بىسمىللاھىر رەھمانىررەھىم1
ئەي دىلاسەن ياخشىلارنىڭسۆھبەتىنى ئىزدەگىل،
ياخشىلارنىڭ سۆھبەتىدىن بىرزەمان ئايرىلماغىل.
ياخشىلارنىڭ سۆھبەتى دۇررىسەئادەتدۇركى بىل،
ھاسىلدۇر گەنجى گەۋھەر كىميادۇرتىڭلاغىل.
ياخشىلارنىڭ سۆھبەتىدە دەۋلەتىڭبولغاي زىياد،
بۇ سۆزۈمنى ئەي ئەزىزىم جانۇدىلدە ساقلاغىل.
ياخشىلارنىڭ زەيلىغە ئۆزۈڭنى ئالھىممەت بىلە،
ياخشىلارنىڭ مېھرىنى كۆڭلۈڭئۆيىدە ساقلاغىل.
ھەر نەسىھەت ياخشىلاردىنئاڭلاساڭ قىلغىل قوبۇل،
ئىككى ئالەم بۇ سۆزۈمنى جانۇدىلدە ساقلاغىل.
سەككىز ئۇجماق ھۇر غىلمانياخشىلارغە ئىنتىزار،
ھەق تەئالادىن تىلەر مۇنداغسەئادەت تىڭلاغىل.
بارچە دەرىڭغە دەۋادۇرياخشىلارنىڭ سۆھبەتى،
دەردىڭە دەرمان تىلەرسەنياخشىلارنى ئىزدەگىل.
سەلتەنەت ئەدل ئادالەتزىننەتىدۇر ياخشىلىق،
ياخشىلىقىدىن سەلتەنەت بەرپابولۇرلەر نەچچە يىل.
شاھى پارس ئۆمرى ئىچرەياخشىلىقغە جەھد ئېتىپ،
تۆرت مىڭ يىل مەملىكەت تۇردىقولىدە نەچچە يىل.
ئەي غەرىبىي پۇر گۇناھ ھەسرەتبىلە دەرماندە سەن،
ياخشى ئالىم سۆھبەتىدىن ھەرزەمان ئايرىلماغىل.
2
ساقىيا تۇتغىل شەرابىڭ بىرقەدەھ،
مەي ئىچەي كۆرسەت جامالىڭ بىرقەدەھ.
ئىشقىنىڭ خۇنابى سەرمەستىمەن،
خۇش قىلغايمەن شەرابىڭ بىرقەدەھ.
ئىشىق تاپماس ھەركىشى ئادەم ئەمەس،
ئىشقسىز كۆرمەس ۋىسالىڭ بىرقەدەھ.
ئىشقسىزلەر گاۋۇ، خەردۇر بىھۇدە،
كۆرمەگەي ۋەسلى كەمالىڭ بىرقەدەھ.
ئىشقلىغ تاپغاي ئىبادەتدىنكەمال،
كۆرگۈسى ئاخىر ۋىسالىڭ بىرقەدەھ.
ئەي غەرىبا نۇش قىل سەنئىشقىدىن،
ئىشق يەتكۈزگەي كەمالىڭ بىرقەدەھ.
3
دەھر سۇدىلدىن تەمەئ ئۈزگىلزىيانى بار ئىمىش،
ئۆمرىنى بىلگىل غەنىمەت بۇزەمانى بار ئىمىش.
ئۆي بەنا ئەيلەپ بۇ دۇنيامۈلكىنى ئاباد ئېتىپ،
ئىككى – ئۈچ كۈن بۇ ئۆي ئىچرەمېھمانى بار ئىمىش.
قو تەۋانالىغنى سەن كەلدىئۆلۈمنىڭ ئەلچىسى،
كەتمەكىڭ مۇمكىن ساڭا بەش كۈنجەۋانى بار ئىمىش.
پادىشاھغە ئىش خەلايىق فىكرىنىقىلماق ئېرۇر،
فىكرى مەخلۇق بولسە ئۈچ سائەتشەبانى بار ئىمىش.
دەۋلەتىڭ ھەر چەند زىياد ئولسەباشىڭنى ئەيلە خام،
باشى خەم بولغان دەرەختنىڭپاسىبانى بار ئىمىش.
سەن تەكەببۇر يولنى تاشلا ئەسلىنەسلىڭ پاك قىل،
ئەسلى نەسلىڭ فىكر قىلساڭمېھرىبانى بار ئىمىش.
ئۆمرىنى بىلگىل غەنىمەت ئەيلەتائەت بىرىيا،
قىلماساڭ تائەت ئىبادەت تاڭلانارى بار ئىمىش.
ھەق تەئالا ئەمرىنى تەرك ئەتمەقىلما نەھىيىنى،
ئەمىر تۇتغان ئارىغىغە قەدردانىبار ئىمىش.
پەرۋىلىك قىلغىل پەيەمبەرسۈننەتىنى جان بىلە،
تاڭلا مەھشەردە شەفائەت سايەبانى بار ئىمىش.
قەترەئى ئابى مەنسەپ ئەسلىجىنسىڭ پاك قىل،
ئەي غەرىبازىر خاك ئىچرە ماكانىبار ئىمىش.
4
غەم تىغىدە بۇ كۆڭلۈم ھەر لەھزەخەراب ئولمىش،
غەفلەتدە ياتىپ ھەردەم فىسقئىچرە خەراب ئولمىش.
ئىشىق ئەھلىنى مەن تاپمايدەردىمغە دەۋا تاپماي،
گۇنجىدە فىغان ئەيلەپ ھەسرەتىدەخەراب ئولمىش.
تەۋفىقى ھىدايەتنى لۇنق ئەتسەئىنايەتنى،
تاپسام بۇ سەئادەتنى ئىشىق ئىچرەكاباب ئولمىش.
بىر قەترە مېنىڭ ئەسلىمتۇفراغدىن ئىرۇر نەسلىم،
ئۇمىدى ۋىسال ئىزلەپ فۇرقەتدەخەراب ئولمىش.
ئىشق شىددەتىدىن ئاشىق – مەئشۇقھەۋەسى بىرلە،
فەريادۇ فىغان ئەيلەپ دىل باغرىكەباب ئولمىش.
ئاشىق ئىشىدۇر كۆيمەك مەئشۇقىغەجان بەرمەك،
گەر كەتسە ئەزىز باشى گۇنجىدەخەراب ئولمىش.
ئاشق بىلە مەئشۇقغە جاننىڭقەدەرى بولماس،
روز شەب ۋىسال ئىزلەپ ھىجرىدەتەراب ئولمىش.
سەن ئاسى غەرب ھەيران ئىشق يولىدەسەرگەردان،
بارچە ھەۋەسى نادان جەھل ئىچرەخەراب ئولمىش.
5
سالدى فىراقى بىر ئوت بۇ جىسىمجانىم ئىچرە،
كۆيدى مېنىڭ ۋۇجۇدۇم ئۆرتەندىقانىم ئىچرە.
ئەيىب ئەيلەمەڭ يارانلەر كۆيسەبۇ خەستە جانىم،
شۇئلە ئۇرسا ئۇچقۇنىدىن سورماقغەجانىم ئىچرە.
ھەسرەت ئىچىندە قالدىم مانەندەلەيلى – مەجنۇن،
كۆيدۈردى ھىجرى خەسدەك بۇداستانىم ئىچرە.
ئىشق دەردى قىلدى ھەيرانچەشمىمدە ئەشكى رىزان،
فەرياد – نالە ئەفغان ئاھىپىغانىم ئىچرە.
ئاھىم يېتىپ سەماغە يەتسە تىلىمسەماغە،
يەتكەيمۇ بىر خۇداغە زىكرىزەبانىم ئىچرە.
ئاسى غېرىبى ھەيران قالدىمئالەمدە نالان،
دىلخەستە باغرى بەريان قالدىمنىھانىم ئىچرە.
6
ھەر زەمان ياشىم تۆكۈپ يادىڭنىقىلماق ئارزۇ،
ئىككى ئالەم چەرخ ئۇرۇپ مەستانەبولماق ئارزۇ.
مىڭ ھەۋەسلەر بىرلە كەتتى بۇئۆمرۈم مېنىڭ،
نەپسى شەيتان ئىلكىدىن بىزاربولماق ئارزۇ.
ھېچ ئىبادەت لەززىتىن تاپماقنەسىب بولماي ماڭا،
بۇ سەۋەبتىن كۆپ نەدامەت ئىچرەقالماق ئارزۇ.
مۇرشىرىم گەر بولماسە راھىھىدايەت قىلغالى،
رەھرەۋانلارنىڭ ئىشى دىۋانەبولماق ئارزۇ.
بۇ تەرىقەت يولى دەريادۇر ئاڭالازىم كېمە،
پىركامىل كېمەدۇر دەريادىنئۆتمەك ئارزۇ.
كېمەسىز دەريادىن ئۆتمەككە كىشىقويسا قەدەم،
مەۋجى دەيا غەرقدىن ساھىلغايەتمەك ئارزۇ.
گەر كىشى فىر تۇتماسە شەيتانلەئىن ئالغاي قولىن،
تاڭلا دەۋزەخنىڭ ئازابىدىنقۇتۇلماق ئارزۇ.
فىرسى يەتكۈزگۈسى دەرگاھى ھەققەتېزراق،
مۇرشىدىڭ ئەمرىنى تۇتغىل ھەقغەيەتمەك ئارزۇ.
ئەي غېرىبا يىغلاغىل شام – سەھەرمەھزۇن بولۇپ،
ھەقتە ئالا رەھىم ئېتىپ مەقسەدغەيەتمەك ئارزۇ.
7
تائەتىم مەقبۇل قىل ئارام جانىمسەن مېنىڭ،
گەر مېنى ئۆلتۈر، ۋەيا تىرگۈزكىجانىم سەن مېنىڭ.
ئۆمىر بەردىڭ جان تەن ئەئزالىرىمسالىم قىلىپ،
ئەۋۋەلى – ئاخىر ئۆزۈڭ سىررىنىھانىم سەن مېنىڭ.
بولماسە كۆڭلۈمدە يادىڭ ھالىتىمبولغاي خەراب،
رەھىم قىل ھالىمغە باق رازنىھانىم سەن مېنىڭ.
جىلۋە ئەيلەپ ھەر زەمان ئەفغانبىلەن نالان ئولۇپ،
چۈن بۇ يەڭلىغ مەھرەمى سىررىرەۋانىم سەن مېنىڭ.
ئاھ ۋاھ ئەيلەپ كويۇڭدا مەنبولۇپ دىۋانە ۋەش،
زىكرىڭ ئېيتۇرغە تىلىمدەمېھمانىم سەن مېنىڭ.
تەلبەلەردەك زاھىرى – باتىنمۇلەۋۋەس ئەيلەبان،
دەر بىدار ئالەم كىزىپ يۈردۈمگۇۋاھىم سەن مېنىڭ.
ئەي غېرىبى پۇر گۇناھ ئالەم دەبول ماتەم سەرا،
ئالە مىل ئەسرار ھەق راھى رەۋانىم سەن مېنىڭ .
نەشىرگە تەييارلىغۇچى : مۇھەممەتچاۋار، مۇھەممەت ئېلى
تورغا يوللىغۇچى: ئەركىن مۇساق شاپ