• 2008-08-30

    مىللىتىمىز بەلگىسى دوپپا - [شېئىرلار]

    Tag:

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/28323342.html

     مىللىتىمىز بەلگىسى دوپپا

    شېئىر

    ئەلمىساقتىن مىللىتىمىزگە،

    زىننەت بولۇپ كەلگەنتى دوپپا.

    بىراق ئەمدى نېمىشقىدۇركىن،

    ئۇچرىدى ئۇ مەسخىرە ،دوققا.

     

    بىز ئۇيغۇرنىڭ بەلگىسى بۇ دەپ،

    دوپپا كەيگەن مەتو ئاتالدى.

    ئەنئەنىنى قوغدىغانلارنىڭ،

    خۇراپى دەپ نامى تارالدى.

     

    دوپپا كىيىپ چىقساق كوچىغا،

    ئاناڭ ئۆلۈپ كەتتىمۇ، دىدى.

    دوست-بۇرادەر، قېرىندىشىڭغا،

    بالا-قازا يەتتىمۇ ،دىدى.

     

    بوۋام كىيىپ كەپتىكەن دېسەك،

    كۆرگىن دېدى يېڭى زاماننى.

    ئەنئەنىنىڭ قىلساق گېپىنى،

    قويغىن دېدى كونا خاماننى.

     

    ئەنئەنىمىز كۆزگە ئېلىنماي،

    ئوخشاپ قالغاچ كونا خامانغا.

    دوپپىلارمۇ يوقالدى شۇڭا،

    ماسلىشالماي مودا زامانغا.

     

    مىللىتىمىز بەلگىسىغۇ ئۇ،

    خۇراپىيلىق دېمە دوپپىنى.

    خوش بوپ قالاي ئۆزۈڭنى تونۇپ،

    ئەقلىڭگە كەل كىيگىن دوپپىنى.

    ---------------------يۇنۇس قادىر(قامچا)


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن