تۇرغۇن پەيزۇللا
بۇرۇت
چۈشۈرۈش خاتىرىسى
ئۇسساپ كەتتى بۇرۇتنى نەمدىگەن سۇ،
كۆيدۈرۈپ-كۆيدۈرۈپ ئاچچىق يېشىنى.
ۋاقىراپ- جاقىراپ ئۆزگە بىر تىلدا،
قۇچاقلاپ ھەم يۇلۇپ سۇمبۇل چېچىنى.
بىر دەريا ئۆركەشلەپ ئاقار كۆزۈمدە،
يالقۇنلۇق چۆللەرنى نىشانغا ئېلىپ.
قاقشالغا ئايلانغان ئورمانلار گۈلخان،
قۇملۇقلار تىترەيدۇ كۆكسىنى يېرىپ.
گۇگۇمغا ئايلاندى دەريانىڭ ئىچى،
تاڭ ئاتتى ، ئاسماننى قاپلىغان بۇلۇت.
سۇ كەتسە ئورنىدا قالاركەن تاشلار،
مۇساپىر يامغۇردەك يىغلايدۇ بۇرۇت.
ئۇستۇرا ئاستىغا يىقىلار گۈپ-گۈپ،
بۇقۇلداپ يىغلايدۇ ئاچچىق بىر ھىجران.
ئوقيادەك ئۇچلىنىپ كۆكلەيدۇ ئەتە
بىر ئاۋاز كېلىدۇ قان تېمىپ تۇرغان.
مەن ماڭدىم چۆللەرگە يامغۇر بولغىنى،
مېھرىمنى قۇملۇققا ئەيلەيمەن بايان.
بىر دانە قۇمنىڭكى قۇرغاق ئاۋازى،
بىر تامچە سۇ بىلەن مەھكەم باغلانغان.
كۆز يېشىم قۇملارنى قۇچاقلاپ نۇردەك،
قانىغان سەھەردىن ئاقار قۇياشقا.
ھاردۇرۇپ، چارچىتىپ ئۇزاق سەپەرنى
نەمدەلگەن بۇرۇتلار بىلىنەر تاشقا.
گۈللەردەك پۈرەكلەپ كۆكلەيدۇ يەنە
تاشلاردەك چىرمىشىپ ياتقىنى بىلەن.
قەلبىمنى يىرتىدۇ قاپقارا ھەسرەت،
« گاھىدا مەن گۆھەر ، گاھى گەندە مەن.»