چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar ئۈلۈشكۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas ئۈلۈشكۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz تۈنۈگۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 366|ئىنكاس: 1

ئۇيغۇر مائارىپىغا نەزەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-24 23:10:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئۇيغۇر مائارىپىغا نەزەر

ئامېرىكا ئالىمى، پىسخولوگ جىك ھونتېر
تەرجىمە قىلغۇچى :ئابباس مونىياز

مۇقەددىمە


مەن ئۇيغۇر نامى بىلەن ئاتالغان ئەلدە خېلى ئۇزۇن تەلىم ئالدىم.لېكىن مەندە قالغان تەسرات شۇ بولدۇكى، ئۇ يەردە ھەقىقى مەنادىكى مائارىپ تېخى شەكىللەنمەپتۇ . ۋەتەنگە ۋاقتىدا قايتىپ كەلمىگەن بولسام ، مەنمۇ تەربىيىسىز قالاركەنمەن . زاۋۇتتىن چىققان خىشتەك ، بىر خىللا ئىدىيىلىك، بىر قىلىپتىكى ئادەملەرنى تەربىيلەپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان ئۇ سېستىما ھەققىدە بەك كۆپ توختالغۇم يوق . ئۇلار تېخى ئۆزلىرىچە مائارىپتا ئىسلاھ ئىلىپ بېرىۋاتىمىز ، دەپ قارايدىكەن . ئۇلار ئىسلاھات دەپ چۈشەنگەن ئىشنىڭ ماھىيىتىنى قىسقىلا قىلىپ ئۈچ نوقتىغا يىغىش مۇمكىن .

1 . ئۇيغۇر مائارىپىدىكى << ئىسلاھات >> قا ئىزاھات

ئۇلار بىز ئىسلاھات ئىلىپ بېرىۋاتقىلى يىگىرمە نەچچە يىل بولدى دەپ ماختىنىدىكەن ، ئەمىلىيەتتە ئۇيغۇر مائارىپىدا ئەزەلدىن ئىسلاھات بولۇپ باقماپتۇ . بىر زاماندا روسلارنىڭ ئەندىزىسى بىلەن شەكىللەنگەن مائارىپىدىن پەخىرلەنگەن ئىكەن . مانا ئەمدى خەنزۇ مائارىپىنىڭ كۆچۈرۈلمىسىدىن ماختىنىپ يۈرۈپتۇ . بۇ خىل كۆچۈرۈلمە ئەندىزىسىمۇ يىل ساناپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىكەن . بۇ يىل نىشانلىق ئوقۇتۇش دېگەن شۇئارنى كۆتۈرۈپ چىقسا ، كېلەر يىلى ساپا مائارىپى دىگەن گەپنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن ، ھازىر << ئېمتىھان مائارىپى >> دېگەن ئۇقۇمنى پەيدا قىلسا ، ئەتە تۇرۇپلا ئامرىكىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ 70- يىلىلىرىدىكى پېداگوكى بۆلۈمىنىڭ نەزەرىيسىنى بازاراغا سالىدىكەن . مەھمۇت قەشقىرى ، نىزامىدىن ئەلشىر ناۋايى . . . قاتارلىق يىتۈك ئۆلىما ئۇستازلىرى ياراتقان تەربىيلەش تەجربىلىرىنى تەتقىق قىلىپ كۆرمەي، چەتئەلنىڭ سۇخۇلمىنىسكى ، كۇڭزى كەبى پېداگوكلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە ماس كەلمىگەن تەشەببۇسلىرىغا ئىسىلىۋالىدىكەن . ئىسلاھات دەپ كۈچىگەنسىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلىك كىتابلىرى كۆپىيىپ كېتىدىكەن ، ئۇ دەرسلىكلەر ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان بولۇپ ، ئۇنى ئوقۇپ چىققانلار رېئاللىققا، تۇرمۇشقا زادىلا ماسلىشالمايدىكەن . ئەقەللىيسى ، فىزىكا ئوقۇغانلار ھەمىشە كۆرۈپ تۇرغان شال بىلەن بۇغداي مايسىسىنى پەرىقلەندۈرەلمەيدىكەن . باشلىق كۆپەيتىش-- ئۇلار دىگەن ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى ئىكەن . << ئادەم كۆپ بولسا ئىش كۆپ بولىدۇ >> دېگەن گەپ ئۇلارنىڭ دەستۇرى سانلىدىكەن . ئادىمى يۈزگىمۇ يەتمەيدىغان مەكتەپنىڭ 8-10 نەپەر مۇدىرى بولىدىكەن . بۆلۈم ، گۇرپپا مەسئۇللىرى ، سىياسى خىزمەتچىلەر . . . دېگەنلىرىنى قوشقاندا مەكتەپ خادىمىنىڭ 40 - 50 پىرسەنتىنى باشلىقلار تەشكىل قىلىدىكەن .
باشلىقلار كۆپىيىپ تۇرغىنى بىلەن << ئىخچاملاش>> نى ئېغىزدىن چۈشەرمەسلىك ئۇلارغا ئورتاق ئۇدۇم ئىكەن . ئىخچاملىدۇق دەپ بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتسىز بىر تالاي مەكتەپلەرنى زورمۇ-زور بىرلەشتۈرۈپ قويۇپتۇ . بۇنىڭ بىلەن ئاپپارات كېلەڭسىزلىشىپ ئادەم تېخىمۇكۆپىيىپ كىتىپتۇ . << شىتات قىسقارىتمىز >> دېگەن گەپ شۇنىڭدىن چىقىپتۇ . ئۇلار شىتات قىسقارتىشنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن جاي-جايلاردا << شىتات قىسقارتىشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرپپىسى >> دەيدىغان مەخسۇس شىتاتلىق ئورگاننى كۆپەيتىپتۇ .
ئۇلارنىڭ << ئىسلاھات >> دەپ چۈشىنىدىغان يەنە بىر ئىشى ---- ئۆز تىلىدا ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ بولالمايۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا باشقا تىلدا دەرس ئۆتۈش ئىكەن . . .
قىسقىسى ، ئۇيغۇرلارنىڭ خاس مائارىپ ئەندىزىسى يوق ئىكەن . ھازىرقى شارائىتتا ئۇلارنىڭ مائارىپىدا ئىسلاھاتنىڭ بولىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىكەن . ئەگەر يېڭىلىق بار دېيىلسە ئۇ خورىتىش ۋە قورقىتىش ئىكەن !

2. خورىتىش

ئىنسانىيەتنى ئۈزلۈكسىز ئىسلاھات ئىلىپ بېرىشىدىكى تۈپ مەقسەت _ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش .
بۇ ئاز ئىشلەپ ، كۆپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش دىگەنلىك . لېكىن ئۇيغۇر مائارىپى بۇنىڭ ئەكسىگە قاراپ تەرەققى قىلىۋاتىپتۇ . ئۇلار << ئىسلاھات >> دېگەن بۇ ئۇقۇمنى << كۆپ ئىشلىتىش ، كۆپ باشقۇرۇش ، كۆپ چارھىتىش >> دەپ چۈشىنىدىكەن . ئۇلاردا ئوقۇتقۇچىلارنى قانداق قىلغاندا ئىشتىن باش كۆتۈرەلمەيدىغان قىلغىلى بولىدۇ . دېگەن مەسىلە ھەققىدە ئىزدىنىش ئەڭ چوڭ ئىسلاھات سانلىلىدىكەن . شۇڭا ھەر قانداق مەكتەپ مۇدىرى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ھامان مۇشۇ توغۇرلۇق باش قاتۇرىدىكەن . كىم ئوقۇتقۇچىلارغا ئىش تېپىپ بېرەلىسە، يېڭىدىن يېڭى ئۈنۈمسىز ۋەزىپىلەرنى ئارتالىسا، شۇ ئىقتىدارلىق مۇدىر ھېسابلىدنىدىكەن . شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىسى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇش كويىدا پالاقلايدىكەن . بىر مۇدىر دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنى قايسى ئۇسۇلدا ھاردۇرۇشنىڭ ئامالىنى ئىزدەپ ، ئون ، ئونبەش خىل قوللانما تۈزسە، يەنە بىر مۇدىر ئۇنىڭدىن قالماسلىق ئۈچۈن ، كېچە-كۈندۈز باش قاتۇرۇپ يۈرۈپ ، سىنىپ تەربىيچىلىرىنى جازالاش ھەققىدە 20-25 تۈرلۈك مەخسۇس قوللانما تۈزۈپ چىقىدىكەن . ئۈچۈنچى بىرسى ئۇنىڭدىن ئېشىپ چۈشىدىغان بىمەنلىكلەرنى ئويلاپ تاپىدىكەن . . .
ئوقۇتقۇچىلار كېچە-كۈندۈز ئارام ئالماي ، تۈرلۈك ئەھمىيەتسىز جەدىۋەل ، قوللانمىلارنى تولدۇرۇپ ھالىدىن كېتىدىكەن . ئۇلارغا ئارام خۇدا دەرس تەييارلىغۇدەكمۇ ۋاقىت بېرىلمەيدىكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە دەرسلىك ئۆزگەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدىمۇ بۇ يىلقى تۈزگەن كونسپىكنى كېلەر يىلى ئىشلىتىشكە بولمايدىكەن .
ئۇلارنىڭ << گۇرپپا باشلىقى >> دەپ ئاتىلىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك باشلىقى كانسىپىكنى قايتا-قايتا كۆچۈرتۈپ ئۇنىڭ ئاخىرىغا سەت خەتلەر بىلەن ئىسمىنى يېزىۋالمىسا ئۇنىمايدىكەن . ئاڭلىسام ، ئۇلارنىڭ ئىشى مۇشۇ ئىشتىن ئۆسىدىكەن . شۇڭا ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۈنى دەرسلىكتىن كونسىپىككە ، پايدىلىنىش ماتىرىيالدىن دەپتەرگە ، دەپتەردىن دەپتەرگە ، دەپتەردىن يېڭى دەپتەرگە كۆچۈرۈش بىلەن ئۆتىدىكەن . . .
مەكتەپ باشلىقلىرىنىڭ دەرسلەرنى باھالاش ئۇسۇلىمۇ غەلىتە ئىكەن . ئۇلار ئالدىن بېكىتىۋالغان مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان باھالاش ئۆلچىمىنى مەخسۇس دەپتەر قىلىپ باستۇرۇپ ، ھەممە ئوقۇتقۇچىغا بىردىن تارقىتىپ بېرىدىكەن . بارلىق ئوقۇتقۇچى مۇشۇ دەپتەر بويىچە دەرس ئۆتۈشى كېرەك ئىكەن ، يەنە كىلىپ ئوقۇتۇشنىڭ ھەر بىر باسقۇچىغا مۇقىم ۋاقىت بېكىتىلگەن بولۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا قاراپ ۋاقىت چىكىنى بۇزۇشقا ھەرگىز بولمايدىكە، دەرس ئۆزلەشسۇن ، ئۆزلەشمىسۇن مۇشۇ ۋاقىت بويىچە قىلىپقا چۈشۈرۈپ دەرس ئۆتۈپ بەرگەن ئوقۇتقۇچى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالىنىدىكەن . سەل چوڭقۇرلاپ كەتكىنى بېكىتىلگەن ئۆلچىمىگە چۈشمەي قالىدىكەن -- دە ، لاياقەتسىز باھالىنىدىكەن . شۇڭا ھەممە ئوقۇتقۇچى بىر ئادەمدەك دەرس ئۆتىدىكەن . ھىچقايسىسى قائىدىدىن چىقىپ كەتمەيدىكەن . تېخىمۇ قىزىق بولغىنى ئوقۇتۇشتىن ئىبارەت سوبىكتىپ جەريان قېلىپلاشقان ، مىخانىك پائالىيەتكە ئايلىنىپ قاپتۇ .
يىل بويى ئارام ئالماسلىق ، ئۇلارنىڭ نەزەرىدىكى يەنە بىر ئىسلاھات ئىكەن . مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارنى قىشۇ ياز تەتىلگە قويۇپ بەرمەي ، تۈرلۈك ئۆگىنىشلەرگە سالىدىكەن . شەنبە- يەكشەنبىلەرمۇ ئىشلەۋىرىدىكەن . قانۇنىيەتكە خىلاپ بۇ ئادەت ئوقۇتقۇچى--- ئوقۇغۇچىلارنى ئاسانلا كاردىن چىقىرىدىكەن . شۇنداق بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى گومۇش ، يىراقنى كۆرەلمەس . . . قاتارلىق كېسەللەر بىلەن ، ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆپكە ، يۈرەك ، بۆرەك ... دېگەندەك رەئىس ئەزالار كېسىلى بىلەن ئاغرىيدىكەن . مەن بۇ ئەلدىكى ئىلى ، ئاقسۇ ، قەشقەر ، خوتەن قاتارلىق ئەللەرنى ئارىلاپ يۈرگەنلىرىمدە تالاي ئوقۇتقۇچىلارنى شۇ خىلدىكى كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم .
ئۇلاردا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكى ئىنتايىن ئېغىر ئىكەن ، مەكتەپ مۇدىرلىرى دەل موشۇ ئىشتىن پەخىرلىنىدىكەن . ئوقۇتقۇچىلارنى قانچىكى كۆپ قاقشاتسا ، قانچە كۆپ ئۈنۈمسىز ئىشلارغا مەلىكە قىلالىسا بۇ ئىسلاھات ھېسابلىنىدىكەن . دوكتور ، يازغۇچى ، تەتقىقاتچى ... دىگەندەك كەم تېپىلىدىغان ئىقتىساس ئىگىلىرى بولغان ھالەتتىمۇ تۈرۈلۈك شەكلىۋازلىقلىرىغا كۆنۈشى كېرەك ئىكەن . بۇ شەكىلۋازلىققا چىداپ ئىشلىگەنلىرى بولسا بەش-ئالتە يىلغا بارمايلا بەلگىلەنگەن قېلىپ بويىچە ئۆلچەملىك دەرس ئۆتۈشتىن باشقىغا يارىمايدىغان ئادەتتىكى << مۇئەللىم >> گە ئايلىنىدىكەن . بۇ نىمە دېگەن ئېغىر پاجىئە - ھە !؟
شۇڭا دەيمەن . ئۇلاردا ھەقىقى مائارىپ يوق . ئىسلاھات يوق . قەستەن خورىتىشلا بار ئىكەن !

<< دۇنياۋى مەتبۇئاتتا كىملەرنىڭ گېپى>> ناملىق ماقالىلار توپلىمىدىن ئېلىندى.

بۇ ماقالە <<تۇرپان>> ژۇرنىلىدا ئىلان قىلىنغان.
يېشىل ئارال مۇنبىرىدىن يۆتكەپ كېلىندى.

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-12-25 18:19:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكرار يوللانغان تېما

http://qinturk.com/bbs/thread-10183-1-1.html
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلىقى،تۇققاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلىقى.

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 16:35 , Processed in 0.329082 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش