ئەلداۋا پىسخىك ساۋاتلىرى:
چىقىشقاق كىشىلەر
ئەگەر سىز كۆپچىلىك بىلەن ئارىلىشىشنى، قايناق سورۇنلارغا بېرىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۆزىڭىزگە ئوخشاش جورا تېپىڭ. ئەگەر ئىككىڭلارنىڭ بىرى كۈنى بويى ئۆيدە ئولتۇرۇپ، يەنە بىرى سىرتتا ئويناپ يۈرسە، ئۇنداقتا، ئاراڭلاردا زىددىيەت كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
پىرىنسىپتا چىڭ تۇرىدىغانلار
ئەگەر سىز پىرىنسىپتا چىڭ تۇرىدىغان كىشىلەر بولسىڭىز، سىزنىڭ جورىڭىز بۇنداق بولماسلىقى كېرەك. چۈنكى بۇنداق بولغاندا، ئاراڭلاردا جېدەل-ماجىرا كەم بولمايدۇ. شۇڭا، ئۆزىڭىز مۇشۇنداق بولسىڭىز ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان جورا تېپىڭ.
خىيالپەرەسلەر ياكى ئەمەلىي ئىش قىلىدىغانلار
ئەڭ ياخشىسى ئىككىلا تەرەپ ئەمەلىي ئىش قىلىدىغانلار بولسۇن، سىلەر شۇندىلا بىر-بىرىڭلارغا ماس كېلىسىلەر، ئەگەر ھەر ئىككىڭلار خىيالپەرەس بولساڭلار، ھېس ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايسىلەر.
مەلۇم نىيەتنى كۆڭلىگە پۈككەنلەر
ئەگەر سىز مەلۇم نىيەتنى كۆڭلىگە پۈككەنلەر ئەگەر سىز مەلۇم نىيەتنى كۆڭلىگە پۈككەن ئادەم بولسىڭىز، ئەمما جورىڭىز ئۇنداق بولمىسا، بۇنداق بىرلىشىش تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ. ئەگەر ئۇزاق ۋاقىت ياخشى ئۆتۈشنى ئويلىسىڭىز، بۇ جەھەتتە تەڭشەش، كېلىشتۈرۈش ئېلىپ بېرىڭ.
مىجەزى چۇس كىشىلەر
ئەگەر ھەر ئىككىڭلارنىڭ مىجەزى چۇس بولسا، ئۇنداقتا سىلەر ئەپ ئۆتەلمەيسىلەر، ئاراڭلاردا جېدەل-ماجىرا قۇرۇمايدۇ.
جىنسىي تەلىپى كۈچلۈكلەر
ئەگەر ئىككىڭلارنىڭ ئىچىدە، بىرىڭلارنىڭ جىنسىي تەلىپى ناھايىتى كۈچلۈك بولسا، يەنە بىرىڭلار ئۇنداق بولمىسا، سىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىڭلار تاز كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىقى مۇمكىن.
ئىرادىسى كۈچلۈكلەر
ئەگەر ھەر ئىككىڭلارنىڭ ئىرادىسى كۈچلۈك بولسا، سىلەر چوقۇم ھەقىقىي ماس مۇناسىۋەتنى يېتىلدۈرەلەيسىلەر.
كۆرەلمەسلەر
ئەگەر ئىككىڭلارنىڭ بىرى بەك كۆرەلمەسلىك بولساڭلار، ئاراڭلاردا سۈركىلىش بولۇپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئىككىڭلار كۆرەلمەسلىك بولساڭلار، ئۇنداقتا، ئىشنىڭ تۈگەشكىنى شۇ.
ئارىسالدى كىشىلەر
ئەگەر ھەر ئىككىڭلار ئارىسالدى بولساڭلار، مەسىلە كۆپىيىپ كېتىدۇ، ئادەمنىڭ ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت چىقىرالايدىغان بولغىنى ياخشى. بىراق، ھەر ئىككىڭلار كەسكىن بولۇپ كەتسەڭلار يەنە بولمايدۇ. ئوخشاش پىكىرلەردە بىرلىككە كېلىپ، ئوخشىمىغان پىكىرلەردە ئۆز گېپىڭلاردا قالساڭلار بولىدۇ.
ئىقتىسادچىل كىشىلەر
پۇل مەسىلىسى ھەل قىلىپ قىيىن بولغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. ئىككىڭلاردىن بىرىڭلار ھېسابقا مەسئۇل بولۇڭلار ياكى بولمىسا ئاۋۋال ئورتاق رىئايە قىلىدىغان بىر پىرىنسىپ تۈزۈپ چىقىڭلار.
شۆھرەتپەرەسلىك كىشىلەر
ئەگەر ھەر ئىككىڭلار شۆھرەتپەرەسلىك بولساڭلار، ئۆيۈڭلاردا ئىككى مۇنچا، ئىككى ھاجەتخانا بولسا بولغۇدەك، شۇندىلا توقۇنۇشۇپ قېلىشتىن ساقلىنالايسىلەر.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : سىز لاياقەتلىك خوتۇنمۇ؟
- كېيىنكىسى : مۇشۇ ئەڭ كېيىنكىسى
سىزگە قانداق جورا مۇۋاپىق؟ ئەلداۋا پىسخىك ساۋاتلىرى: چىقىشقاق كىشىلەر ئەگەر سىز كۆپچىلىك بىلەن ئارىلىشىشنى، قايناق سورۇنلارغا بېرىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۆزىڭىزگە ئوخشاش جورا تېپىڭ. ئەگەر ئىكك
سىز لاياقەتلىك خوتۇنمۇ؟ ئەلداۋا پىسخىك يېتەكچىسى : پىسخىك ساغلاملىققا دائىر سىناشلار: 1. سىز ئېرىڭىزنىڭ ئىشلىرىدا ئۇنىڭغا تامامەن ئەركىنلىك بېرەمسىز؟ 2. سىز بار كۈچىڭىز بىلەن ئائىلىڭىزنى با
ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش ئەلداۋادىن تۇرمۇش ساۋاتلىرى: بىر ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدا، ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەرنى تاللىغىنىمىز بىلەن خىزمەتتە، جامائەت سورۇنلىرىدا،
پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى ئەلداۋا پىسخىك ساغلاملىق يېتەكچىسى: قانداق كىشىلەر پىسخىك جەھەتتە ساغلام كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ؟ پىسخىك جەھەتتە ساغلام بولغان كىشىلەردە قانداق ئالاھىدىلىكى ۋە ئىپاد
مۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىش خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىلىق پىسخولوگىيە ئالىمى جون گوتماننىڭ نىكاھنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىگە بولغان مۆلچىرى
