-
2008-10-16
blogbusنىڭ خوشنىدارچىلىق ئىقتىدارى - [blogبىلىملىرى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/30285806.html
بۈگۈن ئەتتىگەندىلا blogbusنىڭ ئارقا سەھنىسىدە ئازراق "ئۆزگىرىش" بولدى.
ئۇ بولسىمۇ بلوگباسنىڭ "خوشنىدارچىلىق" ئىقتىدارى ئېچىۋېلىتدى.تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:
بۇ ئىقتىدارغا قوشۇلۇپ يەنە شەخسى ئۇچۇرلارنى بەلگۈلەش ئىقتىدارىمۇ مۇكەممەللەشتى، بۇ گەپنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ دىگەندە ئالدى بىلەن يەنىلا مۇشۇ "خوشنىدارچىلىق" ئىقتىدارى ئۈستىدە ئازراق توختىلاي:
"خوشنىدارچىلىق"دىگىنىمىز(بۇ ئەلۋەتتە ئۆزەم قويۇۋالغان نام) بلوگگىرلار ئۆزئارا دوستقا قوشۇش ياكى قوشۇۋېلىش بولۇپ بۇمۇ ئەلۋەتتە چاۋاك ئىككى قولدىن چىققاندەك ئىككى تەرەپنىڭ قوشۇلىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. دوستقا قوشۇۋالغاندىن كېيىن نىمە بولىدۇ؟ دىگەندە دوستقا قوشۇۋالغان بلوگگىرلار يېڭى مەزمون يوللىسا، يېڭى ئۇسلۇپنى ئىشلەتسە ياكى يېڭى دوستلارنى ئۆزئارا قوشۇۋالسا دوستلىرىغا باشقۇرۇش سەھنىسى ئارقىلىق ئۇچۇر ئېۋەتىلىپ خەۋەر يەتكۈزىلىدۇ.خۇددى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:
ئەمدى قالغان گەپكە كەلسەك بۇ ئىقتىدار ئارقىلىق دوستلارنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى ھەم شۇنداقلا دوستىنىڭ دوستىنى ، خوشنىسىنىڭ خوشنىسىنى ھەم ئۇنىڭمۇ خوشنىلىرىنىڭ قوشۇۋالغان دوستلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ۋە شۇنداقلا مۇناسىپ بولغان ئۇچۇرلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:
خوش ئەمدى بەزىلەر سورىشى مۇمكىن :بەزى ئۇچۇرلارنى مەن كۆرسىتىشنى خالىمايمەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ دەپ، دەل مۇشۇ نۇقتىنى بلوگباسنىڭ ئارقا سەھنىسىدە تەڭشەش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. يەنى بۇ ئۇچۇرلارنى تۆت خىل مەزموندا بەلگۈلەش يەنى ھەرقانداق ئۇچۇرنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئاشكارلاشنى تاللاش تىزىملىكى بولۇپ بۇ تىزىملىكتە: ھەرقانداق ئادەم كۆرسە بولىدۇ، تىزىملىغانلارلا كۆرەلەيدۇ، دوستلارلا كۆرەلەيدۇ، ۋە مەخپى دىگەندىن ئىبارەت تۆت خىل تاللاش ئورنى بار سىز ئۆزىڭىز تاللاپ بەلگىلىسىڭىز بولىدۇ. ئۇندىن باشقا بلوگباس بلوگگىرلارنىڭ قول تېلىفون نومۇرى، شەخسى تۇرالغۇسىنىڭ ئادرىسى ۋە كىملىك نومۇرىنى ئۆزلىرى ئاپتۇماتىك مەخپى قىلىپ تاقىۋەتكەن ئۇنى ئېچىۋېتىمەن دىسىڭىزمۇ ئاچالمايسىز.
تۆۋەندىكى رەسىملەردە تەپسىلى كۆرسىتىلدى:
خۇلاسە شۇكى، بۇ ئىقتىدارنى مۇكەممەل دىگىلى بولمىسىمۇ ھەرھالدا بىر يېڭىلىق ئەنسىرەشنىڭ ئورنى يوق،
خولۇم-خوشنىدارچىلىق مەدەنىيىتىمىز قويۇق بولغان بىزلەرگە تازىمۇ باپ كېلىدۇ، شۇغىنىسى بۇ ئىقتىدارغا يەنە بلوگدا ئىنكاس يوللىغاندا ھەم ئىنكاسقا مۇناسىپ جاۋاپ قايتۇرغاندا مۇشۇ ئارقا سەھنە ئارقىلىق خەۋەر قىلىنغان بولسا(ئېلخەت ساندۇقىغا يوللانماي) تېخىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى.
قانداق قىلىمىز ئەمدى، كونىلار ئات تاپقۇچە ئىشەك مىن دەپتىكەن مۇشۇ ئىقتىداردىن بولسىمۇ ئورتاق پايدىلىنىپ تۇرايلى.
ھە راست مۇشۇنىڭغا قوشۇپ يەنە بىر ئىقتىدارنى يوللاپ قويۇپتۇ، ئۇ بولسىمۇ پائالىيەت ئورنى دىگەن ئىقتىدار بولۇپ بلوگباس شېركىتى تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرسا مۇشۇ قانال ئارقىلىق قاتنىشىدىكەنمىز، بۇنىڭ ياخشى يېرى قېرىنداشلار ئۆز-ئارا پائالىيەت ئېلىپ بارساقمۇ بولغۇدەك ئەمەسمۇ؟
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
评论
رەھمەت، دوستلىقىمىز ئۈزۈلمىگەي.[cusFace:6]