• 2008-09-01

    ئورانگۇتاننىڭ بالىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشى - [تەرمىلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/28393167.html

    8-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان"پوچتا ۋاقىت گېزىتى"نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ئالدىنقى ھەپتە گېرمانىيىنىڭ شەرقىدىكى مەلۇم شەھەرلىك ھايۋاناتلار باغچىسىدا مۇنداق بىر ئىش سادىر بولغان. بۇ باغچىدىكى بىر 11 ياشلىق ئورانگۇتاننىڭ ئەمدىلا 3 ئايلىق بولغان بالىسى ئۆلۈپ قالغان، بۇ ئانا ئورانگۇتان بۇ ئۆلۈپ قالغان بالىسىنى دەسلەپتە كۆتۈرۈپ يۈرگەن كېيىنچە "ئالاقزادە" بولۇپ بالىسىنى كۆتۈرىۋېلىپ توختىماي ئۇ ياقتىن-بۇ ياققا ماڭغان ، جىددىلىشىشكە باشلىغان، ئۆلۈك بالىسىنى بىردەم قولىدا كۆتىرىۋالسا بىردەم دۈمبىسىگە ھاپاشلاپ يۈرگەن يەنە بىردەم قولىغا ئېلىپ ئۆرۈپ-چۆرۈپ قاراپ بالىسىنىڭ قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ باققان، بالىسىدىن ھېچقانداق ئىنكاس چىقمىغاندىن كېيىنكى ئانا ئورانگۇتاننىڭ چىرايىدىن ئىنتايىن"مەيۈسلۈك" ھەم " غەمكىنلىك" چىقىپ تۇرغان ....مۇشۇ ئۆزگىرىشلەرنى كۆرىۋاتقان تاماشىبىنلارنىڭ كۆپىنچىسى نەق مەيداندىلا يىغلاپ تاشلىغان.

    تۆۋەندە بۇ پاجىئەنىڭ نەق مەيداندىن تارتىلغان سۆرىتى:

       بۇ ئەمدىلا 3 ئايلىق بولغان ئورانگۇتان بالىسى ئالدىنقى ھەپتىدىن باشلاپلا ئويۇنغا قىزىقماس بولۇپ قالغان، ھەم بىر نەرسە يىمىگەن ، دوختۇرلارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بۇ كىچىك ئورانگۇتاننىڭ تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى بايقالغان. شۇنىڭ بىلەن باغچا خادىملىرى بۇ كىچىك ئورانگۇتاننىڭ ھالىدىن ئىنتايىن ياخشى خەۋەر ئالغان بولسىمۇ بىراق ئۆلۈپ قالغان.

    ئىنسانلارنىڭ ھامىلىسىنىڭ يېتىلىش ۋاقتى 266كۈن ، بىراق ئورانگۇتاننىڭ ھامىلىسىنىڭ يېتىلىش ۋاقتى 295 كۈن بولۇپ ئىنسانلارنىڭكىدىن ئۇزۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئورانگۇتانلارنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن. شۇڭىمۇ بۇ ئانا ئورانگۇتان ئۆز بالىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىدىن قاتتىق"قايغۇرغان".

    ھايۋاناتلار مۇتەخەسسىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە ھايۋانلاردىكى بۇنداق قايغۇرۇش ھادىسىسى مەۋجۇت بولۇپ ئەڭ كۆرىنەرلىكى پىل ئىكەن. پىل ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆلۈپ قالغانلىقىنى كۆرسە خارتۇمىنى تۇپتۇز قىلىۋېلىپ ئالدى پۇتى بىلەن يەردە ياتقان قېرىندىشىنى "سىلاپ" كېتىدىكەن، ھەم شۇ چاغدا كۆزىدىن "ياش" چىقىدىكەن.

    مەن ھايۋاناتلارغا بەك قىزىقىمەن، تېلىۋىزوردىن "ھايۋاناتلار دۇنياسى" پىروگراممىسىنى بەك كۆرىمەن، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ھايۋاناتلارغا زىيانلىق بولمىسىلا زەرەر يەتكۈزگۈم كەلمەيدۇ، ئاددىسى بىر دانە چۈمۈلىگىمۇ.

    بىراق مەن ئۆتكەندە تور ئارىلاۋېتىپ بىر خەنزۇ قىزىنىڭ بىر ئاسلانچاقنىڭ بوينىغا ئۇزۇن زەنجىر باغلاپ سۆرەپ ئېلىپ كېتىۋېتىپ يەر ئاستى ئۆتۈشمە يولى(رەسىمدىن شۇنداق پەرەز قىلدىم) غا كەلگەندە بۇ ئاسلانچاق مېڭىشقا ئۇنىماي تارتىشىۋېلىپ تۇرىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن نىمە بولدى دىمەيسىلەر ، بۇ ئېگىز پاشنىلىق ئۆتۈك كەيگەن قىز ئالدى بىلەن ئاسلانچاقنىڭ پۇتىنى دەسسەپ ئۈزىۋەتتى، ئارقىدىنلا ئىككى پۇتى بىلەن ئاسلانچاقنىڭ بېشىغا دەسسپ چىقىۋالغان ئىدى ، بىچارە ئاسلانچاقنىڭ بېشى مىجىلىپ كەتتى، 30 سانتى يىراقلىققا كۆز ئالمىسى كۆز چانىقىدىن ئېتىلىپ دۆمىلاپ يۈرىدۇ. ئارقىدىن قوسىقىغا دەسسىۋېلىپ.....بولدىلا بەك ئېچىنىشلىق، يىرگىنىشلىك. بۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھەممىسىنى يان تېلىفوندا سۆرەتكە تارتىۋېلىپ تورغا يوللىۋېتىپتىكەن، بۇ قىزنى تىللىمىغان تورداش قالماپتۇ.

    ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ تېمىمىزغا قايتىپ كەلسەك ھېلىقى ئانا ئورانگۇتان شۇ تەرىقىدە بالىسىنى گاھى قۇچىقىدا كۆتۈرۈپ يۈرسە گاھى دۇمبىسىگە ھاپاشلاپ يۈرۈپ نەچچە كۈننى ئۆتكۈزۈپتۇ، بىر كۈنى ئۇ بالىسىنى يەرگە قويۇپ يوپۇرماقلارنى ئۈستىگە تاشلاپ "يېپىپ" قويۇپتۇ، بىردەمدىن كېيىنلا يەنە يوپۇرماقلارنى قايرىپ بالىسىنى ئېلىپ ئۇيان-بۇيان ئۆرۈپ قاراپ تۇرۇپ كېتىپتۇ....شۇ تەرىقىدە نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن بۇ ئۆلۈپ قالغان ئورانگۇتان بالىسى چىرىشكە باشلاپتۇ، شۇندىلا باغچا خادىملىرى مەجبورى ئېلىپ كېتىپتۇ.

     

    شەخسى تەسىرات:بىز ھايۋانلارنى كۆزگە ئىلمايمىز، خالىغانچە خورلايمىز، چۈنكى ئۇلار ئاڭسىز  مەخلۇق بولغانلىقى ئۈچۈنلا.بىزچۇ؟ بىز ھېسسىي بىلىش ۋە ئەقلىي بىلىشكە ئىگە، تەپەككۈر قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە ئاڭلىق مەخلۇق.بىراق ھايۋانلاردىمۇ ئىنسانلارغا ئوخشاشلا خوشال بولۇش، قايغۇرۇش ئالامەتلىرى بار، خۇددى يوقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك.ھايۋانلارنىڭمۇ ئۆزىگە تۈشلۇق " ئۆلچەملىرى" بار، مەسىلەن، شىرنىڭ قوسىقى تويۇپ كەتكەن چاغدا ئالدىدىن بۇغا-جەرەن ئۆتسىمۇ قاراپمۇ قويمايدۇ، ئات جەڭ مەيدانىدا ھەرقانداق ئادەمنى دەسسىۋەتمەيدۇ....

    بىراق بەزى كىشىلەرچۇ؟ تۇرمۇشىمىزدا ئۆگەي بالىلارنى تۈرلۈك ئۇسۇلدا خورلاۋاتقان ئانىلارنى يوق دىگىلى بولمايدۇ، نارسىدە بالىلارنى ئالداپ ئىچكىرىگە ئەكىرىپ سېتىۋاتقان جىنايەتچى ئانىلار ھېلىھەم مەۋجۇت.....مۇشۇنداق ئاز ساندىكى كىشىلەرنى نىمىگە ئوخشاتساق بولار؟؟؟

    شۇنداق دىگۈم كېلىۋاتىدۇكى: ئۇلار ئاشۇ ئاڭسىز ھايۋانچىلىكمۇ بولالمايدۇ!!!


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن