• 2008-09-05

    بوش تەختتىن چۈشۈپ قالسا مۇشۇ يەردە ئىشلىگۈدەك - [رەسىملەر]

    Tag:奇趣 图片

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/28579540.html

    دۇنيا سەھنىسىدە دۇنيا ساقچىسى دەپ نام ئالغان بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت- ئامرىكىغا زوڭتوڭ بولغان بوش، تەخىتتىكى ۋاقتىدىلا ئۆز ئېلىگە ۋە باشقا ئەللەرگە خېلى كۆپ ئىشلارنى تېرىپ بەردى.ئامرىكىدىكى "11-سېنتەبىر" ۋەقەسى، ئافغانىستان ئۇرۇشى، ئىراق ئۇرۇشى...قاتارلىقلار.ئەپسۇس ، بەكمۇ ئەپسۇس ئۆزى تېرىپ قويغان بۇ ئىشلارنىڭ بىرەرىنىڭمۇ ئايىقىنى تەل-تۆكۈس يىغىشتۇرالمىدى، بۇ خۇددى پىلتىڭلاپ كېتىۋاتقان بوۋاق تۇيۇقسىز ئىشتىنىغا چىقىرىۋېتىپ ھەم ئۇنى تۇيماي پۇشقاقتىن ئېقىتىپ كېتىۋاتقانغىلا ئوخشايدۇ.

    ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىق، ساختىلىق، شەكىلۋازلىق،ئۆزىنى چاغلىماي پو ئېتىش،ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش،چوڭلاردىن قورقۇپ كىچىكلەرگە ھۈرپىيىش....مۇشۇنداق ئىنسان خاراكتىرىدىكى ئالامەتلەر دۇنيادىكى سىياسەتۋازلارنىڭ ئورتاق خۇسۇسىيىتى بولسا كېرەك. بولدىلا مەن بۇ يەردە سىياسەتۋازلارنىڭ پىسخىكىسىنى ئانالىز قىلماقچىمۇ  ئەمەس.

    ئۆز گېپىمگە كەلسەم: ئاڭلىسام بوش قارى تەختتىن چۈشۈپ كېتىپ قالسا ئىراقتىن بۇلاپ كېلىپ ساقلاپ قويغان نېفتلىرىنى يىغىپ بىر ماي قاچىلاش پۇنكىتى ئېچىپ يېقىلغۇ ماي تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇدەكمىش. ھەم ماي قاچىلىغىلى كىرگەن بارلىق ماشىنىلارغا ئۆز قولى بىلەن ماي قاچىلاپ بېرەرمىش.

    ئىشەنمىسىڭىز تۆۋەندىكى رەسىمنى كۆرۈڭ(بۇ ئۇنىڭ پىراكتىكا قىلىۋاتقان ۋاقتىدا تارتىلغان سۆرەت)


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • http://ahtar.blogbus.com/files/12184293010.jpg
    dunyakara回复ئەختەر说:
    ئەختەر ئەپەندىم بۇ تۇغىڭىز 180*61 چوڭلۇقتا بولۇپ ئۆلچەملىك ئەمەس ، كۆزنەككە قوشقىلى بولمايدۇ.
    توربەتلەرنىڭ ئۆلچەملىك تۇغى 88*31 چوڭلۇقتا بولىدۇ.
    2008-09-15 14:51:59
  • مەن سىز ئېيتقان ھېلىقى تىمىنى تاپالمىدىم ، مەن سىزگە بلوگۇمنىڭ توغ ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قوياي . ھە راسىت سىزمۇ ماڭا بلوگ توغ ئادرىسىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ.
    dunyakara回复ئەختەر说:
    بلوگىمدىكى تۈرلۈر بۆلىكىنىڭ ئەڭ ئاستىغا قارىسىڭىز "تۈرى يوق" دىگەن سەھىپە بار شۇنىڭ ئىچىدە.
    بلوگىمنىڭ تۇغى دوستانە ئۇلىنىشتىكى كۆزنەكنىڭ رەسىمىنى چەكسىڭىز شۇنىڭ ئىچىدە بار.
    2008-09-15 14:54:22