گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 127|ئىنكاس: 0

م.مەمتېلى ئەسەرلىرى مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2449

تېما

51

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

369854

Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22

تىرىشچان ئەزا گۇما دىيارى ئەزاسى تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە ئەزا مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 17:20:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 127- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.


مۇھەممەد مەمتېلى ئەدەبىي ئەسەرلىرى مۇھاكىمە يىغىنى  ئۆتكۈزۈلدى

m mamtili.jpg

2013-يىلى 28-ئىيول (يەكشەنبە) شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، قاراماي گېزىتخانىسى ۋە قاراماي رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان يەرلىك تالانتلىقلار-مۇھەممەد مەمتېلى ئەسەرلىرى مۇھاكىمە يىغىنى قاراماي گېزىتخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى دولقۇن تۇرغۇن رىياسەتچىلىك قىلدى. قاراماي گېزىتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى مۇختار مۇھەممەد ھەرقايسى گېزىت-ژورنال، ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىلىرى ئەۋەتكەن تەبرىك تېلېگراممىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى. شەھىرىمىز يازغۇچى، شائىرلىرىدىن ئوسمان قاۋۇل، ئىبراھىم نىياز، ئەركىن مۇھەممەد كامالى قاتارلىقلار مۇھەممەد مەمتېلىنىڭ ئەسەرلىرىگە ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن باھا بەردى. رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى غالىپ توختى، شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش مىللەت، دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ياسىن ئېلى قاتارلىقلار مۇھەممەد مەمتېلىنىڭ ھاياتىي پائالىيەتلىرى ۋە كىشىلىك پەزىلىتى توغرىسدا توختالدى.

مۇھەممەد مەمتېلىنىڭ تەرجىمىھالى

   مۇھەممەد مەمتېلىھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە ئاخباراتچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
مۇھەممەد مەمتىلى 1951-يىل مارتتا مايتاغتا ئىشچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1969- يىل يانۋاردا ئورقۇ بۇرغىلاش دېھقانچىلىق مەيدانىغا قايتا تەربىيەگە چۈشكەن. 1970-يىل ئىيۇلدا ئىشچىلىققا قوبۇل قىلىنىپ ئۈرۈمچى نېفىت گېئولوگىيە ئىدارىسىدا نېفىت چارلىغۇچى، ئىدارە تىرانسىپورت شىركىتىدە ئاپتوموبىل رېمونتچىسى، شوپۇر، ئىدارە شوپۇرلار مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى، ئىدارە تىرانسپورت شىركىتىدە تەشۋىقات كادىرى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە مائارىپ مەركىزىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ، 2011-يىل مارتتا پېنسىيەگە چىققان.
مۇھەممەد مەمتېلىنىڭ«چۆلدىكى تۇنجى چىراغ» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتى (ئارسلان تالىپ بىلەن بىرلىشىپ يازغان)، «ئالقىشلانغان ماقالە» ناملىق فىليەتونى،«رۇبائىيلار» قاتارلىق ئەسەرلىرى 1 -، 5 -، 7 - نۆۋەتلىك  خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا، «مېيىپنىڭ كۆز يېشى» ناملىق ئوچېرىكى 1992-يىل مەملىكەتلىك نېفىت ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن، شۇنداقلا شىنجاڭ ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان باھالاشتا 3 -دەرىجىلىك مۇكاپاتقا،«مۇسىبەت ئىچىدىكى خىيال» ناملىق ھېكايىسى 1993-يىل ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن تەڭرىتاغ قەلەمكەشلىرى يىغىنىدا، «تەڭرىتاغ» تەھرىر بۆلۈمى تەرىپىدىن 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇندىن باشقا «ئىشچىنىڭ قىزى»،«سېلىم گال»،«راست گەپ»،«گۈللە يۇرتۇم» قاتارلىق ئون پارچىدىن ئارتۇق شېئىر-ھېكايىسى قاراماي ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، «شىنجاڭ نېفىت گېزىتى» تەرىپىدىن 1-، 2-دەرىجىلىك ئەدەبىي ئىجادىيەت  مۇكاپاتىغا ۋە «قارا ياقۇت»،«گېلتاغ گۈلزارى» قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
«شىنجاڭ نېفىتلىكىنىڭ 40 يىلى»،«شىنجاڭ نېفىتلىكىنىڭ 50 يىلى»،«قاراماينىڭ 40 يىلى»، «ئىزدىيار لىرىكىلىرى»،«گۈلۈم ئۈچۈن ياشايمەن»،«ئالتۇن بۇلاقلار»، «ئۇنتۇلماس چاغلار»،«بۇمۇ مۇھەببەت»،«چۆلدىكى تۇنجى چىراغ» قاتارلىق توپلاملارغا ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن.
مەنبە:شىنجاڭ يازغۇچىلىرى

گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ھەقىقەت نوپۇزنىڭ ئەمەس،ۋاقىتنىڭ بالىسىدۇر(.برېھت)

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 16:53 , Processed in 0.177288 second(s), 40 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش