• 2008-09-07

    AUDIماشىنىنىڭ سىناق جاريانى - [تەرمىلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/28571908.html

    مەن ئۆتكەندە تېلىۋىزوردىن (سۈنئى ھەمرادىن بىۋاستە قوبۇللىغۇچ)تىن مەخسۇس AUDIماشىنىنىڭ يەنى بىز ئادەتتە ئېيتىدىغان ئاۋدى ماشىنىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىشنىڭ ئالدىدا ئىنتايىن قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتكۈزىلىدىغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم، چوڭ-كىچىك سىناق تۈرلىرى 2000نەچچە خىلغا بارىدىكەن، كەسپى تۈردىكى ئېلىپ بېرىلغان سىناقلارنى بىر ياققا قويۇپ تۇرۇپ ھەممىمىز چۈشىنەلەيدىغان "ئاددى" سىناقتىن بىر ئىككىنى سۆزلەپ ئۆتەي:زاۋۇتتىن چىققان يېڭى ماشىنىنى توڭلىتىش ئىسكىلاتىغا ئېلىپ كىرىپ نۈلدىن تۆۋەن 70 سېلىتسىيە گىرادوسقىچە توڭلىتىدىكەن، بۇ جەرياندا ھەر 10 گىرادوس تۆۋەنلىگەن چاغدىكى بارلىق بۆلەكلەرنى ئىنچىكە كۈزىتىدىكەن، ماشىنىنىڭ سىرتقى قېپىدىن تارتىپ ئىچكى ماتور، توك يولى ، ئىسستىش قاتارلىق قۇرۇلمىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىندۇكسىيە ئۈسكۈنلىرى بولۇپ توڭلىتىش ئىسكىلاتى سىرتىدىكى كۈزىتىش كومپىيوتېرلىرىغا ئۇلانغان ئىكەن، بۇ قۇرۇلمىلارنىڭ ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىش ھالىتىنى كومپىيوتېر سانلىق ئامبىرىدا ئانالىز قىلىپ نەتىجىسىنى چىقىرىپ تۇرىدىكەن، ئاندىن بارلىق بۇ تۈردىكى سىناقلار تۈگىگەندىن كېيىن ئىسكىلاتتىن ماشىنىنى ئېلىپ چىقىپلا قىزدۇرۇشقا باشلايدىكەن، بۇنىڭ تەرتىپلىرىمۇ يوقارقى بىلەن ئوخشاش ھەم شۇنچىلىك ئىنچىكە ھالقىلارغىچە تەپسىلى ئانالىز قىلىدىكەن، ماشىنىنى سوغۇق مۇھىتتىن بىراقلا ئىسسىق مۇھىتقا ئېلىپ چىققاندىن كېيىنكى ئەڭ ئاددىسى سوۋۇتۇش قۇرۇلمىسى نورمال ئىشلەمدۇ يوق؟ ماشىنا ئەينەكلىرىنى قاپلىغان يان رېزىنكە ھىملىغۇچلىرىنىڭ شەكلىدە ئۆزگىرىش بولامدۇ-يوق؟ بۇنىڭلىق بىلەن ئەينەكتىن سۇ سىرغىپ ئۆتۈپ كېتەمدۇ-يوق؟...دىگەندەك ئۇششاق ھالقىلارنىڭ ھەممىسىنى سىناق ئېلىپ بارىدىكەن.

    بۈگۈن تور ئارلاۋېتىپ بۇ ماشىنىنىڭ دالا يۈرۈش سىنىقى ئېلىپ بارغان تونۇشتۇرۇشنى كۆرۈپ قالدىم، ئەمدى كۆپ سۆزلىمەي مۇشۇ سىناقتىن ئېلىنغان بىرنەچچە پارچە رەسىمنى كۆرسىتەي چوقۇم چۈشىنىپ قالىسىلەر.


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن