گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 438|ئىنكاس: 2

ئەسكى بولدۇم(م. راشىدىن)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

436

تېما

3

دوست

5689

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

تىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 00:25:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 438- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.


ئەسكى بولدۇم

مۇھەممەتجان راشىدىن

بۇغدىيىڭنى تېرىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.
ئوتۇنۇڭنى يېرىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.

ساغاي دېسەڭ سېيىر بولدۇم سېنىڭ ئۈچۈن،
پۇتلىرىمنى كېرىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.

تاتلا دېسەڭ، سىلاپ قويدۇم دۈمبەڭنىمۇ،
چېيىڭغا نان سېلىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.

ئۆزۈمدە يوق ئۇننى ئەلدىن تىلەپ يۈرۈپ،
ساڭا بۇلماق چېلىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.

ساغلىقلىرىڭ تۇغماي قالسا مەندىن كۆردۈڭ،
ساڭا قوغۇن تېلىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.

تۇمۇزلاردا سېنى يەلپۈپ قولۇم تالدى،
مۇزدەك دوغاپ قېلىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.

كىم قويۇپتۇ ماڭا بۇنداق مالايلىقنى؟
پىتلىرىڭنى بېقىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.

كىرلىرىڭنى يۇيۇپ بەرسەم، رەخمىتىڭ يوق،
كېگىزىڭنى قېقىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.

ئېسىت مېنىڭ ساڭا بەرگەن نادان كۆڭلۈم!
مېنەي دېسەڭ يېتىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.

ساداقەتنىڭ سەھنىسىدىن چۈشمەي ھەر كۈن،
ساڭا ناخشا ئېيتىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.

خوپ بولدى دەپ، دۈشمەنلىرىم خوش بولۇشتى،
ساڭا ياڭاق چېقىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.

تۆككەن تەرىم بىكار كەتتى ئەگىزلەردەك،
ساڭا ئابروي تېپىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

78

تېما

22

دوست

4262

جۇغلانما

تەكلىپلىك يازغۇچى

Rank: 11Rank: 11Rank: 11Rank: 11

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 01:01:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى غەزەل يوللىنىپتۇ،خوشخۇينىڭ ئەجرىگە ئاپىرىن!

3

تېما

0

دوست

146

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 3Rank: 3

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 01:07:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزدىن مىنەتدارمەن،مۇھەممەتجان راشىدىن،مىنىڭ ئەسەرلىرىمنى تۇنجى قىتىم كورۈپ يىتەكلىگەن ئۇستازىم ئىدى،ھەر-بىر قىتىم ئۇنىڭ شېىرلىرىنى كۆرگۈنىمدە ئىچى-ئىچىمدىن سۆيۈنۈپ كىتىمەن.ئۇستازلار ئامان بولسۇن! سىزگىمۇ كۆپ تەشەككۈر!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ھەقىقەت يولىدىكى سەپەرگە يول خېتى كېرەك ئەمەس.(جولئوت)

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 16:57 , Processed in 0.305128 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش