گۈل سەنەم
(ئابدۇلئەھەت داۋۇت تۈركزاتنىڭ شۇ ناملىق غەزىلىگە تەخمىس)
چۆلگە گۈل تۇتسۇن شاراپ ئارمان ياسايلى ئىككىمىز،
كۈلنى كۈل ئەتسۇن خاراپ دەرمان ياسايلى ئىككىمىز،
سۇغا سۇ قالسۇن قاراپ ئورمان ياسايلى ئىككىمىز،
ئوتقا ئوت كەتسۇن تاراپ گۈلخان ياسايلى ئىككىمىز،
پەرلىسۇن سۆيگۈ قانات ئاسمان ياسايلى ئىككىمىز.
شاخنى قۇشلار چۆرىدەپ قاپلاپتۇ كۈي باغ سەتھىنى،
ئاينى كۈنلەر چۆرگىلەپ قاپلاپتۇ نۇر داغ سەتھىنى،
تاڭدا ياپراق ئەركىلەپ قاپلاپتۇ شۇڭ زاغ سەتھىنى،
كۆكتە يۇلتۇزلار جۈدەپ قاپلاپتۇ مۇڭ تاغ سەتھىنى،
لەختە باغرىنى ياماپ ۋولقان ياسايلى ئىككىمىز.
مەرت ئۈچۈن يوللار ئوچۇق ھەر جايدا بولساڭ بول ئاگاھ،
تاغنى تالقان قىلغۇسى ساھىپجامال تاشلاپ نىگاھ،
يۇلقۇنۇپ تاشقاي يۈرەك بۇق-بۇق ئۇرۇپ چالسا سىگاھ،
ئەھلى ئاشىقنىڭ سىماسى چۆلدە كۆكلەيدۇ ناگاھ،
ئۆركىشى جان ئوۋلىغان بارخان ياسايلى ئىككىمىز.
ھەرپەسىل چىققاي شامال تەكلىماكاننى مالتىلاپ،
ئاختۇرۇپ گەۋھەر، كۆزى قۇم دانچىسىنى يارتىلاپ،
قىل ئۈزۈلمەس قاخشىغان،ناز قىلغىنىڭىغا ئالدىراپ،
كۇللى ئالەم مەڭزىدە تۇرمامدۇ كۈلكە يالتىراپ،
تەنتەنە ئەشئارىغا پەرمان ياسايلى ئىككىمىز.
پارلىنىپ قەلبىم كۆزى ئالەمگە چاچتى نۇر-زىيا،
كەلدى نەۋرۇز پاك مۇھەببەت سايرىتىپ بۇلبۇلگويا،
ياشنىغاي بارچە ھايات تۈۋرۈك بولۇپ تۇرسا ھايا،
قات-قېتى مەناغا باي چۈشلەرگە جىلمايدۇق بايا،
يادلىسۇن دۇنيا سوراپ داستان ياسايلى ئىككىمىز.
***************************************
2013-يىل5-ئاينىڭ30-كۈنى
گۇما