-
2008-12-14
بلوگىمنىڭ ئىزدەش ماتورىنى ياسىدىم - [blogبىلىملىرى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/32466185.html
Dunyakaraبلوگىنىڭ يازمىلىرى كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ ئاز كەم 400پارچىغا يەتتى، بلوگدىن بۇرۇنقى يازمىلارنى ئىزدەش بىر باش قاتۇرىدىغان ئىش بولۇپ قالدى. Blogbus ئارقا سۇپىسى تەمىنلىگەن ئىزدەش ئىقتىدارى ھەممىمىزگە مەلۇم ئانچە ياخشى ئەمەس، بولۇپمۇ يازما مەزمونى بويىچە ئىزدەشتىن tagخەتكۈچ بويىچە ئىزدەشكە ئۆزگەرتكەندىن كېيىن ئىزدەش ئىقتىدارى جەھەتتە ھېچبىر ئىلگىرلەش بولمىدى، مېنىڭ بلوگىمنىڭ ھالقىلىق سۆزلىرى بولسۇن ۋە ياكى يازما تېمىسى بولسۇن بلوگبۇس سۇپىسىنىڭ ئىزدەش نەتىجىسىدىكى مىقدارى google, 百度بەيدۇ ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ قوشۇۋالغان مىقدارىدىن بەكمۇ ئاز. نوقۇل ھالدا بلوگبۇس blogbus نىڭ تەمىنلىگەن ئىزدەش ئىقتىدارىغا تايانغاندا ئۈنۈم كۆرىنەرلىك بولماي قالىدىكەن، مەسىلەن: يازما تېمىسى بويىچە ئىزدەشكە مۇھتاج بولۇپ قالسام dunyakaraبلوگىنىڭ ئۇسلۇبى بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا ھەر بىر بەتتە 30 دىن يازما تېمىسى بار بولۇپ بەتلەر بويىچە كۆرسىلا بولاتتى، خەتكۈچ tag بويىچە ئىزدەشكە توغرا كەلگەندىمۇ بلوگنىڭ يان ئىستونىدا مەخسۇس خەتكۈچلەر يەنى ھالقىلىق سۆزلەر تىزىملىكى بار بولۇپ بىۋاستە شۇ ئارقىلىقلا ئىزدەشكىمۇ بولاتتى.
ئەمدى دىمەككى بۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق ، ئىلغار بولغان ئىزدەش ئۇسۇلى يوقمىدۇ؟ مەن ئۇيان قېرىشىپ-بۇيان قېرىشىپ ئاخىرى ئۆز بلوگىمنىڭ ئىزدەش ماتورىدىن بىرنى قۇرىۋالدىم، بۇنىڭدا ئاسالىقى googleنىڭ ھەقسىز ئىزدەش ماتورى ئىقتىدارىدىن پايدىلاندىم، بۇ ھەقسىز ئىزدەش ماتورىنى ئىلتىماس قىلىش بېتى: http://www.google.com/intl/zh-CN/searchcode.htmlبلوگىمغا قۇرۇلغان بۇ ئىزدەش ماتورى 搜索引擎نىڭ ئىقتىدارى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە:
بىرىنچى: google قاتارلىق ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ كەسپى ئىزدەش ئۇسۇلى يەنى site:dunyakara.blogbus.com غا ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن كىرگۈزۈپ ئىزدىسىڭىزمۇ بولىدۇ، پۈتۈنلەي قوللايدۇ.
ئىككىنچى: ھەرقانداق تىلدا ئىزدەشنى قوللايدۇ، يەنى ھالقىلىق سۆزلەردىن مەيلى ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈڭ، مەيلى خەنزۇچە كىرگۈزۈڭ ، مەيلى ئېنگىلىسچە كىرگۈزۈڭ ۋە ياكى باشقا ھەرقانداق تىلدا كىرگۈزۈپ ئىزدىسىڭىز مۇبادا مۇشۇ ھالقىلىق سۆز دا بولۇپلا قالسا ئىزدەپ چىقىرىپ بېرىدۇ.
ئۈچىنچى:دىكى يازما تېمىسى بولسۇن ، خەتكۈچ بولسۇن، يازما مەزمونىدىكى سۆزلەر بولسۇن ھەتتا ئىنكاسلاردىكى ھەم ئىنكاسلارغا بېرىلگەن جاۋاپلار ئىچىدىكى سۆزلەر بولسۇن قانداقلا سۆزنى كىرگۈزسىڭىز بلوگنىڭ بارلىق ئورۇنلىرىدىن ئىزدەيدۇ ھەم نەتىجىسىنى چىقىرىپ بېرىدۇ.
تۆتىنچى: بۇ ئىزدەش ماتورىنىڭ ئەۋزەللىكى ئاساسلىقى دىكى سۆزلەرنى ئىزدەش بولۇپ ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇشۇ ئىزدەش كۆزنىكىدە googleدىن ئىزدەش، خەنزۇچە توربەتلەردىن ئىزدەش ۋە بارلىق توربەتلەردىن ئىزدەش ئىقتىدارىمۇ بار.
تۆۋەندە كۈرسىتىلگەن رەسىملەر دەل مۇشۇ بلوگىمغا مەخسۇس قۇرغان ئىزدەش ماتورىدىن ئىزدىگەن ھالقىلىق سۆزلەرنىڭ ئىزدەش نەتىجىسى :
ئىزدەش ماتورىنىڭ ئومومى كۆرۈنىشى:
گوگۇل بويىچە ئىزدىگەندىكى نەتىجىسى:
جەمئى 50 بەت نەتىجىنى تاپقان:
بىر قىسىم ھالقىلىق سۆزلەرنى كىرگۈزگەندىكى ئىزدەش نەتىجىسى:
مەلۇم بىر يازمىدىكى ئىنكاسقا بەرگەن جاۋاپنىڭ ئىچىدىكى شىۋاسىنگىر دىگەن سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدىتىپ باقسام نەق ئۆزىنى كۆرسىتىپ بەردى:
شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ ئىلغار بولغان ئىزدەش ماتورىنى بلوگىمدا ئىككى ئورۇنغا تەڭلا قويۇپ قويدۇم، كۆپچىللىككە قولايلىق ئېلىپ كېلەر دىگەن مەقسەتتىدۇرمەن ئەلۋەتتە
يان ئىستوننىڭ دوستانە ئۇلىنىشلار بۆلىكىدە:
باش بەت ۋە ئارقا بەتلەرنىڭ ئەڭ ئاستىدا:
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
评论
مۇبارەك بولسۇن ! يېقىندا بۇبلوگنى ياساپ چىقتىم !~~پايدىلنىپ قالارسىز ئىشلىتىپ[ بېقىڭ !~~~~~~~~ تەكلىپ پىكىر بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن!