گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 101|ئىنكاس: 0

ياقۇپ ئامبال ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2449

تېما

51

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

369854

Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22

تىرىشچان ئەزا گۇما دىيارى ئەزاسى تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە ئەزا مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 00:08:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 101- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.


قاغىلىق تارىخىدىكى شەخىسلەر

ياقۇپ ئامبال


   ياقۇپ ئامبال ( ياقۇپ بەگ ) 1884 - يىلى قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ  بازار ئىچىدىكى تۇگمەنئىرىق بويى مەھەللىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ ، خەنزۇچە ئىسمى يۇۋىيخۇ ئىدى . ئاتىسى يۇنۇس ھاجى ھەجگە بىرىپ ، ھەرەمدە ئولۇپ كەتكەن ئىدى .
   ياقۇپ ئامبال يەتتە يىشىدىن باشلاپ بىر مەھەل دىننىي مەكتەپتە ئوقۇپ ساۋاتلىق بولغاندىن كىيىن ، شۇ چاغلاردا مەنچىڭ ھوكۇمىتى تەسىس قىلغان خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇپ ، ئىمتىھاندىن ياخشى ئوتكەنلىكى ئۇچۇن ، شىيۇسەي ( تالىپ ) دىگەن ئونۋانغا ئىرىشىدۇ . شۇندىن كىيىن ، شىنجاڭنىڭ ئولكە مەركىزىدىكى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بىرىپ ئوتىدۇ ۋە ئۇچ يىل ئوقۇپ ، خەنزۇچە بىلىمنى چۇڭقۇر ئوزلەشتۇرۇدۇ . ئوقۇش پۇتتۇرىدىغان چاغدا ئولكە ئىمتىھانىدىن ئەلا دەرىجىدە ئوتكەنلىكى ئۇچۇن ، « جۇيرىن » ( چىڭ سۇلاسى دەۋرىدە ئولكە ئىمتىھانىدىن ئوتكەنلەرنى شۇنداق ئاتايىتتى ) دىگەن ئىلمىي ئونۋانغا ئىگە بولىدۇ . ئوقۇش پۇتتۇرگەندە ئولكىلىك ھوكۇمەتكە تەقسىم قىلىنىپ ، بولۇم باشلىقى بولۇپ ئىشلەيدۇ .شۇ چاغدىكى ئولكە باشلىقى ياڭ  زىڭشىن بىر كۇنى ياقۇپ ئامبالنى ئەگەشتۇرۇپ ، شىمالىي دەرۋازىدىكى سىپىل ئۇستىگە چىقىپ ، تاماشا قىلىپ ماڭىدۇ . دەل شۇ چاغدا بىر ئۇيغۇر يىتىمچى ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ئوتۇۋىتىپ ، « تاھىر - زوھرە » غەزىلىدىن مۇنۇ ئىككى مىسرانى ئوقۇپ ماڭىدۇ : « تەپسەم ساندۇق ئاچىلۇر ، گۇل باشىمغا ساچىلۇر ... » . بۇ غەزەلنى ئاڭلىغان ياڭ جاڭجۇن : « يۇۋىيخۇ ، ئاۋۇ لاۋچەنتۇ نىمە دەۋاتىدۇ ؟ » دەپ سورايدۇ . ياقۇپ ئامبال ھىچ ئىككىلەنمەسىن : « تىشاڭ شىياڭ زا كەيلى ، تۇشاڭدىخۇار سەنكەيلى ... » دەۋاتىدۇ ، دەپ جاۋاپ بىرىدۇ . بۇنى ئاڭلىغان ياڭ زىڭشىن قاقاقلاپ كۇلۇپ كىتىپ : « بارىكاللا ، ئىلمىي سەنئەت جەھەتتە كامالەتكە يىتىپسەن ، ئەمدى بىرەر ناھىيىگە ئامبال بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بوپسەن ... » دەپ ئامباللىققا تەيىنلەپتۇ . شۇنىڭدىن كىيىن ، ئۇ ، كەلپىن قاغىلىق قاتارلىق بىر قانچە ناھىيىلەردە ئامبال بولۇپ ئىشلەيدۇ . خىزمەت ئىشلەش جەريانىدا پارا ، خىيانەتنى ھارام دەپ بىلىپ ، ئادالەتلىك ، پاكلىق بىلەن يۇرىت سورايدۇ . 