1
قېنى كەل يار ئەجەب زارمەن ساڭا دەردىم بايان ئەيلەي،
گۇيا خۇمداندا ئۈكلەنگەن يۈرەك-باغرىم ئايان ئەيلەي.
سېنى كۈتمەك بىلەن ئۆمرۈم ئۆتۈپتۇ ئىنتىزارلىقتا،
يەنە كەلمەي زارىقتۇرساڭ ئۈمىد باغرىنى قان ئەيلەي.
«ھەر ئىشنىڭ چېكى بار»دەپ ئاتاڭ بىررەت ئوقۇتماپتۇ،
مەگەر كەلسەڭ ئېچىپ مەكتەپ ساڭا ئىرپاننى كان ئەيلەي.
«ئەجەپمۇ كەلمىدىڭ يارىم يولۇڭغا بارغىدەك بولدۇم»،
دېسەم يوللارغا چەك قويدۇڭ،ئەھدىڭدىن
گۇمان ئەيلەي.
يۇمۇلمايدۇ كۆزۈم زېنھار ئەجەل كەلگەندە باشىمغا،
سېنىڭ گۈلدەك يۈزۈڭنى بىر كۆرەلمەي چىقسا جان،ئەيلەي.
تېپىلماس بارچە ئالەمدىن سېنىڭدەك بىر ۋاپاسىز يار،
تېپىلسا گەر قىلىپ گۇمران چىرايىڭنى سامان ئەيلەي.
مەن
خۇشخۇي قىلىپ ھەيۋە دىلىڭنى رەنجىتىپ قويدۇم،
ئىشەن سۆيگۈ توزاقىڭغا نادان كۆڭلۈمنى دان ئەيلەي.
2
ساڭا يەتمەك ئويى بىرلە ئېشىپ كۈرمىڭ داۋان كەلدىم،
تولا يىغلاپ پىراقىڭدا يۈزۈم نۇرسىز سامان كەلدىم.
يىقىلدىم يولدا گاھ باشچە بورانلار رەنجىدىن ھاڭغا،
ئىشىق تۇرغۇزدى«قوپ ئاشىق!»خىتاپ بىرلە ھامان كەلدىم.
يولۇمنى توستى شىر،تۈلكە خېرىس ئەيلەپ شېرىن جانغا،
ئېلىشتىم يانمىدىم سۇڭرە،يېڭىپ ئاخىر يامان كەلدىم.
سېنىڭ ۋەسلىڭنى قۇچماقنىڭ تىلەكىدە يېنىپ ئوتتەك،
غىزا ئورنىغا تەشۋىش يەپ غېرىپ قۇشتەك ئاران كەلدىم.
ۋىسال پەسلىڭگە يەتكۈزمەي مېنى ھىجراندا زار ئەتسەڭ،
ئۈمىد باغىدا مەن-خۇشخۇي گۈدەك يەڭلىغ نادان كەلدىم.
3
چۈشۈڭدە قىيغىتىپ يۈرسەم ئوڭۇڭدا ھەم تاپالامسەن،
كۆرۈشسەك سەيلىدە باغدا يىتىرقاشنى چاپالامسەن.
قولۇمنى تەڭلىسەم دەررۇ قولۇڭنى تۇتقىلى ئاي دەپ،
ھۇدۇقماي سەنمۇ ئوت قولنى قولۇمغا تەڭ ساپالامسەن.
شېرىن سۆھبەتكە چۈشكەندە ئەگەر خوشناڭ كېلىپ قالسا،
شەپەق ياماشسا چېھرىڭگە ئاڭا رومال ياپالامسەن.
تېرەك باشىدا بۇلبۇللار خۇشال نەغمە- ناۋا قىلسا،
قولۇمغا مەن دۇتار ئالسام ئۆزۈڭ
ناخشا قاتالامسەن.
پىشىپ مەي باغلىسا ئەھدە سەۋىر- تاقەت ئوچاقىدا،
مېھىر دەرياسىدا دىلنىڭ بېلىقتەك شوخ ئاقالامسەن.
مۇھەببەت شىرنىگە كىرگەي ۋەتەننىڭ سۆيگۈدە قايناپ،
ئېلىپ كەلسەم مەھەللەمگە ئاڭا باغرىڭ ياقالامسەن.
گۈلىستان بولسا چۆل ياشناپ ئەجىر- مېھنەت ۋاپاسىدا،
بولۇپ خۇشخۇيغا سەن ھەمدەم مېغىز قەنتى چاقالامسەن.
4
قىممىتى مىسقالچە يوق بىر ساي كۆرۈندۈممۇ ساڭا،
سەن ئۆزۈڭنى كۆكتە چاغلاپ لاي كۆرۈندۈممۇ ساڭا.
لەۋلىرىمنى تامچىتىپ تۇرسام يۈرەتتىڭ بىنەزەر،
ئەزسە تەشنالىق دىلىڭنى چاي كۆرۈندۈممۇ ساڭا.
راسلىسام باغىئىرەم كەتكەن ئىدىڭ باقماي قىيا،
يەتسە ھاردۇق ئۇخلىماققا جاي كۆرۈندۈممۇ ساڭا.
كۆپ يىسە ھالۋا تىتارمىش بەت پۇراق بەتتام كەبى،
مەن گويا چالما،بىراۋلار ئاي،كۆرۈندۈممۇ ساڭا.
قىيغىتىپ يۈرسەم چۆرەڭدە ئىنتىزارلىق دەردىدە،
كۆرمىگەن مۈشكۈل سەپەر بىر تاي كۆرۈندۇممۇ ساڭا.
پەردى-شەپكە ئورىسام مەن سۆزنى بۆزگە بۇرىماي،
زەردىسى ئۆلگەن مۇلايىم- ماي كۆرۈندۈممۇ ساڭا.
ياخشىنىڭ قەدرىنى بىلمەسكەن چۈشەنسەم تەلۋە يار،
بەرگۈسى خۇشخۇي كۆڭۈلگە ھاي...،كۆرۈندۈممۇ ساڭا.
5
نىگار سەنسىز بۇ ئالەمنىڭ تامام لەززەتلىرى كەمدۇر،
شۇڭا ئىشقى-پىراقىڭغا كۆڭۈلنىڭ قۇشلىرى يەمدۇر.
ئوڭۇم تۇرماق مەگەر شېرىن چۈشۈمدە بىر قىيا باقساڭ،
ساڭا كۆيگەن بىتاپ دىلغا سېنىڭ نۇرلۇق كۆزۈڭ ئەمدۇر.
دىدار ئىزدەپ مەھەللەڭدىن كېتەلمەي ئايلىنىپ يۈرسەم،
يەنە كۆرسەتمىسەڭ ئايدەك جامالىڭنى يۈرەك نەمدۇر.
كېچە كەلمەيدۇ يا ئۇيقۇ ئالالماي بىر خەۋەر سەندىن،
مېنىڭ باشىمغا چۈشكەن بۇ نېمانچە كۆپ ئەلەم-غەمدۇر.
ئۆمىد باغىنى ياشناتقاي غېرىپ خۇشخۇي قىلىپ پەرۋىش،
ئوتى ھىجراندا كۆيمەكلىك ماڭا شەربەت كەبى تەمدۇر.
6
يۈرەكنى چالمىغىن ئەي يار چېلىشقا سەندە داپ بولسا،
بىراق چالساڭ ئۇمۇ مەيلى چېلىش ئىستەككە باب بولسا.
چېلىشقانلار تېپىشقايمىش چېلىش مەيدانىدىن چۈشسە،
بۇغۇ تەمسىل،تېپىشقايمىز يۈرەكتە سۆيگۈ ساب بولسا.
چۆلۈڭدە چاڭقىدىم كارۋان ئېزىققاندەك بۇلاق ئىزدەپ،
لېۋىمگە بىر تېمىم قۇيغىن تىلىڭدا سۈيى ئاب بولسا.
ناۋادا بەرمىسەڭ شەربەت جېنىمنى قىينىماي،تايىن
ئېلىپ شەمشەرنى بوينۇمغا رەھىمسىزلەرچە چاب بولسا.
چېچىلسا قانلىرىم تىم- تىم چوقۇشقا كەلسە قوزغۇنلار،
ئۈزۈپ ياپراقنى ئەنجۈردىن تېنىمنى يۆگە- ياپ بولسا.
چۈشۈڭگە كىرسە ئويناقلاپ ساڭا كۆيگەن غېرىپ جانىم،
سەھەر پەيشەنبىدە يوقلاپ مازارىم ئىزدە- تاپ بولسا.
ساڭا سۇنغان تىلەكىدۇر بۇ خۇشخۇينىڭ قوبۇل كۆرگىن،
تىتىپ تاشلا مۇبادا بۇ ئەمەلدە يوقلا لاپ بولسا.
7
ئېتىڭنى دىلغا جا ئەيلەپ،بېغىمدا لەيلىگە يازدىم،
سېنىڭ ھەجرىڭ مېنى چەيلەپ، كۆڭۈلنىڭ پەيلىگە يازدىم.
شاماللار قۇمغا خوت قويسا، بورانلار پۇتقا پۇت قويسا،
دىلىم كۆڭلۈڭگە ئوت قويسا،شۇ ئوتنىڭ مەيلىگە يازدىم.
تاپالماي لەئلى مارجان سۆز سىپاتىڭغا يېپىپ خام- بۆز،
يورۇپ قەلبىمدە بىر جۈپ كۆز،كۆزۈمنىڭ ئەينىگە يازدىم.
ساڭا يوللاپ ئىپار- ئەنبەر،چۆرەڭدە مەن بولۇپ چەمبەر،
ساڭا قانماي يۈرەك دىلبەر،يۈرەكنىڭ سەينىگە يازدىم.
تالاي نايناق ئېتىپ قاشنى،گاراڭ قىلسا تېنىچ باشنى،
ئېلىپ خۇشخۇي قورام تاشنى سالار باش كەينىگە،يازدىم.
8
ئىشىق چۈشكەن باياۋاندا كېيىك ئاتقانلىرىڭ يالغان،
مۇھەببەتكە بولۇپ سادىق كۆڭۈل چاتقانلىرىڭ يالغان.
غېرىپ باشىمغا كۈن چۈشسە تېشىپ يامۇلنى سادىردەك،
قېچىپ يۈرسەم چېكىپ ئەپغان قوشاق قاتقانلىرىڭ يالغان.
سېتىلسا بۇ ئەزىزجانىم يۈسۈپتەك قۇل بازارىدا،
زىلەيخادەك بىساتىڭنى تامام ساتقانلىرىڭ يالغان.
ئېلىپ ماڭغاندا زەنجىرلەپ سېنىڭ ئامراق بىلەكىمنى،
چۈشۈپ تەشۋىشكە كۆز يۇمماي ئاداپ ياتقانلىرىڭ يالغان.
سەپەرگە ئاتلىنار بولسا مەھەللەڭگە قاراپ خۇشخۇي،
يولۇمنى تاغ قامال قىلسا قولۇم تارتقانلىرىڭ يالغان.
9
شامال لىڭشىتسا شاخلارنى شامالغا شاخ يامانلايدۇ،
ساڭا مەپتۇن بولۇپ تۈندە ئىشىق دىلنى قاماللايدۇ.
بېرىشنىڭ يانمىقى باردۇر،كېلىشنىڭ كەتمىكى ھەمدە،
مېنى ھىجرانغا يەم قىلساڭ سېنىڭ كۆڭلۈڭمۇ چاللايدۇ.
دىلىدىن ياقتۇرۇپ سۆيگەن نىگارى گەر كۆڭۈل بەرسە،
مۇھەببەت قەدرىگە يەتمەس نادانلار سۆيگۈ ياللايدۇ.
ئېزىپ سۆيگۈ قىيانىدا قارام گىردابقا يۈز تۇتساڭ،
رەھىمسىز لەڭ ئۇرۇپ تۈرتۈپ سېنى لايدانغا شاللايدۇ.
ئەقىدە گۈللىسە ئاشىق دىلىدا ئەينى خۇشخۇيدەك،
گۇيا ماگما يۈرەك جانان سېنى تاۋلايدۇ، تاللايدۇ.
10
نىگار ئىشقىڭدا كۈل بولسام چاچالامسەن مېنى گۈلگە،
ۋەيا سورۇپ بورانلاردا قىلامسەن سۈر-توقاي چۆلگە.
سەھەردە خەندە قىلسام گەر غېرىپ كاككۇك زۇۋانىدا،
مېنى كاككۇك جەمەتىگە ئېتەمسەن باش پاناھ- ئۆلگە.
جىمى ئوتقا ھۆكۈمراندۇر مۇھەببەت ئوتىنىڭ تەپتى،
تۇتاشسا ئۆچمىكى مۈشكۈل غۇلاتساڭمۇ قاناس كۆلگە.
يۈرەكتىن ئالسا ھىجرانىڭ سېنىڭ ئالدىڭدا سۇلغۇنمەن،
نىگارا كۆرمەيىن مەقبۇل قوشامسەن ۋەزنى يوق نۆلگە.
سېنىڭ زالىملىقىڭنى يار ئەرىز قىلسا ئەگەر خۇشخۇي،
خىجىل بولماي تۇرالامسەن يىقىلساڭ لاي توپا- ھۆلگە.
«يېڭى قاشتېشى»ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى.