شىنجاڭدا پەۋقۇلئاددە چوڭ بىر ئالتۇن كان بايقالدى
10 يىللىق تىرىشىش نەتىجىسىدە، يېقىندا شىنجاڭلىق گىيولوگىيە خادىملىرى كۈنەس ناھىيەسىدىن پەۋقۇلئاددە زور بىر ئالتۇن كاننى بايقىدى. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ كاندىن 53 توننىدىن ئارتۇق ئالتۇن قازغىلى بولىدىغان بولۇپ، 20 مىليارد يۈەنلىك ئىقتىسادىي قىممەت يارىتالايدىكەن.
بۇ، شىنجاڭ گىئوولوگىيەلىك قېزىلما بايلىق ئىدارىسىنىڭ ئىككىنچى قېتىم غەربىي تەڭرىتاغ رايونىدىن بايقىغان چوڭ ئالتۇن كان بولۇپ، مەزكۈر كان غەربىي تەڭرىتاغ رايونى بويىچە ئەڭ چوڭ ئالتۇن كان ھېسابلىنىدىكەن.
مۇخبىر 20-ماي كاتبائاسۇ ئالتۇن كېنىنى تەكشۈرۈش نەق مەيدانىدا، يۈزلىگەن گىئولوگىيە خىزمەتچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. تەڭرىتاغ تىزمىسىغا جايلاشقان ئوتتۇرا ئاسىتا كان بەلبىغى دۇنيا دەرىجىلىك كان بەلغىنى بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبىكىستان، قازاقىستان قاتارلىق بىر قانچە دۆلەتلەر بۇ كان بەلبىغىدا چوڭ تىپتىكى ئالتۇن كانلارنى بايقىغان. بۇندىن ئىلگىرى جۇڭگو بۇ كان بەلبىغىدا بۇنداق چوڭ ئالتۇن كاننى بايقىمىغان. كاتبائاسۇ ئالتۇن كېنىنىڭ بايقىلىشى ئوتتۇرا ئاستا ئالتۇن كان بەلبىغىنىڭ جۇڭگو چېگرىسىغا كېڭەيگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
خەينەن مېيشېڭ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى چېن نوڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كان رايونى 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغان بولۇپ، يىللىق ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئۈچ توننىغا يەتكۈزۈلۈشى مۆلچەرلەنگەن، ئۇنىڭدىن باشقا 5000 توننا ئەتراپىدا مىس قېزىش مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، مەھسۇلات قىممىتىنىڭ بىر مىليارد يۈەنگە يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
مەنبە:نۇر تورى |