• 2008-09-20

    google logo رەسىملىرىنىڭ كېلىش تارىخى - [رەسىملەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/29050930.html

    google شېركىتىنىڭ ئىزدەش ماتورىغا ئىشلىگەن logo رەسىملىرى ئىنتايىن قىزىقارلىق بولۇپ ئالدىنقى تېمىلاردا مەخسۇس تۈغ رەسىملىرى بېرىلگەن، ئەمدى بۇ ئەڭ ئاخىرقى تېمىدا بۇ تۈغ رەسىملىرىنىڭ كېلىش تارىخى ئۈستىدە توختىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ تۈردىكى تېما تۈگەيدۇ.

    يوقارقى رەسىمدىكىسى ئەڭ دەسلەپكى لاھىيە بولۇپ ئاساسىي تۆت خىل رەڭنى ئوتتۇرىغا بايراق شەكىلدە ئورۇنلاشتۇرغان خەت رەڭگى قارا ئىدى.

    كېيىن يوقارقى رەسىمدىكىدەك ئۆزگەرتىش يەنى بىرنەچچە "ئو"ھەرپىنى قوشۇش ئارقىلىق ئىزدەش ماتورىنىڭ خىزمەت پىرىنسىپىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى چۈشەندۈرمەكچى بولغان

    بۇنداق ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئولىمپىك بەش ھالقىغا سىمۇۋول قىلىپ بۇ ئىزدەش ماتورىنىڭ كۆپ مەدەنىيەتنى ۋە كۆپ دۆلەتنى قاپلايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولغان.

    كېيىن بۇنداق شەكىلدە ئۆزگەرتىپ ھەرپلەرنىڭ ھەممىسىنى چوڭ يېزىلىش بويىچە ھەم رەڭلىك قىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە لوپا ئەينەكنىمۇ قوشقان،بۇ ئارقىلىق كىشىلەرگە بۇ ئىزدەش ماتورىنى خاتىرجەم ئىشلىتىشنى بىلدۈرمەكچى بولغان.

    كېيىن بۇنداق ئۆزگەرتىش ئارقىلى يەنى چەپرەس سىزىقچىلارنى چىقىرىۋېتىپ كۈلگەن ئىپادىنى قوشقان ، بۇ ئىزدەش ماتورىنى تۇنجى ئىشلەتكەن كىشىنىڭ رازى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولغان.

    كېين يوقارقىدەك خىەت نۇسخىسىنى ئۆزگەرتكەن، سايە ئۈنۈمىنى قوشقان ھەم سىتىرولۇق كۆرۈنۈشكە ئىگە قىلغان ، بۇنىڭلىق بىلەن ئەينى چاغدا كىشىلەر ئارىسىدا بۇ تۇغ رەسىمىدە زادى قانچە خىل رەڭ ئىشلىتىلگەن دىگەن زور مۇنازىرىنى قوزغىغان.

    مۇشۇ تۇغدىن باشلاپ سىپتىلىققا قاراپ يۈزلەنگەن، "ئو" ھەرپىنى ئېگىز-پەس ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق بۇ ئىزدەش ماتورىنىڭ چەكلىمىلىككە ئۇچراپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولغان.

    مانا بۇ ئەڭ ئاخىرقى مۇقىم بولغان ئۆزگەرتىش لاھىيەسى. بۇنىڭدا مۇقىم تۆت خىل ساپ رەڭنى ئىشلەتكەن، بىراق "ل" ھەرپىگە ئارلاشما رەڭنى ئىشلىتىش ئارقىلىق گوگۇل ئىزدەش ماتورىنىڭ كەلگۈسىدە يەنە ئاددى بولمىغان مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولغان.

    مانا بۇ ھازىرقى بىز دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغان گوگۇل ئىزدەش ماتورىنىڭ ئاساسى تۇغ بەلگە ئېقىمى بولۇپ قالغان.

    بىل گايتىس مىكروسوفتنى قۇرۇپ كۆزنەكلىك مەشغۇلات سېستىمىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن بولسا، گوگۇل شېركىتى بىلگايتىس ئويلاپمۇ باقمىغان ئىزدەش ماتورىنى قۇرۇپ ئىنتېرنېت ساھەسى ھەتتا دۇنيا مىقياسىغا تونۇلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە گوگۇل يەرشارى خەرىتە مۇلازىمىتىنى ھەقسىز ئېچىپ نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ھەربى مەخپىيەتلىكىمىزنى ئاشكارلىدى دەپ ئەيىپلىشىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ يەنىلا يەر شارىدىكى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، بۇ مۇلازىمىتى ئارقىلىق دۇنيادىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇمنى ھەر بىر كىشىنىڭ كۆز ئالدىغا ئەينەن ئەكىلىپ بەردى، دۇنيانى "كۆرۈش" پۇرسىتىنى ھەقسىز تەمىنلىدى.

    شۇنىڭ بىلەن قىزىقارلىق google logoرەسىملىرى ناملىق 10 قىسىملىق بۇ يازمام مۇشۇ يەردە تامام بولدى.


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • man kaldim elan lirigiz ni das siwattim.........[cusFace:12]
    dunyakara回复zaman515说:
    كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا! رەھمەت ھەمكارلىشىپ تۇرايلى.
    2008-09-22 15:59:57