1932 - يىلى چەشمە تامدا يىغىلىق بولغاندا ، ئۇ ، قاغىلىققا قايتىپ كىلىپ ، ئاكىسى سىدىق بەگنىڭ قورۇسىدا تۇرۇدۇ . 1933 - يىل ، يىل بىشىدا ، خوتەندە زور كولەملىك قوزغىلاڭ بولىدۇ . شۇ چاغدىكى قاغىلىقنىڭ ئامبىلى لىيۇشاۋلى يۇقۇرىنىڭ پەرمانىغا بىنائەن ، قوزغىلاڭچىلار بىلەن ئۇرۇشۇش ئۇچۇن ماڭغان ئەسكەرلەرگە قۇماندان ھەم سوھبەت ۋەكىلى بولغانىدى . ئۇ يولغا چىققاندا ياقۇپ ئامبالنىمۇ سوھبەت ۋەكىلى سۇپىتىدە بىللە ئىلىپ ماڭىدۇ . ئۇلار گۇما بىلەن قارىقاش ئارىلىقىدىكى قۇماتپاشاھىم ، زاۋا دىگەن جايلاردا قوزغىلاڭچىلار  بىلەن ئۇچرۇشىدۇ . ياقۇپ ئامبال  بۇ ۋاقىتتا خەلىق ئاممىسى تەرەپتە تۇرۇپ مۇھىم رول ئوينىغانلىقتىن ، كوپلىگەن پۇقرالارنىڭ ھاياتى ئامان قالىدۇ . 1933 - يىلى 3 - ئايدا ، يەنە قاغىلىق بىلەن گۇما ناھىيىسىدە بىر كۇندىلا قوزغىلاڭ كوتۇرۇلىدۇ . بۇ چاغدا سوقۇش ۋە سوھبەتتىن نەتىجە چىقىرالماي مەغلۇپ بولۇپ قايتىپ كەلگەن لىيۇشاۋلى ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى 1000 دىن ئارتۇق جىن شۇرىن ئەسكەرلىرى ، قوزغىلاڭ ئۇستىگىلا ئۇلگۇرۇپ كىلىپ قالىدۇ . ئۇلار قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرۇش باھانىسىدا 300 دىن ئارتۇق پۇقرانى قىرغىن قىلىدۇ . بۇ پاجىئەلىك ئەھۋالنى كورگەن ياقۇپ ئامبال چىداپ تۇرالمايدۇ ۋە دەرھال ئەسكەر باشلىقىنى تىپىپ ، ئۇنىڭغا : « بۇ قوزغىلاڭغا باشلىق بولغۇچىلار بىر ياكى ئىككى ئادەم بولۇشى مومكىن ، مۇنچىۋالا نۇرغۇن پۇقرانى ئولتۇرۇۋەتسەك ، كىيىن بىزگە پۇقرا لازىم بولمامدۇ ؟ يەرنى كىم تىرىيدۇ ؟ تىجارەتنى كىم قىلىدۇ ؟ شۇڭا قىرغىنچىلىقنى دەرھال توختىتىش لازىم ! » دەپ تەكلىپ بىرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئەسكەر باشلىقى بۇ تەكلىپنى ماقۇل كورۇپ ،  كاناي چىلىشقا بۇيرۇق بىرىدۇ ھەم ئەسكەرلىرىنى يىغىپ  قىرغىنچىلىقنى توختىتىدۇ .  نەتىجىدە ، نەچچە مىڭ ئادەمنى قىرىلىپ كىتىشتىن ساقلاپ قالىدۇ . بۇ ۋەقەدىن كىيىن قاغىلىقتا يەنە ئەبەيدۇللا ئەلەم ، ئىشان ئاتاۋۇللاخان خوجا ، ۋە ساۋۇرخان خوجىلار باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ كوتۇرۇلۇپ ، ئىككى سائەتچە جىددى ئىلىشىش نەتىجىسىدە ،  بىر قانچە خەنزۇ ، ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىڭ ئولتۇرۇلىشى بىلەن ئاخىرلىىپ ،  قوزغىلاڭچىلار غەلىبە قىلىدۇ . بۇ خەۋەرنى لىيۇشاۋلى ئامبالغا يەتكۇزۇش ئۇچۇن خوتەنگە ماڭغان روزى يايى گۇما بازىرىدىن قاغىلىققا قاراپ يولغا چىققان قوشۇننىڭ ئالدىدا ماڭغان ياقۇپ ئامبالغا ئۇچرايدۇ . ياقۇپ ئامبال ئۇنىڭدىن نىمە ئۇچۇن كەلگەنلىكىنى سورايدۇ . روزى يايى قاغىلىقتا قوزغىلاڭ بولۇپ ، بىر نەچچە خەنزۇ ئەمەلدار بىلەن توت - بەش نەپەر ئۇيغۇر ئەمەلدارنىڭ ئوليۇرۇلگەنلىكىنى ، ئامبال - دارىنلارنىڭ خوتۇن - بالىلىرى ئەسىرگە ئىلىنغانلىقىنى سوزلەپ بىرىدۇ . بۇنى ئاڭلىغان ياقۇپ ئامبال روزى يايىغا : « سىنى لىيۇ ئامبالغا توغرىلايمەن ، سەن ئۇنىڭغا قاغىلىق خەلقى قوزغىلىپ خەنزۇلارنى ئولتۇردى دىمەي ، قاغىلىققا خوجىنىياز ھاجىنىڭ قىسىملىرى باستۇرۇپ كىرىپ  ، شەھەرنى تارتىۋالدى ، دىگىن ، لىيۇ ئامبال سىنىڭدىن قانچىلىك ئەسكەر ئىكەن ، قانداق قۇرالى بار ئىكەن ، دەپ سورىسا ، ئەسكەرلەرنىڭ سانى كوپ ، مىلتىقلىرى مىشەكلىك ئوق يەيدىغان مىلتىق ئىكەن ، دەپ جاۋاپ بەر ، ئۇنداق دىمىسەڭ ، لىيۇ ئامبال قاغىلىققا باستۇرۇپ كىرىپ ، ئىت، مۇشۇكلەرگىچە قويماي قىرىپ تاشلايدۇ ... » دەيدۇ . شۇنداق قىلىپ روزى يايىمۇ ياقۇپ ئامبالنىڭ دىگىنى بويىچە لىيۇ ئامبالغا ۋەقەنى مەلۇم قىلىدۇ . لىيۇ ئامبال خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ چۇچۇپ كىتىپ ، ياقۇپ ئامبالدىن مەسلىھەت سورايدۇ . ياقۇپ ئامبال : « ئۇنداق بولسا بىز قاغىلىق بازىرىغا كىرمەي ، تاغ يولى بىلەن يەكەن تەۋەسىگە ئوتۇپ ، يەكەننىڭ يىڭىشەھىرىگە كىرىپ كىتەيلى ... » دەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن لىيۇ ئامبال ياقۇپ ئامبالنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئىش كورىدۇ . نەتىجىدە قاغىلىقتا نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ قىنى توكۇلۇشتەك پاجىئەلىك ئەھۋالنىڭ يۇز بىرىشىدىن ساقلاپ قالىدۇ . شۇنىڭدىن كىيىن ماخۇسەننىڭ 36 - دىۋىزىيىسى كىلىپ قاغىلىق بىلەن خوتەن تەرەپتە ئورۇنلىشىش ئارىلىقىدا ، ئىككى قىتىم ھاكىمىيەتسىز ھالەت يۇز بىرىپ ، قىرغىنچىلىق ۋەقەسى پەيدا بولۇشى كورۇنۇپ تۇرغان بىر پەيىتتە ، ياقۇپ ئامبال يامۇل دەرۋازىسىنى ئىچىپ كىرىپ ،  ئوزىنى ئامبال دەپ جاكارلايدۇ ھەم ھاكىمىيەتنى قايتىدىن تىكلەپ ، ناھىيىلىك ھوكۇمەتنى تەسىس قىلىدۇ . نەتىجىدە ، ھوكۇمەت خىزمىتىنى ئوزى قول سىلىپ ئىشلەش ئارقىلىق جەمىيەت ئامانلىقىنى ساقلاپ ،  پۇقرالارنىڭ خاتىرجەم ياشىشى ۋە نۇرمال ئىشلەپچىقىرىش ئىلىپ  بىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ . ئارىدىن ئۇزۇن ئوتمەي ، ماخۇسەننىڭ 36 - دىۋىزىيىسى كەلگەندىن كىيىن ، ياقۇپ ئامبالنى خوتەنگە ئىلىپ كىتىپ ، دىۋىزىيە شىتابىدا مەسلىھەتچىلىك خىزمىتىگە قويىدۇ . 1937 - يىلى شىڭ شىسەي 36 - دىۋىزىيىنى يوقۇتۇپ ، ئوز ھاكىمىيىتىنى تىكلىگەندە ، شىڭ شىسەينىڭ خوتەن ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى ياقۇپ ئامبالنى قولغا ئالىدۇ ۋە 1942 يىلى 4 - ئايدا ئۇنى ئادەم قىلىپىدىن چىققان ۋەھشى ئۇسۇللار بىلەن قىيىن - قىستاققا ئىلىپ ئولتۇرىدۇ . خەلىقپەرۋەر ياقۇپ ئامبالنىڭ خەلقىم ، مىللىتىم دەپ بىر ئومۇر كورەش قىلغان قىسقىغىنە ھاياتى ئەنە شۇنداق ئاخىرلىشىدۇ .

   ( جۇڭگو خەلىق سىياسى مەسلىھەت كىڭىشى ش  ئۇ  ئا  ر  كومىتىتى تارىخ ماتىرياللىرى تەتقىقات ھەيئىتى تۇزگەن « شىنجاڭ تارىخ  ماتىرياللىرى » ناملىق كىتاپنىڭ 24 - قىسمىدىن ئىلىندى )

                                                  2013 - يىل 25 - ئىيۇل

گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

جاھـان بىركـۈن بـىزگـىمۇ قىلـۇر ئالدىنـى،ياۋلار بىزنىڭ ھەيۋىمىزدىن ئىزدەر دالدىنى.

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 16:47 , Processed in 0.163085 second(s), 36 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش