گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 136|ئىنكاس: 1

توختاملىق يازغۇچىلار يىغىنى ئېچىلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2449

تېما

51

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

369854

Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22

تىرىشچان ئەزا گۇما دىيارى ئەزاسى تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە ئەزا مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 22:58:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 136- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.


شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئاز سانلىق مىللەت توختاملىق يازغۇچىلىرى خىزمەت يىغىنى ئېچىلدى

tohtamlik yazguqilar.JPG

شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئاز سانلىق مىللەت توختاملىق يازغۇچىلىرى خىزمەت يىغىنى 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن ئاۋال، ئۈرۈمچى كۆمۈر كان مېھمانسارىيىدا ئېچىلدى. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىياتسەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن غەيرەت ئاسىم،ئېركىش قۇرمانبېك،دوڭ لىبو ۋە ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئەدەبىيات – سەنئەت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى نيۇ يۇەنفېڭ قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمغا ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەت ئاسىم رىياسەتچىلىك قىلدى.
   يىغىندا ئالدى بىلەن، ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن  رەئىسى، باش كاتىپ دوڭلىبو <<شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ توختاملىق يازغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش لاھىيەسىنى يولغا قويۇش چارىسى>>نى شەرھىلەپ ئۆتتى. ئاندىن رەئىس ئازات سۇلتان شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى 2012-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە تەكلىپ قىلىنغان توختاملىق يازغۇچىلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىپ، بۇ قېتىم تەكلىپ قىلىنغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، موڭغۇل ۋە تاجىك قاتارلىق 37 نەپەر توختاملىق يازغۇچىمىزغا <<تەكلىپ گۇۋاھنامىسى>> تارقىتىپ بېرىلدى. ئاندىن يەنە يىغىننىڭ كۈنتەرتىپى بويىچە ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېركېش قۇرمانبېك توختاملىق يازغۇچىلىرىمىزنىڭ 2012-يىلىدىكى ئىجادىيەت نەتىنجىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئاخىردا ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئەدەبىيات – سەنئەت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى نيۇ يۇەنفېڭ، رەئىس ئازات سۇلتان قاتارلىقلار مۇھىم سۆز قىلىپ بۇ قېتىمقى توختاملىق يازغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنىڭ ئەھمىيىتى، تەسىرى ۋە ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئەدەبىياتىمىزدا تۇتىدىغان ئورنى، توختاملىق يازغۇچىلىرىمىزنىڭ تەربىيەلىنىشى، ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكى، يۈزلىنىشى قاتارلىق كەسپىي ۋە ئىجادىيەت مەسىلىلىرىرى ھەققىدە يېتەكچى خارەكتىرلىك كونكىرىت، ئەمەلى تەلەپ ۋە ئۈمىدلەرنى ئوتتۇرغا قويدى.
    يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا يەنە ئەنىۋەر ھوشۇر، مەدەنىيەت مۇقاتاي قاتارلىق توختاملىق يازغۇچىلار ۋەكىللىرىمۇ مەخسۇس سۆزگە چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى  ئىجادىيەت مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتتى ۋە بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى نەتىنجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئىرادىسىنى بايان قىلدى.
    يىغىنغا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھەر مىللەت توختاملىق يازغۇچىلىرىمىز ۋە يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئورگىنىدىكى خىزمەتچى خادىملاردىن بولۇپ 50تىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.  يىغىننى ئىككى كۈن ئېچىش پىلانلانغان بولۇپ، ئۇ يەنە مەخسۇس تېمىدىكى لېكسىيە ۋە مۇزاكىرە قاتارلىق كۈنتەرتىپلىرىنى تاماملاپ 29-كۈنى تاماملىنىدۇ.

2012-يىلى توختاملىق يازغۇچىلىرمىز نەشر قىلدۇرغان كىتاپلىرىدىن باشقا يەنە ئاشكارە تارقىتىلىدىغان ژۇرناللاردا جەمى بىر مىليۇن بىر يۈز توقسەن يەتتە مىڭ خەتلىك ئەسەر ئېلان قىلدى.

گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...

2449

تېما

51

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

369854

Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22

تىرىشچان ئەزا گۇما دىيارى ئەزاسى تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە ئەزا مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 23:00:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوتەندىن يازغۇچى،ژۇرنالىسىت تۇرسۇنجان مۇھەممەد،ئەدەبىي ئوبزۇرچى،پىداگۇك ئەنۋەر ھوشۇر،يازغۇچى ئالتۇنگۈل رەجەپلەر توختاملىق يازغۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنىپتۇ. مۇبارەك بولسۇن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلىقى،تۇققاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلىقى.

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 16:54 , Processed in 0.186572 second(s), 39 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش