنداق گۈزەل چىراينى كۆرۈپ باقمىغانلىقىمغا ئىقرارمەن. ئۇ مېنىڭ ئاچام ، ئۇ دەل سىز ئېدىڭىز. سىز مېنى ئۇزاقتىن ئۇزاق باغچا ئايلاندۇردىڭىز، سىز چىرايلىق ئېچىلغان كاككۇك گۈلىنى تېرىپ كېلىپ قۇلىقىمغا قىسىپ قويدىڭىز، مەن قەۋەتلا خوش بولۇپ كەتتىم؛ كېيىن ئىككىمىز بىر گۈلەڭگۈچتە ئولتۇرۇپ مۇئەللەقتە ئۇچتۇق، شۇ ئۇچۇشتا بېشىمىز بۇلۇتقا تېگەيلا دەپ قالغانىدى، مەن دەرھال كۆزۈمنى  يۈمۈۋالدىم، لېكىن بىىردىنلا غەيرەتلىنىپ ئۆز-ئۆزۈمگە:‹ نېمىدىن قورقاتتىم، يېنىمدا قاياشىم- ئاچام بارغۇ › دەپ شىۋىرلىدىم-دە، تېخىمۇ غەيرەتلىنىپ ئۇچۇشقا باشلىدىم. كېيىن بىز ئاستا- ئاستا پەسلەپ، كىچىك پويىزغا چۈشتۇق، خەتەرلىك ئەگمىلەردىن بۇرۇلغاندا مەن سىزگە چىڭ چاپلىشىپلا ئالاتتىم. باغچا ئىنتايىن گۈزەل ھەم چوڭ بولۇپ  بىر چېكىگە يېتىش مۇمكىن ئەمەستەك قىلاتتى.  ئويۇنچۇقلارنىڭ تۈرىمۇ ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ھەممىنى ئويناپ بولالمىغىنىمغا ئىچىمدە بىر ئاز ئەپسۇسلاندىم. شۇ تاپتا سىز مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىنى بىلىۋالغاندەك : ‹‹ سىڭلىم بۇ دەسلەپقىسى، كېيىن مەن بۇنىڭدىنمۇ چىرايلىق، بۇنىڭدىمۇ چوڭ باغچىغا ئېلىپ بېرىپ سىزنى تېخىمۇ كۆڭۈللۈك ئوينىتىمەن››  دېدىڭىز. مەن قەۋەتلا خوش بولۇپ كەتتىم. ئارقىدىنلا باغچا ئىچىدىكى بىر بالىلار كېيىم كېچىكى دۇكىنىغا باشلاپ كىرىپ ماڭا ئىنتايىن يارىشىملىق كېيىملەرنى ئېلىپ بەردىڭىز ۋە شۇيەردىلا ئۆز قولىڭىز بىلەن كەيگۈزۈپ قويدىڭىز. بۇ كېيىملەر ماڭا بەكمۇ ياراشتى. ئەشۇ چىرايلىق كېيىملەرنى كېيىپ سىز بىلەن چۈشكەن رەسىملەر بەكمۇ ئوماق چىققان ئېدى. سىزنىڭ مېھرىبانلىق يېغىپ تۇرغان كۆزلىرىڭىزنى تاماشا قىلىپ تۇرغىنىمدا، توساتتىن ئانامنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ قالدى:
- تۇرۇڭ قىزىم، چېيىڭىزنى ئىچىۋېلىڭ، مەكتەپكە ماڭىدىغان ۋاقتىڭىز بولۇپ قالدى.كۆزۈمنى ئاچسام ئانام بېشىمدا قاراپ تۇراتتى. مەن تاتلىققىنە كۆرىۋاتقان چۈشۈمدىن ئويغىتىۋەتكەن ئانامدىن سەل رەنجىگەندەك ئىچىمدە غوڭشۇپ ئورنۇمدىن تۇردۇم.
ئەپسۇس، بىردەمدىلا سىزدىن ئايرىلىپ قالدىم، مەن سىزنى شۇنچە ئىزدىدىم- يۇ، قايتا تاپالمىدىم. بۇ مىنىڭ شېرىن چۈشۈمدىكى چەكسىز خۇشاللىقىم ۋە بەختىم ئىدى. بىراق كېيىنچۇ؟  سىزدىن ئايرىلىپ قالغىنم – مەن ئۈچۈن تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولدى. ئەشۇ تاتلىق چۈشۈمنى ھازىرغىچە كۆرەلىگەن بولسام، پەقەت ۋە پەقەت ئويغىنىپ كەتمىگەن بولسام...
بىلەمسىز ئاچا؟ مىنىڭ سىزنىڭ ئەسلى قېياپىتىڭىزنى بەكمۇ كۆرگۈم بار، بەلكىم سىز مەن كۆرۈۋاتقان رەسىمدىكى ئايسۇلتان ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ چىرايلىق، پەرىزاتتەك ئەڭ، ئەڭ چىرايلىق ئايسۇلتان ئىكەنلىكىڭىزگە مۇتلەق ئىشىنىمەن. سىز چوقۇم رەسىمدىكىدىن  نەچچە ھەسسە چىرايلىق تېخىمۇ ئوماق، شۇنداقمۇ؟ مىنىڭ بىردىن بىر ئارزۇيۇم - سىز بىلەن بىر قېتىم ئۇچرىشىش، ئۇچرىشىشقا ۋاقىت يار بەرمىسە يىقىنقى رەسىمىڭىزدىن بىر پارچە ئەۋەتىىپ بەرگەن بولسىڭىز بېشىم ئاسمانغا تاقاشقاندەك خۇرسەنت بولاتتىم.
قەدىرلىك ئاچا، ۋاقىت يار بەرگەن بولسا سىزگە كۆڭلۈمدىكى يۈرەك سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسىنى دەۋالغان بولاتتىم. ساۋاقداشلىرىم يۈرەك سۆزلىرىنى، ئاتا-ئانىسىغا دېيەلمەيدىغان سۆزلىرىنى ئاچىسىغا دەيدىكەن، بىراق مەنچۇ؟ مېنىڭ ئاچام بولمىغاچقا كىمگە دەيمەن؟ ئۆزۈمنىڭ دەردىنى ئىچىمگە  يۇتۇپ، ھەسرەتلىك ياشلىرىمنى خاتىرە بەتلىرىگە تۆكۈپ ئۆزۈمنى بەزلەيمەن. موشۇ دەقىقىلەردە مېنىڭ يېنىمدا بولغان بولسىڭىز ئۇنداق قىلىش  ھاجەتسىز ئىدى، سىز يېنىمدا بولغان بولسىڭىز قانچە- قانچە كېچە سىرداشقان بولاتتۇق- ھە!
سۆيۈملۈك ئايسۇلتان ئاچا، سىزدىن بىر ئۆتۈنۈشۈم بار : ئۇ بولسىمۇ سىزنىڭ بىر پارچە خېتىڭىز بىلەن بىر پارچە رەسىمىڭىز. تېلىفۇندا سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىيالىغان بولسام ، مۇمكىن بولسا بىر قېتىم يۈز كۆرۈشەلىگەن بولساق- بۇ دۇنيادا ئارمىنىم قالمىغان بولاتتى. بىراق بۇ ئىشلار نېسىپ بولارمۇ؟ مەن پەقەت شۇنداق بولۇشنىلا ئۈمىت قىلىمەن، دۇنيادا سىزنى كېچە - كۈندۈز غايىۋانە سېغىنىۋاتقان بىر سەبىي يۈرەكنىڭ قېرىنداشلىق مېھرى بىلەن دۆپۈلدەپ سوقىۋاتقانلىغىنى بەلكىم كۆڭلىڭىز تۇيۇۋاتىغاندۇ. خېتىڭىزنى كۈتىمەن، ئەمدى جىرىڭلايدىغان تۈنجى تېلىفوننى چوقۇم سىز ئۇرىسىز، شۇنداقمۇ؟ خەۋىرىڭىزگە كېچە - كۈندۈز تەشنا بولۇپ تۇرىۋاتقان  
- سىڭلىڭىز ئايبادام
ئايسۇلتان خەتنى ئوقۇۋاتقاندا خۇددى بوغۇزىغا بىر نەرسە تۈرۈپ قالغاندەك ئېسەدەپ كەتتى، كۆز ياشلىرى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلۈپ ئاپپاق يوپكىسىنىڭ ئېتەكلىرىنى ھۆل قىلىۋەتتى؛ نەچچە قېتىم توختاپ، ئاران- ئاران ئوقۇپ تۈگەتتى؛ ئۆزىنى توختىتىۋېلىپ، خەتنىڭ پەش- چېكىتلىرىگىچە سىنچىلاپ قاراپ چىقتى: ئەسلىدىمۇ بۇ تۆت بەت قەغەزنىڭ بىرقانچە يېرىدە ياش ئىزلىرى بار ئېدى، ئايبادامنىڭ خېتى سىيا بىلەن ئەمەس، بەلكى كۆز ياشتا يېزىلغان ئېدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايسۇلتاننىڭ كۆز يېشى توختاۋسىز تۆكۈلۈپ، يېڭىدىن يېڭى ياش داغلىرىنى قالدۇردى. ئۇ خەت ئەمەس گۇياكى بىر  پارچە ئوتتەك ئۇنىڭ جىسمىنى، ياق، پۈتۈن ۋۇجۇدىنى كۆيدۈرۈپ لاۋا – لاخشا قىلىۋەتتى، ئۇ راستىنلا بىر پارچە گۈرۈلدەپ كۆيىۋاتقان ئوت ئېدى. ئۇ ئىشخانىدا ئەمەس باشقا بىر خىيالىي دۇنياغا كېلىپ قالغاندەك، ئاجايىپ شىرىن ھەم ئاچچىق چۈش كۆرىۋاتقاندەك ئېدى. بۇ راستمىدۇ، ياكى ئايبادام ئېسىملىك بۇ غايىۋى پەرىزات تەساددىپى ئېزىپ قېلىپ، مېنى ئاچىسىغا ئوخشىتىپ قېلىپ، بۇ ئوتنى ماڭا تۇتاشتۇرۇۋاتامدىغاندۇ؟ ئەگەر بۇ ئىشلار ھەقىقەتەن راس بولسا بىزنى كۆرۈشتۈرمەسلىكنڭ ۋەجى نېمىدۇ؟ رەسىمدىكىلەر زادى كىملەردۇ؟ خەت تەساددىپى يېزىلپ قالغان بولسا بۇ قىز مېنىڭ ئادرىسىمنى قانداق تاپقاندۇ؟ خەتتە يېزىلغان ھېلىقى تېلىفون نۇمۇرى راستىنلا مەۋجۇتمىدۇ؟ راستتىنلا تەساددىپىي مۆجىزە يۈز بېرىپ ئايبادام مېنىڭ سىڭلىم بولۇپ چىقارمۇ؟ ئويلىغانسىرى ئۇنىڭ خىياللىرى تېخىمۇ چىگىشلىنىپ، گاڭگىراپلا قالدى.
ئايسۇلتان بالىلارنىڭ چوڭى بولۇپ يالغۇز قىز ئېدى، ئايبادام ئۆز خېتىدە ئېيىتقاندەك ئۇنىڭمۇ ئىككى ئېنىسى بار ئېدى؛ توۋا، بۇ ئوخشاشلىقنى؛ راست، ئۇنىڭمۇ ئانىسىدىن بۆلەك بىرمۇ مۇڭداشچىسى يوق، بىر يېپىنجىدا يېتىپ چوڭ بولغان سىڭلىسى يوق، ھازىر بولسا تېخىمۇ يالغۇز.موشۇنداق ۋاقىتتا بىر مۆجىزە يۈز بېرىپ راستتىنلا ئايبادام ئۆز سىڭلىسى بولۇپ چىقسا –ھە! ئۇ ياراتقۇچىغا مىڭ قەتلە شۈكرى دېگەن بولاتتى. ئۇنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىدا غەيۋەتچى خوتۇنلاردىن ئاڭلىغانلىرى ھەقىقەتەن راستمىدۇ؟ بۇ قىز راستىنلا ئۆزىنىڭ سىڭلىسىمىدۇ؟ ياكى بۇ ساددا قىز خاتالىشىۋاتامدىغاندۇ؟
ئۇ موشۇنداق گادىرماش خىياللاردىن ئېسىگە كېلىپ ئورنىدىن تۇرغاندا، ئاللىقاچان چۈشلۈك تاماق ۋاقتى توشۇپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدى چۈشتىن كېيىنكى ئىشقا كېلىشكە باشلىغانىدى.
ئۇ، ئاسماندىن چۈشكەندەكلا بېشىغا كېلىپ قونغان بۇ تەلەي سىنىقىغا بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەي دېگىدەك، ئىختىيارسىز ھالدا خەتتە كۆرسىتىلگەن ھېلىقى تېلىفون نۇمىرىنى بېسىپ  يانفوننى قۇلىقىغا  يىقىنلاشتۇردى :
ۋەي، سىز كىم؟ ئاچامما؟
ئايبادام بۇ ئۆيگە كەلگەن ھەرقانداق تېلىفوننى چوقۇم ئاچامدىن كېلىدۇ دەپ ئويلايىتتى.
- مەن، بۇ مەن، ئايسۇلتان...
- ۋەي، مەن ئايبادام، سىزنىڭ سىڭلىڭىز...
تېلىفوندا بۇقۇلداپ يىغلىغان ئاۋاز ئاڭلاندى، ئۇ گېپىنىڭ ئايىغىنى دېيەلمەيۋاتقاندەك ئېدى.
ئارقىدىنلا چوڭراق بىر ئەر كىشىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى :
ۋەي، ئايسۇلتانمۇ سىز، مەن ھەمدۇللا ئاخۇن، سىزنىڭ دادىڭىز، ھازىر سۆزلەشكەن قىز راستىنلا سىزنىڭ ئۆز سىڭلىڭىز، خۇداغا مىڭ شۈكرى،قانداقلا بولمىسۇن تېلىفۇن ئېلىپ بىزنى، سىڭلىڭىزنى ناھايىتى خۇش قىلىۋەتتىڭىز. رەخمەت سىزگە!
ۋەي، مەن، مەن ... چۈش كۆرىۋاتمايدىغانمەن ؟
ياق، بۇ چۈش ئەمەس قىزىم، ئەگەر خالىسىڭىز بۇيەرگە بىر كېلىڭ. بىز سىزنىڭ يولىڭىزغا قارايمىز، سىڭلىڭىز سىزنىڭ گېپىڭىزنى قىلىپ زادىلا ئارام بەرمەيۋاتىدۇ. قالدى گەپلەرنى دىدارلاشقاندا يۈز تۇرانە سۆزلىشەيلى، شۇ چاغدا ھەممە ئىش ئايان بولىدۇ.
ماقۇل، ئەمىسە شۇنداق قىلاي، بىر ئامال قىلىپ، بۈگۈن – ئەتىنىڭ ئىچىدە يولغا چىقاي،- دېدى-دە، تېلىفوننى قويىۋەتتى.
ئايسۇلتان تېلىفۇننى قويىۋەتكەندىن كېيىن خۇددى بىرسى ئۇزۇن چۆرگىلىتىپ قويۇپ بەرگەن كىچىك بالىدەك گاڭگىراپلا قالدى. نېمە قىلىش كېرەك؟ ئالدىراپ ۋەدە بېرىپ قويدۇممۇ – نېمە؟راستتىنلا موشۇنداق ئىش بارمىدۇ؟ مېنىڭ يەنە دادام، سىڭلىم بارمىدۇ؟بولمىسا بىكاردىن بىكار بىركىشى مېنى قىزىم، ناتونۇش بىر قىزچاق مېنى ئاچام دەپ يۈرەرمۇ؟ ئۇنىڭ كاللىسىدا تۈرلۈك تۈمەن خياللار گىرەلىشىپ نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالدى. ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ ئاخىرى خىيال قولۋىقىدا دېڭىز كەزگەندىن كۆرە، رىياللىق مەپىسىگە ئولتۇرۇش قارارىغا كەلدى. ئۇنىڭ چۈشتىن كېيىنكى ئىشى ئىش بولمىدى، ئۇ، ئۇنى بۇنى قىلىپ يۈرۈپ ئاران تەستە ۋاقىتنى ئۆتكۈزدى-دە، ئىشتىن چۈشۈشكە يېرىم سائەتتەك ۋاقىت قالغاندا ئىدارە باشلىقنىڭ ئىشخانىسىگە كىرىپ ئىككى كۈنلۈك رۇخسەت سورىدى. ئىدارە باشلىغىمۇ نېرى بېرىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرمايلا ئۇنىڭ ئىلتىماسىغا تەستىق سېلىپ بەردى.
ئايسۇلتان ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ تاماققا تۇتۇش قىلدى. ئۇ تاماق ئەتكەچ خەتتە ئېيتىلغان گەپ- سۆزلەرنى ئېرىگە دەيمۇ دېمەيمۇ دېگەن مەسىلىدە يەنە ئىككىلىنىپ قالدى.بۇ ئىشلار ئۆزى ئۈچۈنمۇ بىر تېپىشماقتەك تۇرىۋاتقان يەردە، ئىش ئايدىڭلىشىپ بولغىچە ئېيىتماي تۇرۇش قارارىغا كەلدى. ئۇلار كەچلىك تامىقىنى يېيىشىپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ K ناھىيىسىگە ئىككى كۈنلۈك خىزمەتكە بارىدىغانلىقنى ئېيىتتى، بۇ ئىشنى ئېرىمۇ سوراشتۇرۇپ ئولتۇرمىدى.
ئەتىسى ئۇ خېلىلا قېلىن ياغقان قارنى كېچىپ يولۇچىلار بېكىتىگە كەلدى. بېكەتتە ئادەم شالاڭ بولۇپ، يولۇچىلار ماشىنا كۈتۈش زالىدا ئۇيان-بۇيان مېڭىپ يۈرىشەتتى. ئۇ بىر پارچە بېلەت سېتىۋالدى-دە، ئاپتۇبۇسنىڭ ئالدىدىن ئورۇن ئېلىپ ماشىنىنىڭ مېڭىشىنى كۈتۈپ ئولتۇردى.يېرىم سائەتتەك ۋاقىت ئۆتكەندە، ئاپتۇبۇسنىڭ مېڭىش ۋاقتى بولۇپ قالغانمۇ – نېمە، يولۇچىلار توشىمايلا، شوپىر ئۇستام رولغا چىقىپ ماتۇرنى ھەرىكەتلەندۈرۈشكە باشلىدى.
ئايسۇلتان ئاپتۇبۇسنىڭ مېڭىشىغا جەزم قىلغاندىن كېيىن ئايبادام خېتىدە  يازغان نۇمىرغا تېلىفۇن قىلپ، ئۆزىنىڭ يولغا چىققانلىقىدىن خەۋەر بېرىۋەتتى.
ئۇ، تېلىفۇننى سومكىسىغا سېلىۋېتىپ تۇرىشىغا ئاپتۇبۇسنىڭ يېنىغا ئالىي دەرىجىلىك بىر كىچىك ماشىنا كېلىپ توختىدى. ئايسۇلتان ئالدىدا ئولتۇرغانلىقتىن ماشىنىغا بىر قاراپلا كوڭلىگە ‹ ئەجەپ دادامنىڭ ماشىنىسىغا ئوخشايدىكەن › دېگەن ئوي كەچتى. دېگەندەكلا ماشىنىدىن دادىسى چۈشتى، بۇ ئوڭۇممۇ چۈشۈممۇ دەپ تۇرىشىغا ئارقىدىنلا ئانىسى كۆرۈندى. ئايسۇلتان ئۆز كۆزىگە ئىشەنمەيلا قالدى. راستىنلا .اتا-ئانىسى كەلگەنىدى.ئۇ قوزغىلاي دەپ تۇرغان ئاپتۇبۇستىن دەرھال چۈشۈپ ئۇلار بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈپ كەتتى:
-ئەجەپ خەۋەر بېرىۋەتمەيلا كېلىپ قاپسىلەرغۇ!
- نېمە، كەلگىنىمىز بولماپتىما، قارشى ئالمامسەن؟- دېدى دادىسى كۈلۈپ تۇرۇپ.
- ياق، مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم...
- ئەسلىدە بۇرۇنراق كېلەرمىز دېگەنىدۇق، دادىڭىزنىڭ تۈگىمەس خىزمەتلىرى بىزنى سوغۇق چۈشكىچە ساقلىتىپ قويدى. كېچىدىن بىرقانداق چۈش كۆرۇپ قالغانمىكىن –تاڭ، بىرسى ھەيدىگەندەكلا ئەتتىگندىلا يولغا چىققۇسى كېلىپ قاپتىغۇ بۇ كىشىنىڭ.
- كەلگىنىمىز بولماپتىما، تويدىن كېيىن مەن كېلىپ بولالمىدىم، ھازىر بولسىمۇ كۆرۈپ كېلەي دېدىم –شۇ. سېلى ئېيىتقاندەك چۈشمۇ كۆرۈپتىمەن.
- شۇنداقمۇ دادا؟-دېدى ئايسۇلتان دادىسىغا قاراپ. ئۇ، سەل تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن ئاپتۇبۇس شوپىرىغا مېڭىۋىرىشنى  ئېيىتتى.
- ئۆيىڭىزگە بارساق غەنىجان سىزنى K ناھىيىسىگە خىزمەتكە بارىمەن دەپ چىقىپ كەتكەن دېدى. ئۇمۇ بۈگۈن دىجۈرنى ئوخشايدۇ ، كېچىچە ئىشلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ دوختۇرخانىغا كېتىپ قالدى. شۇڭا بىز ئۆيگىمۇ كىرمەستىن ئۇدۇل مەشەگە كەلدۇق،-دېدى ئانىسى ئايسۇلتاننىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ. ئايسۇلتان نېمە دەپ چۈشەندۈرۈشنى بىلەلمەيلا قالدى. ئۇنىڭغىچە دادىسى ئايسۇلتاننىڭ سومكىسىنى ماشىنىنىڭ كەينىگە جايلاشتۇرۇۋېتىپ ‹‹ قېنى ماشىنىغا چىقىڭلار ›› دېدى.
ئۇلار ماشىنىغا جايلىشىپ بولغاندىن كېيىن، دادىسى ماشىنىنى ئاستا قوزغىدى، ئاندىن كەينىگە بۇرۇلۇپ:
سېنىڭ ئۆيۈڭنى بۈگۈن بىر كۆرۈپ باقاي،- دېدى.
ئەمدىلا ئۆي تۇتقان كىشىنىڭ كۆرگىدەك نېمىسى بولسۇن، سىلەرنىڭ مېنى يوقلاپ كەلگىنىڭلارنىڭ ئۆزىمۇ بىر خۇشاللىق.- دېدى ئۇ مەمنۇنىيەت بىلەن.
ماشىنا بىر دەمدىلا ئايسۇلتان تۇرۇشلۇق ‹‹تۇلۇن ئاي›› ئائىلىلىكلەر قوراسىغا يېتىپ كەلدى. قورا ئىچىدە، تۆت قەۋەتلىك يېڭىدىن سېلىنغان بىنا بولۇپ 100گە يېقىن ئائىلە بار ئېدى. ئايسۇلتاننىڭ ئۆيى 4- قەۋەتتە ئېدى.ئۆي ھازىرچە زىننەتلەشكە ئۈلگۇرمىگەن بولسىمۇ ياتاق، مېھمانخانىلىرى خېلى چوڭ، 100 كۇۋادىرات مېتىرغا يېقىن ئازادە ئۆيلەر ئېدى. ئۇلار ئۆيلەرنى بىر قۇر كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئادەتتىكىچە چاي- پاي ئىچكەچ قۇرۇق مەزە ۋە مېۋە- چىۋىلەرگە ئېغىز تەگدى.
دادىسى سافاغا ئۆزىنى تاشلاپ تىزگىنەكنى قولىغا ئېلىپ تېلىۋىزۇر قاناللىرىنى ئاقتۇرۇشقا باشلىدى.ئۇلارنىڭ بۈگۈن قايتىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن ئايسۇلتان ناھايىتى خۇشال بولدى، يەنە بىر تەرەپتىن ئازراق خاۋاتىرلىنىپ قالدى.ئەگەر ئاتا-ئانىسىنىڭ بۈگۈن كېلىدىغانلىقىنى ئۇققان بولسا ھەمدۇللا ئاخۇنغا تېلىفۇنن بېرىپ يۈرمەي، بۇ ئىشنى كېيىنگە قالدۇرغان بولاتتى، بىراق ھازىر نېمە قىلارىنى بىلەلمەي ئىچى تىت-تىت بولاتتى. ئايبادامنىڭ خېتى ئۇنى پۈتۈن بىر كېچە ئۇيقۇدىن قويدى، ھازىر ئۇ ئۆز ئۆيىدە تۇرۇپمۇ خۇددى سولاققا چۈشۈپ قالغان قۇشتەك تىپىرلايىتتى،ھېچبىر ئىشى قولاشمايۋاتاتتى؛ قىزىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئانىنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى. تېلىفۇننىڭ توساتتىن سايرىشى ئۇنى تېخىمۇ تەمتىرىتىپ قويدى، ئۇ تېلىفۇن نۇمىرىغىمۇ قارىماستىنلا تېلىفۇننى ئېتىۋەتتى.
تېلىفۇننى ئالمىدىڭىزغۇ؟
خاتا ئۇرۇلغان تېلىفۇنكەن.
سىز بىرەر ئىشنى بىزدىن يۇشۇرىۋاتمايدىغانسىز-ھە،- دېدى ئانىسى سۇئال نەزىرىدە،- راستىنلا  K ناھىيىسىگە خىزمەتكە بارماقچىمىدىڭىز؟
- شۇنداق، ئىدارە ئورۇنلاشتۇرغانىدى، لېكىن ئىدارە باشلىقىغا سىلەرنىڭ كەلگىنىڭلارنى ئېيتىپ خەۋەرلەندۈرۈپ قويساممۇ بولىدۇ، بۇ ئانچە ئالدىراش خىزمەتمۇ ئەمەس ئېدى، - دېدى ئايسۇلتان. ئۇ تۈنجى قېتىم يالغان سۆزلەۋاتاتتى،لېكىن ئۆزىنىڭ نېمە سەۋەپتىن يالغان سۆزلىگىنىنىمۇ بىلمەيىتتى.
-ئۇنداق بولسا بوپتۇ، - دېدى ئانىسى قىزىنىڭ سۆزىگە بىر ئىشىنىپ- بىر ئىشەنمىگەندەك ھالدا.
ئايسۇلتان ئانىسىنىڭ يەنە گەپ كوچىلاۋىرىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنى بۇنى قىلغان بولۇپ، بىر ئامال قىلىپ ئانىسىدىن يىراقراق تۇردى.
بىر كۈن مانا شۇنداق ئۆتۈپ كەتتى، پەقەت كەچلىگى كۆز باغلانغان مەزگىلدە دادىسى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەتراپنىڭ قىشلىق مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغاچ ئايلىنىپ كېلىش ئۈچۈن سىرىتقا چىقىپ كەتتى.
***            ***         ***
ئايسۇلتاندىن ئەتتىگەندىلا كەلگەن تېلىفۇن ھەممەيلەننى ناھايىتى خۇش قىلىۋەتتى. ھەمدۇللا ئاكا ھاياجېنىنى باسالماي قالدى، 20 نەچچە يىلدىن بېرى ئۇنىڭ يۈرىكىنى موجۇپ ئۇنىڭغا ئارام بەرمەي كېلىۋاتقان يادا تاش بىراقلا چۈشۈپ كېتەي دەپ تۇراتتى، پەرزەنت ئوتىدا كۆيۈپ چۇچۇلا بولۇپ كەتكەن يۈرىكى مەلھەم تېپىپ قالاي دەۋاتاتتى . ئۇ كۆڭلىنى توختۇتۇپ، ئازراق دېمىنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن، تاھارەت ئېلىپ، ئىككى رەكەت شۇكرانە ناماز ئوقىدى، يۈرەك پارىسىنى قايتا كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېگە قىلىش ئالدىدا تۇرغان ياراتقۇچى پەرۋەيدىگارغا كۆپتىن - كۆپ ھەمدۇ سانا ئېيىتتى. ئۇ، نامازدىن پارىغ بولغاندىن كېيىن، ئېغىلىدا ئۆز قولى بىلەن بوداپ كېلىۋاتقان قارا قوچقارنى ‹ بىسمى ئاللاھۇ ئەكبەر › دەپ تەگبىر ئېيتىپ بوغۇزلاپ،گۆشىنى كانارىغا ئاستى. ئايالىغا ئۆپكە-ئۈچەيلەرنى ئوخشۇتۇپ قۇيۇپ پىشۇرۇشنى تاپىلىدى.
ئىككى ئوغۇلمۇ قول-قولىغا تەگمەي دادىسىغا ياردەملىشىۋاتاتتى، بىرسى سۇ توشىسا، بىرسىى ئوتۇن كەسلەپ ئوچاق ئالدىغا توشاتتى.
ئوچاقتىكى ئوت چاراسلاپ كۆيمەكتە؛ ھەمدۇللا ئاكا گۆشنى ئۆز قولى بىلەن پىشۇرىۋاتاتتى. بىر دەمدىلا قازان قايناپ كۆپۈكچىلەر ئۆرلەشكە باشلىدى. ئۇ، تەرلىرىنى سۈرتكەچ كۆپۈكلەرنى ئۇدۇللۇق ئېلىۋېتىپ، شورپىنىڭ تۇزىنى تېتىپ كۆردى؛ كۆڭلى قانائەت تاپقاندىن كېيىن يېڭى سەۋزە، دارا-دەرمەك سالدى؛ باش پىياز، پەمىدۇر سېلىشنىمۇ ئۇنتىمىدى. ئۇ، ئۇششاق- چۈشەك ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئوچاقتىن سەل نېرىگە سۈرۈلۈپ، كۆيىۋاتقان ئوتقا نەزەر سالغاچ يۈرىكىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر پىنھانلىرىدا، 20 نەچچە يىلدىن بېرى يىلىنجاپ يىنىۋاتقان يەنە بىر ئوتنىڭ تەپتىدە كۆيمەكتە ئېدى:   
شۇنداق، بۇ ئوت پەرزەنت ئوتى، يۈرەك پارىسىنىڭ ئۆز ۋۇجۇدىدا شەپىسىز كۆيىۋاتقان ئوتى ئېدى. ئۇ، پەرزەنتىنىڭ بەختى ئۈچۈن ھەممىگە چىدىغان؛ پۈتۈن سېغىنىشلىرىنى، قايغۇ - ھەسرەتلىرىنى يۈرىكىگە دەپىن قىلىۋەتكەن .
ئايسۇلتاننىڭ ئەمدىلا چۈچۈك تىللىرى چىقىشقا باشلىغان چاغلار ئېدى. تەقدىرى قىسمەت ئۇنىڭ پىشانىسىگە ئايسۇلتاننىڭ ئانىسىدىن ئاجرىشىپ كېتىشنى پۈتكەن ئېدى. ئۇلار ئاجرىشىپ كەتكەندە، ئايسۇلتاننى ئۆزى ئېلىپ قېلىپ ئاتىلىق مېھرى بىلەن باقتى، تامىقىنى يىگۈزدى، كېيىملىرىنى يۇدى، سىيىپ قويغان يوتقان كۆرپىلىرىنى ئاپتاپقا سالدى. ئىش قىلىپ بىرئانا ۋە ئاتا قىلىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلدى؛ كېيىن قايتا ئۆيلىنىشكە توغرا كېلىپ ئۆي ئىشلىرى كېيىنكى ئايالىغا قالدى، ئۆزى بولسا دېھقانچىلىق ئىشلىرى ۋە قوشۇمچە تىجارەت بىلەن سىرىتلارغا تولىراق قاتنايدىغان بولۇپ قالدى. بەزىدە سىرىتلاردا بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ قالاتتى. قىزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ئەمىلىيەتتە يېتىشەلمىدى. ھازىرقى ئايالى ھەرھالدا يامان ئەمەس قاراپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۆز ۋۇجۇدىدىن تامغان بولمىغاچقا دادا بولغۇچىنىڭ كۆڭلى سەل دىلىغۇل ئېدى، ئۇزاق ئۆتمەي ئىككىنجى ئايالىمۇ بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. موشۇنداق كۈنلەردە ئايسۇلتاننىڭ تاغاچىسى (ئۆز ئانىسىنىڭ سىڭلىسى) توي قىغاندىن بېرى پەرزەنت كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتىپ، ئايسۇلتاننى بالىچىلاپ بېقىۋىلىش ئويىنى بىلدۈرۈپ ئارىغا ئادەم قويدى. بۇ ئىش دەسلەپتە ئۇنىڭ تازا ئوغىسىنى قاينىتىپ، نىرۋىسىغا تەككەن بولسىمۇ، سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ كۆرگەندىن كېيىن  ‹ مەن بېرەلمىگەن ئانىلىق مېھرىنى يەنە بىر ئانا بېرىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، ئۇمۇ قىزىمنىڭ كىچىك ئانىسىغۇ › ، ‹ ئالتۇن باشلىق ئاتاڭ بىلەن قالغۇچە پاخپاق باشلىق ئاناڭ بىلەن قال › دېيىلگەنغۇ دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزۈپ، ، چىشىنى چىشقا قويۇپ، نائىلاج ماقۇل كەلگەن ئېدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايسۇلتاننىڭ تاغاچىسىنىڭ ئېرى كىچىكرەك ئەمەلدار بولۇپ، ھال-كۈنى ئەلۋەتتە دېھقان خەقلەردىن ياخشى ئېدى. قىزىم خۇدانىڭ ئىلتىپاتىدا بۇيەردىكىدىن ياخشىراق كۈن كۆرۈپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، مەيلى، قىزىم ئۈچۈن ھەممىگە چىداشقا رازى دەپ ئۆزىگە تەسەللىي بەرگەنىدى. شۇنداق قىلپ ئايسۇلتان باشقا يۇرتتا، تاغاچىسىنىڭ يېنىدا چوڭ بولدى. كېيىنچە، بالا ئىككى ئارىلىق بولۇپ قالسا ياخشى تەربىيە ئالالمايدۇ، شۇڭا بالا ئەقلىگە كېلىپ، ئاق - قارىنى پەرق ئېتىپ بولغىچە ئىزدىشىپ يۈرمىسەك، دېگەن شەرت قوشۇلدى. ئۇ، ئۆزىنى ئەيىپلەپ، باشتىلا بوشاڭلىق قىلىپ، يۈرەك پارىسىنى گۇلە - جىگدىدەك باشقىلارغا بېرىۋەتكىنىگە بەكمۇ پۇشايمان قىلدى. شۇنداق بولسىمۇ ئارىدىن خېلى يىللار ئۆتتى، ئايسۇلتانمۇ تاغاچىسىنىڭ ئۆيىدە  تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز قىزىدەك چانمايلا چوڭ بولۇپ قالدى.
لېكىن ئۆزىگە قالغىنى ئۆمۈرلۈك ھەسرەت، پەرزەنت ئوتىدا كۆيگەن نىمجان يۈرەك ئېدى، بىرنەچچە يىل ئۆتۈپ پەقەت قىز پەرزەنت يۈزى كۆرگەندىلا بۇ دەرتلىرى سەل يېنىكلىگەندەك بولدى، قىزىنىڭ ئىسمىنى چوڭ قىزىنىڭ ئىسمىغا يىقىنراق بولسۇن دېگەن ئويدا ئايبادام دەپ قويدى، ئايبادامنىڭ ئىسمىنى چاقىرغاندا، بەزى ئارىلاشتۇرۇپ، ئايسۇلتان دەپمۇ قوياتتى، بۇنداق چاغلاردا، ئۆزىمۇ، ئايباداممۇ تەڭ كۈلۈشۈپ كېتەتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇ ھازىرغىچە ئۆمرىدە كەچۈرگۈسىز گۇناھلىق ئىش قىلىپ قويغان كىشىدەك ئۆزىنى ئەيىپلەپ ھەسىرىتىنى سىرىتقا تېشىقتۇرماي ئىچىگە يۇتۇپ، سىر ساقلاپ كەلدى. قىزىنى بۇ دۇنيادا تاندۇرغان بىلەن ئاخىرەتتە تاندۇرغىلى بولاتتىمۇ؟ بۇنى قاچانغىچە كۆڭۈل پىنھانلىرىدا ساقلىيالايدۇ؟ بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس ئېدى.
ۋاقتى كەلگەندە، ئىچىلمايدىغان ھېچقانداق سىر بولمايدۇ. بىركۈنى چوڭ ئوغلى ئۆيدىكى ئەلبۇمنى ۋاراقلاپ يۈرۈپ دادا- بالا ئىككەيلەننىڭ بىرگە چۈشكەن رەسىمىنى سىڭلىسىغا كۆرسىتىپ، ئانىسىدىن بۇ رەسىمدىكى قىزنىڭ ئاچىسى ئايسۇلتان ئىكەنلىكىنى بىلىۋاپتۇ...  
ئايبادامنىڭ خۇدى بىرسى قوغلىغاندەك ھويلىغا يۈگرەپ كىرىشى ھەمدۇللا ئاكىنىڭ خىيال يىپلىرىنى بىردىنلا ئۈزىۋەتتى. مەكتەپتىن بالدۇرلا قايتىپ كەلگەن ئايبادام ئاچىسىنىڭ يولغا چىققانلىق خەۋىرىدىن بەكمۇ خۇشال ئېدى، ئۇ ھەش-پەش دېگىچە ھويلا – ئاراملارنى بىرقۇر يىغىشتۇردى؛ ئاكىلىرى بىلەن ھويلىدىكى قارلارنى تازىلاپ چىقتى.مېھمانخانا ۋە ياتاق ئۆيلەرنى پاكىزە تازىلاپ، شىرەلەرنى سۈرتۈپ پاقىرىتىۋەتتى؛ شىرە ئۈستىنى ھېيىت كۈنىدىكىدىنمۇ مول بولغان نازۇ-نېئمەتلەر بىلەن توشقازدى. ئۇ، ئاخىرىدا، ئۆزىنىڭ ياتاق ئۆيىنى قايتا تۈزەشتۈرۈپ چىقتى؛ مەشكە بالدۇرلا ئوت يېقىپ ئۆينى راسا قىزىتىۋەتتى.يېپىنمىغان يىپيېڭى يوتقان - كۆرپە ئەكىرىپ، ئاچىسىغا ئاتاپ ئورۇن تەييارلاپ قويدى. كېچىچە  ئۇ، ئاچىسى بىلەن يانمۇ – يان يېتىپ تاڭ ئاتقۇچە مۇڭدىشىپ چىقىدۇ؛ ئۇ موشۇ ياشقا كىرگۈچە بىرمۇ قىز بىلەن موشۇ ئۆيدە ئۇخلاپ باقمىغان؛ مۇڭدىشىپ باقمىغان؛ ئۇنىڭ كىچىككىنە نازۇك قەلبىدە، يىغىلىپ قالغان تالاي سۆزلىرى، تالاي شاتلىقلىرى، تالاي ھەسرەتلىرى يىغىلىپ قالغان، ئۇ ھەممىنى ئېيتىدۇ؛ ھەممىنى ئۆزىنىڭ جان جىگەر ئاچىسىسىغا قالدۇرماي ئېيتىدۇ؛ كەلگۇسى ئارزۇ – ئارمانلىرى ھەققىدە ئورتاقلىشىدۇ؛ مەسلىھەتلىرىنى ئاڭلايدۇ؛ قېرىنداشلىق مېھرىدىن بەھرى ئالىدۇ...
چۈشتىن بۇرۇنقى يېرىم كۈن ۋاقىت ئالدىراشلىق ئىچىدە ئانچە بىلىنمەي ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن چۈشتىن كېيىنكى ھەر بىر مىنۇت ئىنتايىن ئاستا ئۆتمەكتە ئېدى. گۆش پىشىپ لىگەنگە سۈزۈلدى، ئۆپكە – ئۈچەيلەر يالپاقلىنىپ، كۆيدۈرۈلگەن قىزىلمۇچ، ئاچچىقسۇ ئارىلاشتۇرۇلۇپ تەخسىلەرگە تىزىلدى. ھەممەيلەننىڭ كۆزى چوڭ دەرۋازىغا تىكىلگەن ئېدى.قوغۇشۇن رەڭلىك بۇلۇتلار ئارىسىدىن ئۆزىنى ئانچە – مۇنچە كۆرسىتىپ قويىۋاتقان قۇياشمۇ ھاردۇق يەتكەندەك قىمىرلىماي تۇراتتى.  تام سائېتى چىكىلداپ تۇرسىمۇ مېيى تۈگەپ قالغاندەك سىتىرىلكىسىنى ئاران- ئاران يۆتكەيىتتى. ئۇلارغا ۋاقىت ناھايىتى ئاستا ئۆتىۋاتقاندەك ، ھەتتا توختاپ قالغاندەك تۇيۇلماقتا ئېدى. ئاخىرى قىشنىڭ ھارارەتسىز قۇياشى بارا - بارا پەسلەپ، ئاپپاق چوققىلىق تاغلار ئارىسىغا قىڭغىيىشقا باشلىدى. تەكلىماكان قۇملۇقى تەرەپتىن شىۋېرغان سوقۇپ، قاپقارا بۇلۇتلار كېلىشكە باشلىدى.
ھەمدۇللا ئاكىنىڭ چوڭ ئوغلى ئەلىنىڭ بىكەتتە ساقلاۋاتقىنىغىمۇ ئۈچ سائەتتىن ئاشتى، ئۇ بىكەتكە يېڭىدىن كەلگەن ھەربىر ئاپتۇبۇسنىڭ ئالدىغا يۈگرەپ بېرىپ يولۇچىلارنى بىرمۇ - بىر كۈزىتەتتى. كىملەرنىدۇ ئاچىسىغا ئوخشىتىپ، كەينىدىن خېلى يەرلەرگىچە ئەگىشىپ باراتتى-دە،  ئۈمىتسىزلىنىپ قايتىپ كېلەتتى. ئۇ ئاچىسىغا نەچچە قېتىم تېلىفۇن قىلغان بولسىمۇ ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى.
ئايسۇلتان ئىشلەيدىغان ناھىيە بىلەن بۇيەرنىڭ ئارىلىقى200 كىلۇمېتىرغا يەتمەيدىغان مۇساپە بولۇپ، ھەرقانچە كوراڭ ئابتۇبۇسمۇ 3-4 سائەتكە قالماي بىمالال يېتىپ كېلەلەيىتتى؛ نېمە ئىش بولغانلىقىنى ھېچكىم بىلەلمىدى. كۆڭلىگە كەلگەن گۇمانلىرىنى ئېغىزىدىن چىقىرىشقا ھېچكىم جۈرئەت قىلالمايىتتى.
ھەمدۇللا ئاكا  بىكەتتە ساقلاۋاتقان ئوغلىغا نەچچە قېتىم تېلىفۇن قىلدى، ئايسۇلتاننىڭ تېخى يېتىپ كەلمىگەنلىكىنى ئۇقۇپ بوشىشىپلا قالدى. ئاخىرى ئايسۇلتان بايا ئۇرغان تېلىفۇن نۇمۇرىنى تاپقۇزۇپ قايتا تىلىفۇن قىلىپ باقتى، خۇداغا شۈكرى، تېلىفۇن ئۇلاندى. لېكىن تېلىفۇن بىردەم تىت-تىت قىلغاندىن كېيىن ‹‹ كەچۈرۈڭ، سىز ئۇرغان تېلىفۇن ئېتىكلىك›› دېگەن سادا كەلدى. ئۇ بىردەم ساقلىغاندىن كېيىن يەنە تېلىفۇن قىلدى، تىلىفۇندىن يەنە بايىقى جاۋاپ كەلدى. ئۈچىنچى قېتىم تىلىفۇن ئۇرغاندىمۇ ئەھۋال ئوخشاش بولۇپ چىقتى.
ئايسۇلتان ئەتتىگەندىلا يولغا چىقتىم دەپ خەۋەر بەرگەنىدى، نېمە ئىش بولغانلىقىنى ھېچكىم بىلەلمىدى. بىر كۈن موشۇنداق سۆرىلىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. ئايسۇلتاننىڭ يولىغا تەقەززا بولۇپ تۇرغان نەچچە يۈرەك بارغانسىرى تېز سېلىپ ئۆز رېتىمىدىن ئاداشماقتا ئېدى. ھەمدۇللا ئاكا قولىنى كەينىگە تۇتۇپ، ھېلى ھويلىغا، ھېلى چوڭ يولغا چىقاتتى، قىسقا ساقاللىرىنى ھەدەپ سىيپايىتتى؛ ئۇ ئۈمىدىنى يەنە تېلىفۇنغا باغلاپ قايتا تېلىفۇن قىلىپ باقتى. تېلىفۇن يەنە ئېتىك ئېدى.
زاۋال يىقىنلاپ قالدى، قار لەپىلدەپ چۈشۈشكە باشلىدى، سوغۇق بارغانسىرى ئۆزىنى كۆرسەتمەكتە.ئۆيدە كۈتىۋىرىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن ھەمدۇللا ئاكا يېلىڭ چاپىنىنى ئۈستىگە ئارتىپلا ھېچكىمگە گەپ قىلماستىن ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. بالىلىرىنىڭ ‹‹ دادا قەيەرگە ›› دېگەن سۆزلىرىمۇ ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرمەيىتتى. ئۇ، شۇ مېڭىشىدا ئۇدۇل ناھىيىلىك يولۇچىلار بېكىتىگە يېتىپ كەلدى. بۇۋاقىتتا نۆۋەتچى ئاپتۇبۇسلار ئاللىقاچان مېڭىشتىن توختاپ چوڭ دەرۋازا تاقالغانىدى. پەقەت بىر نەچچە تاكسى شوپىرلىرىلا يېغىۋاتقان قارغا قارىماي خىرىدار ساقلىشىپ تۇراتتى. ئۇ، بىرنەچچەيلەندىن سوراشتۇرۇپ يۈرۈپ Q ناھىيىسىگە بارىدىغان بىر شوپىرنى تاپتى. تالىشىپ تۇرمايلا شوپىرنىڭ سورىغىنىنى بېرىپ يولغا چىقتى. يولدا كېتىۋېتىپ، شوپىردىن ‹‹ تۇلۇنئاي ئائىلىلىكلەر ئولتۇراق رايۇنى››نى بىلىدىغان بىلمەيدىغانلىقنى سوراشتۇرۇپ باقتى. بەختىگە يارىشا شوپىر بۇ يەرنى بىلىدىغان بولۇپ چىقتى ۋە كەچ تەرەپتە يولۇققان بۇ سېخى خىرىدارنى دېگەن يەرگە يەتكۈزۈپ قويماقچى بولدى. گەپ ئارىسىدا، شوپىرنىڭ ئايسۇلتاننىڭ ئېرى غەنىجاننىڭ يىقىن ئاغىنىسى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. ھەمدۇللا ئاكا شوپىرنى ئالدىرىتىپلا تۇراتتى، ماشىنا يېغىۋاتقان قار بىلەن بەسلەشكەندەك ئەڭ يۇقۇرى سۈرئەتتە چاپماقتا ئېدى.
ئارىدىن ئىككى سائەتتەك ۋاقىت ئۆتكەندە، شوپىر ماشىنىنى ناھىيە بازىرىنىڭ ئاۋات يېرىگە جايلاشقان بىر ئائىلىلىكلەر قوراسىغا ھەيدەپ كىردى-دە، بىر بىنانىڭ ئالدىدا توختۇتۇپ:
غەنىجان موشۇ بىنانىڭ تۆتىنچى قەۋىتىدە ئولتۇرىدۇ،- دەپ ئېنىق كۆرسىتىپ قويدى.
ھەمدۇللا ئاكا شوپىر بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن بىنانىڭ پەشتىقى ئالدىغا كېلىپ ئازراق تەمتىرەپ قالدى. تۆمۈر ئىشىك ئېتىكلىك ئېدى، ئۇ ئىشىكنى ئىتتىرىپ باقتى، ئالدىغا تارتىپ باقتى، لېكىن ئىشىك ئېچىلمىدى. ئۇ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرغاندا سالاپەتلىك بىر كىشى ئىشىك ئالدىغا يېتىپ كەلدى، ئۇ لەمپە ئاستىدا تۇرۇپ ئۈستى بېشىدىكى قارلارنى ئالدىرىماي قېقىۋەتكەندىن كېيىن تۆمۈر ئىشىكنىڭ كۇنۇپكىسىغا قولىنى ئۇزاتتى. قول ئۇزاتتى-يۇ، ئىشىك يېنىدا تۇرغان كىشىگە قاراپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى.چىراق يورىقى ئۇنىڭغا بىر تونۇش چىراينى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇراتتى.
- سىز ؟
ھە، بۇ مەن، ھەمدۇللا ئاخۇن، سىز ئېمىن جۈجاڭ ئىكەنسىز-ھە، ساق-سالامەت تۇرىۋاتامسىز؟
ئۇ، كۆرۇشۈش ئۈچۈن ئىككى قولىنى ئۇزاتتى، بىراق ھەمدۇللا ئاكىنىڭ بۇ كىشىگە ئۇزاتقان قوللىرى ئۇزاتقان پېتىچە قالدى.
- ھىم، سىز بۇيەردە نېمە قىلىپ يۈرىسىز ؟- قوپاللىق بىلەن سورىدى ئۇ.
- مېنىڭ ھازىرلا كېلىشىم، قىزىم بىلەن بىر كۆرىشىۋالاي دەپ...
-نېمە دېدىڭىز، سىزنىڭ قىزىڭىز.. بىز نېمە دېيىشكەن؟ ئېسىڭىزدە باردۇ؟
-ئېسىمدە بار،شۇنچە يىللار لېۋىمنى چىشلەپ چىداپ كەلدىم،بىراق بالىنىڭ ئوتى بەك يامانكەن، ئەمدى چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى.
ئۇ، ھە نېمە دېيىشكەن بولساقمۇ، بالىنى سىزگە سېتىۋەتمىگەن دېمەكچى بولدى-،يۇ، تىلىنىڭ ئۇچىغا كەلگەن سۆزىنى يۇتىۋەتتى.
-شۇنداقمۇ؟ - دېدى سالاپەتلىك كىشى دىمىقىنى قىرىپ،- ئوت، ئوت دەڭ. ئەمدى يىلىنجاپ قاپتۇ-ھە؟
- ئېمىن جۈجاڭ، بۇسىزنىڭ نېمە دېگىنىڭىز؟
-بولدى بۇيەردە تۇرىۋەمەيلى، بۇ يەر بىناغا كىشىلەر كىرىپ چىقىپ تۇرىدىغان جاي،جۈرۈڭ ئاۋۇ ماشىنا توختىتىدىغان يەردە سۆزلىشەيلى.
بىنادىن 50 قەدەمچە نېرىدا ئۈستى رەڭلىك پولات تاختايدا يېپىلغان ماشىنا توختۇتۇش ئورنى ۋە يازدا ئائىلىلىكلەر سايىداپ ئولتۇرىدىغان گۈللۈك بولۇپ تاش ئورۇندۇقلار قويۇلغان ئېدى. ئۇلار بىردىن ئورۇندۇقنى سۈرتىۋېتىپ رۇبىرۇ ئولتۇرۇشتى.
- خوش، سىز قىزىمنى كۆرىۋالاي دېدىڭىز، شۇنداقمۇ، سىز ئۇنىڭغا نېمە قىلىپ بېرەلىدىڭىز؟
-راست، مەن ھېچنېمە قىلىپ بېرەلمىدىم، ئەمما ئاتىنىڭ بالىغا بولغان چوڭقۇر مېھرىنى ساقلاپ كەلدىم-،دېدى ئۇ كۆزلىرىگە لۆم- لۆم ياش ئېلىپ.
بىراق سەمىرىپ كۈپتەك قوساق سالغان، كۆزلىرىگە ياغ تولۇپ كەتكەن بۇ كىشى ئۇنىڭ يۈرىكىدىن ئېقىۋاتقان ياشلارنى كۆرمەيتتى.
-باشقا غەرىزىڭىز يوق، شۇنداقمۇ؟ ئۇ مائاشلىق بولۇپ قالدى، ھە بۇ گەپلەرنى قويۇپ تۇرايلى،ھازىر ھاۋا بەك سوغۇق،مەنمۇ توڭۇۋاتىمەن، ياخشىسى سىزمۇ كەلگەن يولىڭىزغا كېتىۋىلىڭ، ئايسۇلتاننى يەنە ئىزدىگۈچى بولماڭ.
ھەمدۇللا ئاكا ئۆز قۇلىقىغا ئىشەنمەيلا قالدى:
- نېمە، نېمە دېدىڭىز؟ دېھقان بولساقمۇ تاپقىنىمىز ئۆزىمىزگە يېتىدۇ.
ئۇ، بەكمۇ خورلۇق ھىس قىلدى، شۇنداقتىمۇ قىزىنى كۆرىۋىلىش ئۈمىدىدە، ھەممە دەردىنى ئىچىگە يۇتتى.
- ئېمىن جۈجاڭ، مەن بىر نەرسە تەما قىلىپ كەلمىدىم، قىزىمنى بىر كۆرىۋالاي، سىزنىڭمۇ بالىلىرىڭىز بارغۇ،!
- مەن دەيدىغاننى دەپ بولدۇم، گەپ دېگەن بىر. ئۇ شۇنداق دېدى-دە، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ مېڭىشقا تەمشەلدى.
- ئۇنداق قىلماڭ خۇدا ھەققى...بىر قېتىم...
ھەمدۇللا ئاكىنىڭ شۇنچە يالۋۇرۇپ يېلىنىشلىرىمۇ ئۇنىڭ چاپىنىنىڭ چىۋىقىدىن ئۆتمىدى. ئۇ پەلەمپەيگە كېلىپ،ئىشىكنىڭ بىر يەرلىرىنى بېسىپ ئىشىكنى ئاچتى-دە، زەرپ بىلەن يېپىۋېتىپ تاراقلىغانچە پەشتاقتىن ئۈستىگە چىقىپ كەتتى.
قار كۈچىيىشكە باشلىدى،شىۋېرغان ئۇشقىتاتتى،سوغۇق كۇچىنى كۆرسەتمەكتە ئېدى. ھەمدۇللا ئاكا ئورنىدىلا ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇ ئېسىنى يىغىپ پەلەمپەي ئالدىغا كەلدى-دە، تۆمۈر ئىشىككە قولىنى ئۇزاتتى، يەنە تارتىۋالدى. تاش ئورۇندۇققا كېلىپ تۆتىنچى قەۋەتكە كۆزىنى تىكتى. چىراق يېنىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ كۆڭلىگە قىزى قېلىن پەردىلەر كەينىدىن قاراپ تۇرغاندەكلا، ھازىرلا قانات ياساپ ئالدىغا ئۇچۇپ كېلىدىغاندەكلا تۇيۇلۇپ كەتتى. ئالدىراپ ئىشىك ئالدىغا كەلدى، يەنە تاش ئورۇندۇققا قايتىپ بىناغا كۆز تىكتى. بۇ ئىشلار نەچچە قېتىملاپ تەكرارلاندى. ئەتراپتىكى بىنالارنىڭ چىراقلىرى بىر-بىرلەپ ئۆچۈشكە باشلىدى، قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن-تاڭ، ئۇنىڭغا بىردىنبىر ئۈمىت بېغىشلاپ تۇرغان تۆتىنچى قەۋەتتىكى ئەشۇ ئۆينىڭ چىرىقىمۇ ئاخىرى ئۆچتى. ئەتراپ تۈن قاراڭغۇسىغا چۈمدى، پەقەت يىراقتىكى كوچا چىراقلىرىلا ئىمانسىزنىڭ يۇلتۇزىدەك سۇس يېنىپ تۇراتتى.
ئۇنىڭغا ھاردۇق يەتتى بولغاي، ئاخىرى مۇزدەك تاش ئورۇندۇققا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ خىيالغا پاتتى. ئايسۇلتان ئەتتىگەندىلا يولغا چىقتىم دەپ خەۋەر بەرگەن، بۇ كىشىلەر قەيەردىن كېلىپ قالدى؟ ئايسۇلتان ئۆيدە بارمۇ ياكى ئۇنىڭغا بىرەر پىشكەللىك بولۇپ قالدىمۇ؟ ئۇ ئۆز سۇئالىغا قانائەتلەنگۈدەك جاۋاپ تاپالمىسىمۇ،ئايسۇلتاننىڭ كېلەلمەسلىك سەۋەبىنى ئازراق چۈشەنگەندەك بولدى. ئۇ يەنە بىناغا كۆز تىكتى، ھەممە ئۆيلەر تۈن قاراڭغۇسىدا ئېغىر سۈكۈناتقا چۈمگەن بولۇپ،ئۆتكىلى بولمايدىغان ئېگىز سېپىلدەك قارىيىپ تۇراتتى.بۇ سېپىل بولسا بارغانسىرى ئېگىزلەپ، ئاتا-بالا ئىككىسىنى ئايرىپ تۇراتتى. ئۇ،قورسىقىنىڭ ئاچقانلىقىنى، توڭۇۋاتقانلىقنى ھىس قىلدى.  ئەتتىگەندىن بېرى، قىزىم بىلەن بىر داستىخاندا غىزالىنىمەن دەپ ئېغىزىغا تۈزۈكرەك بىر نەرسە سالمىغان ئېدى. ئەمدى ئاچلىق بىلەن سوغۇق تەڭلا قىستاپ كېلىۋاتاتتى، ئۇ، بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بەلبېغىنى تېخىمۇ چىڭىتتى. بۇنىڭ پايدىسى بولدىمۇ- نېمە، بىر ئىسسىق ئېقىم بەدىنىنى سىپاپ ئۆتۈپ ئۇنى بىردىنلا مۈگدەك باستى...
ئىسسىق ئۆي، مەشتىكى ئۈرۈك ئوتىنى چاراسلاپ كۆيمەكتە، ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا چوڭ داستىخان سېلىنىپ، ھەممە نىئمەتلەر تىزىلغانىدى؛ شورپا ئېغىزنى كۆيدۈرگىدەك قىزىق تۇراتتى، يېڭىلا سۈزۈلگەن ئۆپكە – ھىسىپلاردىن ھور ئۆرلەپ تۇراتتى. ھەممەيلەننىڭ كۆزى ئىشىكتە ئېدى، ئۇلار پەقەت ئايسۇلتاننىڭ كېلىشىنىلا كۈتۈپ تۇرىشاتتى. مەشتىكى ئوتنىڭ ھارارىتىدىن ئىسسىپ كەتكەن ھەمدۇللا ئاكا بەلۋىغىنى يېشىپ ئۇزۇن يەكتىكىنى سېلىۋەتتى. ئىسسىققا چىدالمىغان ئەلى دېرىزىنىڭ بىر قانىتىنى ئېچىۋەتتى. داستىخاندىكى نازۇ-نىئمەتلەر ئىشتىھانى قوزغاپ تۇرغاندا، دېرىزىدىن بىر ئاق كەپتەر پۇررىدە ئۇچۇپ كىردى-دە، ئايبادامنىڭ دولىسىغا بېرىپ قوندى. بۇ كارامەتتىن ھەيران بولۇپ تۇرغاندا ئاق كەپتەر بىردىنلا پەرىزاتقا ئۆزگىرىپ، ئايبادامنىڭ يېنىغا كەلدى. ئايبادام ‹‹ ئايسۇلتان ئاچا ›› دېگىنىچە ئۇنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئاتتى... كېيىنكى ئىشلارنى ھەمدۇللا ئاكا ئانچە ئىلغا قىلالمىدى، ئۇ، ئاخىرقى قېتىم ئۇدۇلدىكى بىناغا كۆزىنى تىكتى-دە، بېشى ئاستا چۈشۈپ كەتتى...
ئەتىسى سەھەردە ‹‹ گۈللۈكتە بىرسى توڭلاپ قاپتۇ ›› دېگەن ۋەھىمىلىك خەۋەردىن ھەممەيلەن چۈچۈپ كېتىشتى. ئىمىن جۈجاڭ ئالدىراپ كېيىنىپ، بىنادىن شىبلىت بىلەنلا چۈشتى، ئۇنىڭ كەينىدىن ئايالى، قىزى ئايسۇلتانمۇ سوڭدىشىپلا يېتىپ كېلشتى. بۇ ۋاقىتتا  مېيىت ئەتراپىنى كىشىلەر ئورىۋالغان بولۇپ، ئېمىن جۈجاڭ مېيىتكە بىر قاراپلا تاتىرىپ كەتتى، ئۇنىڭ بىردىنلا يۈرەك سانجىقى تۇتۇپ، گۈپلا قىلىپ  يىقىلدى. ھەممەيلەننىڭ دېققىتى مېيىتتا بولغاچقا ئۇنىڭ بىلەن باشقىلارنىڭ كارى بولمىدى. توپ ئارىسىدىن قىستىلىپ مېيىتكە مىڭ تەستە يىقىنلىشالغان جۈجاڭنىڭ ئايالىغا توڭلاپ قالغان بۇ كىشى تونۇشتەك كۆرۈندى، ئۇ ئېڭىشىپ بىر قاراپلا توۋلىۋەتتى:
-ھەمدۇللا ئاخۇن، ئاھ ...  بۇ ...
ئايسۇلتان ئانىسىنىڭ ئېغىزىدىن‹‹ ھەمدۇللا ئاخۇن»  دېگەن سۆزنى ئاڭلاپلا مېيىتقا ئۆزىنى ئاتتى:
-        دادا ! ، جېنىم دادا ! ...

ئاپتور:ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئارامغا چىققان.
مەنبە: ‹‹گۇما مەدەنىيىتى›› ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى.

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

زالىمنى يەر بىلەن تەڭ كۆر(موللا بىلال نازىمى)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-6 21:13 , Processed in 0.321958 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش