چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1454 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • huxhuy 7 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ‹‹قار گۈلى›› توزۇپ كەتتى ۋاپاتىڭدىن...

  • yadikar تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas تۈنۈگۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • yadikar 7 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    شەھلانىڭ تۇنجى توپلامىغا مۇبارەك بولسۇن!

  • huxhuy تۈنۈگۈن 00:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    يازغۇچى مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى خەيىرلىك بولغاي! ئامىن!

كۆرۈش: 139|ئىنكاس: 1

ئەھلىي شىرازى شېئىرلىرىدىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەھلىي شىرازى شېئىرلىرىدىن ئىككى پارچە

   شاھ ئىسمائىل دەۋرىدە شىرازدا يېتىشكەن سافەۋى شائىرلىرىدىن بىرى بولغان ئەھلىي شىرازى 1535-يىلى ۋاپات بولغان. ئۇ شېئىردا مەناغا قارىغاندا تىلغا بەكراق ئۈنۈم بەرگەن شائىرلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ «كۈللىياتى قەسىدە»، «غەزەللەر»، «سىھرى خەلال ۋە شەمۇ پەرۋانە»ناملىق مەسنەۋىي ۋە  رۇبائىيلاردىن تەشكىل تاپقان ئەسەرلىرى داڭلىقتۇر.

(1)
ئەگەر
دەردىم قەدەر بولسا ئىدى سۆز قۇۋۋەتىم،
كىم تەڭ تۇراتتى مېنىڭ بىلەن؟
تىرىشماق بىلەنلا ھەل بولسا ئىدى كۆڭۈل مۇرادى،
خۇسرەۋى پەرۋىز ئورنىغا
تىلاتتى تاغلارنى پەرھات.
گۈزەللىكنىڭ ئاتەشىدىن ئالسا ئىدى رەڭگىنى گۈل،
قالدۇرماستى چېمەنلىكتە بىر تالمۇ تېكەن.
كاساتلاشتۇردى ھۈسنۇ-گۈزەللەر بازىرىنى
بولمىسا تۈگىمەستى بۈگۈنمۇ يۈسۈپنىڭ فېتنەسى.
ئىرىشسە ئىدى ئەھلى ئاياغىنىڭ تۇپراقىغا
تۇپراق تىقاردى ھۆنەرسىز رەقىبىنىڭ ئېغىزىغا.

(2)
قاچانغىچە

قاچانغىچە،
بايان ئەيلەي دەردىمنى ئەلگە،
بىكاردىن بىكار؟
قاچانغىچە،
تىڭشاپ ئۆتەي ئىنسانلارنىڭ ئاھۇ-زارىنى؟
سەن ئۇخلارسەن تاتلىق تاتلىق گۈلىستان باغرىدا،
قاچانغىچە،
ھاسىلات ھەۋىسىدە ياتاي تولغۇنۇپ،
تېكەن ئۈستىدە؟
يوق بولسا گەر شىرىننىڭ كۆڭلىنى كۆتەرمەك يولى،
فەرھاد مىسالى.
قاچانغىچە تاش كېسىپ ئۆتەي كۆڭلۈم قېنى بىلەن،
قانلىق كۆز ياشلىرىم بىلەن؟
سۈپۈرگەيمەن ئېتى ماڭغان يوللارنى كىرپىكىم بىرلە،
يېغلىماق گۇناھ بولسا ئەگەر،
قاچانغىچە،
داۋاملىشار گۇناھكار بولماق،
يوللار سۈپۈرمەك؟
ئاڭلىمىدىڭ يۈزمىڭ نالە قىلسام بىرىنى.
سورىمىدىڭ:
قانچانغىچە داۋام قىلار ئۈشبۇ ھېكايە؟
قەريەردە ئۇ روزگار
ئېچىلدۇرار مېنى؟
گۈل مېسالى.
قاچانغىچە،
ئېچىلماي توزماق،
كۆڭۈل غېمى بىرلە
غۇنچە مىسالى؟

ئەي، جاھان ئەھلى!
قالمىدى دەۋا، دەرت تۆكمەكتىن باشقا،
دەرماندىن دەردىمنى يۇشۇردۇم ئۇزاق
يۇشۇرارمەن يەنە قانچىلىك؟

مەنبە: "پارس شېئىرىيەت ئانتولوگىيەسى"دىن ئابدۇمىجىت مۇھەممەد تەرجىمە قىلىپ، تەييارلىدى.
مەنبە: شىنجاڭ يازغۇچىلىرى

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-3-3 10:03:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر دەپ موشۇنى دېسە بولىدىكەن. شېئىر  ئوقۇغىمىز كەلسە "گۇلىستان"نى ئوقىساق چاڭقىغان قەلبلەرگە دەرمان بولىدىكەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئەرنىڭ غېمى ئەلدە كۆرۈنەر، دېھقاننىڭ مېۋىسى يەردە

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-25 08:39 , Processed in 0.249194 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش