• 2008-10-02

    بلوگباسنى خالىغانچە ئۆزگەرتىۋېلىڭ - [blogبىلىملىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/29829589.html

    كونا-يېڭى بلوگگىرلارغا شۇنىسى مەلۈمكى بىز قانداقلا ئۇسلۇپنى ئىشلەتمەيلى، ھەممە ئۇسلۇپتا ئورتاق بولغان بەزىبىر ئۇچۇرلار بولىدۇ، بىز گەرچە ئۇلارغا ئېھتىياجلىق بولمىساقمۇ، مەسىلەن:بىرىنچى: بلوگباسنىڭ بلوگنامى ئاستىدىكى بلوگ چۈشەندۈرىشى يەنى"xxx的博客大巴“ دىگەن ئۇچۇر.

     ئىككىنچى: باش بەت ۋە ئارقا بەتلەردىكى زىيارەتنىڭ ئاستىدىكى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ئۇچۇرلار.

    ئۈچىنچى:نەشر ھوقوقى.

    تۆتىنچى:ئىشلىتىش ئادرىسى.

    بەشىنچى:ھەربىر يازمىنىڭ ئاستىدىكى بلوگباس تەمىنلىگەن رەسىملىك ئېلان.

     

    بىراق بەزى بلوگلاردا بىر بۇلارنى كۆرەلمەيمىز. مۇشۇ ئۆزىمىزگە زىيادە دەپ ھېس قىلغان نەرسىلەرنى يوقۇتۇشنىڭمۇ چارىسى بار . قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكىلەرنى تەپسىلى كۆرۈپ شۇ بويىچە مەشغۇلات قىلىپ سىزمۇ بلوگىڭىزنى سىپتىلاشتۇرىۋېلىڭ.

    بىرىنچى:بلوگ چۈشەندۈرىشىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن؛ تۆۋەندىكى رەسىمدىكى ئورۇننى يەنى index بۆلەك بىلەن detail بۆلەكنىڭ ئىچىدىكى مۇناسىپ ئورۇننى  ئۆچۈرىۋەتسەك بلوگ چۈشەندۈرىشى يوقايدۇ. 

    ئىككىنچى: زىيارەتنىڭ ئاستىدىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى يوقۇتۇش ئۈچۈن:

    index بىلەن detailبۆلىكىنىڭ ئىچىدىكى تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئورۇندىكى كودلارنى ئۆچۈرىۋەتسەك يوقايدۇ:

     

    ئۈچىنچى:نەشر ھوقوقى ۋە 收藏到Del.icio.us دىگەنلەرنى يوقۇتۇش ئۈچۈن؛بلوگ ئارقا سەھنىسىگە ئۆتۈپ 博客设置نىڭ ئىچىدىن 习惯设置تۈرىگە كىرسەك مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بار سىز "چەكلەيمەن" دىگەننى تاللاپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.

    تۆتىنچى:باش بەت ۋە ئارقا بەتلەردىكى يازمىلارنىڭ ئاستىدىكى يازما ئېلان قىلىنغا ۋاقىتنى يوقۇتۇش:

    index-posts بىلەن detail-post بۆلىكىنى ئېچىپ تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ئورۇندىكى كودنى ئۆچۈرىۋەتسەك يوقايدۇ.

    بەشىنچى:ھەربىر يازمىنىڭ تېگىدىكى بلوگباسنىڭ رەسىملىك ئېلانىنى يوقۇتۇش؛Css بۆلەكنى ئېچىپ ئىچىگە تۆۋەندىكى بىر قۇر كودنى قوشۇپ قويسىڭىز بۇ رەسىملىك ئېلان يوقايدۇ..postBody table {display:none;} 

    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • ماڭا ئىنكاسنىڭ تىگدكى ئېلاننى ئوزگەرتىشنى ئۆگتپ قويسڭز تەپسىلىراق بولامدۇ
    http://kiristal.blogbus.com/
    dunyakara回复almjan说:
    بلوگىمدىكى سىزگە QQدا دەپ بەرگەن يازمىلاردىن تاپالايسىز.
    2009-06-17 10:10:24
  • .{;postbody table {display:none.
    مەن بۇنى تازا جايىدا ئىشلىتەلمەي ۋاتىمەن، قانداق قىلسام بولا؟
    سىز قىلىپ بەگەن بولسىڭىز، مەن غۇ سىزدېگەن يەرگە توغرا قىلىپ يېزىپ قويغان بولمىسا. سىزنى قانداق باشقۇرغۇچى قىلىشنىمۇ بىلمىدىم.
    Nijat@live.cn مۇشۇ ئادىرىسقا شۇ كۆدنى يوللاپ بېرەمسىز.
    dunyakara回复Ozgiler说:
    بلوگىڭىزنى كۆردۈم، بۇ كودنى توغرا قوشۇپسىز، يازمىلارنىڭ ئاستىدىكى رەسىملىك ئېلان يوقاپتىغۇ؟
    2009-05-12 12:47:56
  • سىز ھەقىيقەتەن ئۇيغۇر بلوگىرلىرى قاتارىدىكى تەجىربىسى ئىنتايىن مول، تىرىشچان بلوگگىر ئىكەنسىز!!![cusFace:6][cusFace:12]
    dunyakara回复QAWANDAZLAR说:
    ماختىغىنىڭىزغا رەھمەت. ئۇسلۇپنى تاپشۇرۇپ ئالدىڭىزمۇ؟ مېنى باشقۇرغۇچىلىققا تەكلىپ قىلىڭ، بلوگىڭىزدىكى مەسىلىلەرنى مەن ئوڭشاپ بېرەي.
    2009-03-06 20:08:08
  • دۇنيا قارا ئەپەندىم مەن سىزنى باشقۇرغۇچى قىلىپ قويدۇم ، مالال قىلىدىغان بولدۇم .
    رۇسلان
    http://tiznap.blogbus.com
    dunyakara回复Ruslan说:
    بلوگىڭىزنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى ئوڭشاپ قويدۇم ، بىراق ھازىر ئىككىنچى قېتىم كىرگىلى بولمىدى.
    ئەڭ ياخشىسى يېڭىدىن eotنى ياساپ ئاندىن خەۋەر قىلىڭ.
    2009-02-12 11:55:16
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دۇنيا قارا ئەپەندىم مەن سىزدىن مۇنداق مەسىلىنى سورىماقچى : 1) باش بەت ۋە كىيىنكى بەتلەردە چىقىۋالغان ئىلانلارنى قانداق قىلسام يوقايدۇ ؟ 2) باش بەتتىكى<يىڭى يازمىلار > نىڭ ئاستىدىكى يازغان يازمامنىڭ تىمىسى ۋە يازمىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنىڭ خەت نۇسخىسى توغرا ئەمەس 3) باش بەت ئوڭ تەرەپتىكى تۈرلەر ، يىڭى يازمىلار ، ئىنكاسلار دىگەندەك تىزىملىك ئاستىدىكى خەتلەرنىڭ چوڭلىقىنى قانداق تەڭشەيمىز ؟ ھەم باش بەت ، لاتارىيە ھەۋەسكارلىرى دىگەندەك تىزىملىكنىڭ خەت چوڭلىقىنى قانداق تەڭشەيمىز ؟ مەن يىقىندىلا بۇ ساھەگە قەدەم قويغان ياردىمىڭىزنى ئايىمىغايسىز . بلوگىمنىڭ خەت نۇسخىسى Elpida Unicodi Systemھۆرمەت بىلەن :رۇسلان
    E-mail :turhundz@126.com
    blog: tiznap.blogbus.com
    dunyakara回复Ruslan说:
    1.باش بەت ۋە كېيىنكى بەتلەردە ئۆزىڭىز قويغان ئېلاندىن باشقا بلوگبۇسنىڭ ئېلانلىرى يوق
    2.بلوگىڭىزغا كىرىپ بىر قىسىم جايلارنى ئوڭشاپ قويدۇم، ئىككىنچى قېتىم كىرگىلى بولمايۋاتىدۇ.
    3.يان تەرەپتىكىلەرنىڭ خېتىنى چوڭلاتماقچى بولسىڭىز، sidebarنىڭ ئىچىدىكى font-sizeنىڭ قىممىتىنى چوڭلىتىڭ. باش تىزىملىكتىكى خەتلەرنى چوڭلاتماقچى بولسىڭىز مۇناسىپ كودنىڭ ئىچىگە font-size:14px;دىگەندەك پارامىتىرنى قوشۇڭ.

    ئاخىرىدا سىزگە بېرىدىغان تەكلىۋىم ئەڭ ياخشىسى بلوگىڭىزنىڭ خەت نۇسخىسىنى ئوموم ئىشلىتىۋاتقان خەت نۇسخىسىغا ئالماشتۇرۇپ eot ياسىۋېلىڭ، يەنى خەت نۇسخىسىنى UKIJ Tuz Tom غا ئۆزگەرتىڭ.
    2009-02-12 11:54:34
  • سىزگە كۆپ رەخمەت . بەك ياخشى قىلىپ تەپشەپ بېرىپسىز .
    dunyakara回复ئىلىم -پەن说:
    ئەرزىمەيدۇ، سىزگە يارىغان بولسىلا ياخشى.
    2008-12-17 10:26:13
  • ئەمدى كىرىپ بېقىڭە .
    dunyakara回复ئىلىم -پەن说:
    بولىدۇ.
    2008-12-17 10:25:55
  • مېنىڭكىدە ، سىز دېگەندەك بۆلەك يوق ئىكەن . سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم .
    سىزنى باشقۇرغۇچى قىلىپ قويدۇم ، بولسا بىر ئوڭشاپ بېرىڭە .
    كىشىلەر يازغان ئىنكاسنىڭ خېتىمۇ چوڭراق ھەم قارا رەڭدە بولسۇن . مەن قايتۇرغان جاۋاپنىڭ رەڭگى كۆك رەڭدە ھەم رامكىنىڭ رەڭگىمۇ كۆك رەڭدە بولسىكەن دەيمەن . خەتلىرىمۇ سىزنىڭدەك يۇغان چىقسۇن دەيمەن .
    سىزنى ئاۋارە قىلغانلىقىمدىن خىجىلمەن .
    dunyakara回复ئىلىم -پەن说:
    رەڭلەرنى ئۆزگەرتىپ بولۇپ چىقىپ كېتىپتىمەن ، قارىسام بۇ يەرگە ئىنكاس قالدۇرۇپسىز، سىز دىگەن رەڭلەردە بولماي قاپتۇ، قايتىدىن كىرەلمىدىم.......
    2008-12-17 01:25:24
  • سىزدىن بىر ياردەم سوراي . سىزنىڭ ئىنكاسلارغا قايتۇرغان جاۋاپلىرىڭىزنىڭ خېتىمۇ يۇغان ، ھەم رەڭگى قىزىل ئىكەن . قانداق قىلغان سىزنىڭكىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ ؟ دەپ بەرگەن بولسىڭىز .
    dunyakara回复ئىلىم - پەن说:
    commentsپارامىتىرىدىكى reCmtBodyدىگەن بۆلەك دەل ئىنكاسقا قايتۇرغان جاۋاپ بۆلىكى ، سىز شۇ بۆلەككە color نىڭ قىممىتىنى قوشۇپ قويسىڭىز جاۋاپ خەتنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىدۇ. border نى قوشسىڭىز رامكا بەلگىلەيدۇ. border-colorنى قوشسىڭىز رامكىنىڭ سىزىقىنى بەلگىلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بلوگىمدىكىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشىسىز، ئەپەندىم.
    2008-12-17 00:51:21
  • مەن ھەر بىر يازمىنىڭ ئاستىدىكى بىلوگ ئىلانىنى يوق قىلىۋەتمەكچى ئىدىم.....

    ماڭا يوللاپ بەرسىڭىز.....قوشنا دىگەن يەردىن قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق...سۇنۇپ بىرىڭ
    dunyakara回复زامان515说:
    خوشنىلار ئارا قىسقا ئۇچۇرىڭىزغا يوللاپ قويدۇم.
    2008-10-20 14:25:23
  • پايدىلىق تىمىنى يوللىغىنىڭىزغا رەخھمەت!
    dunyakara回复سۇبۇر说:
    ئەرزىمەيدۇ.
    2008-10-15 21:52:29
  • ھەربىر يازمىنىڭ تېگىدىكى بلوگباسنىڭ رەسىملىك ئېلانىنى يوقۇتۇش كودىنى چاپلىسام ئىلان يۇقالمىدىغۇpostBody table {display:none;}بۇ كودنى Cssنىڭ نەگە چاپلىساق بۇلىۋىرەمدۇ؟

    2)بلوگ تەگ رەڭەىنى(ماقالە تىگىنىڭ رەڭەىنى) قانداق ئوزگەرتىمىز ؟

    رەھمەت!
    dunyakara回复ئۇزدىيار说:
    .postBody table {display:none;}

    ئالدىدا بىر دانە چېكىت بار، شۇنى قوشۇڭ.
    بلوگ تەگلىك رەڭگىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن css بۆلەكنىڭ ئىچىدىكى:

    body{background :#83fv8w}
    مۇشۇ بۆلەكنىڭ رەڭ كودىنى ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ.
    2008-10-06 00:21:18