• 2008-09-17

    ياپونىيەنىڭ شامپو ھەركىتى - [تەرمىلەر]

    Tag:图片

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/29047769.html

    ياپونىيەنىڭ شامپو ھەركىتى بىر خىل ئەنئەنىۋى تەنھەركەت تۈرى بولۇپ مىلادى695-يىلىدىن باشلاپ بارلىققا كەلگەن ، بۇ ھەركەتنىڭ ئەسلى مەنىسى ھەر يىلى ياپونلۇقلار كۈز پەسلىدە ھوسۇل ئىلاھىغا نەزىر قىلغاندا ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر خىل ئەنئەنىۋى تۈر بولۇپ بۇ ھەركەتنى قىلىش ئارقىلىق ھوسۇل ئىلاھىدىن كۆپرەك مول-ھوسۇل ئېلىشنى تىلەش ئىدى.بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ ھەركەت بىر خىل تەنتەربىيە تۈرىگە ئايلانغان بولۇپ ياپونىيەدە شامپولار ناھايىتى يۇقۇرى ئىناۋەتكە ئىگە، ھەم بۇ خىل تۈرنىمۇ ئىنتايىن چوڭ كۆرىدۇ، شۇڭلاشقىمۇ ئاياللارنىڭ بۇ ھەركەتكە قاتنىشىشىغا ئىزچىل يول قويمىغان، سەۋەبى ئاياللار ئەزەلدىن پاك ئەمەس، دەپ چۈشىنىپ كەلگەن(بۇ ياپونلۇقلارنىڭ ھەيرى ھالەت پىسخىكىسىدىن بولسا كېرەك) بىراق ھازىر بۇ تەنتەربىيە تۈرىگە ئاياللارمۇ قاتنىشىدىغان بولدى، ئۇندىن باشقا چەتئەللىكلەرمۇ بۇ تۈرگە "بۆسۈپ"كىرىپ نۇرغۇنلىغان ياپونىيەلىك شامپولارنى شاللاپ قويدى.شامپو ھەركىتى خۇددى چېلىشىشقا ئوخشاش ھەركەت بولۇپ ماھىرلار پەقەت لاتا بىلەن ئەۋرەتلىرىنى ئېتىۋېلىشتىن باشقا نەرسە كەيمەيدۇ، كۆپىنچە 20ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان ئەرلەر دىئامېتىرى 4.55 مېتىر كېلىدىغان چەمبەرسىمان سىزىق ئىچىدە مۇسابىقىلىشىدۇ.ئۇلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 100كىلوگىرامدىن 160 كىلوگىرام ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولىدۇ.

    تۆۋەندە ئۇلارنىڭ رەسىمىنى كۆرۈپ باقايلى.

     

     

     

          

    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن