• 2008-08-31

    كۈتۈپخانىنىڭ تېمى - [رەسىملەر]

    Tag:图片

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/28304592.html

    ئالدىنقى تېمىنى يوللاپ بولۇپ يەنە كىتاپقا ئائىت تېمى يوللىغام كېلىۋاتىدۇ.

    ئەنگىلىيىنىڭ كاردىف شەھىرى ۋە ئامرىكىنىڭ كانزاس شەھىرىدە ئالاھىدە بېزەلگەن ئاممىۋاى كۈتۈپخانا(قىرائەتخانە)لار بار.  خۇددى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:

     

     

    يوقارقى ئىككى پارچە رەسىمدىكى كۈتۈپخانە ئەنگىلىيىنىڭ كاردىف شەھىرىدە. 

     

    يوقارقى ئىككى پارچە رەسىمدىكى كۈتۈپخانە ئامرىكىنىڭ كانزاس شەھىرىدە.

    يوقارقى كۈتۈپخانىلارنىڭ تېمىغا ئىشلەتكەن "ئالاھىدە "كىتاپلار نامى چىققان كىتاپلار ياكى ئالاھىدە باھالاشتىن ئۆتكەن كىتاپلار بولۇپ بۇنداق قىلىش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن كۈتۈپخانىنى بېزەش، شەھەر مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈش مەقسىتىگە يەتسە يەنە بىر تەرەپتىن مۇشۇنداق داڭلىق كىتاپلارنى تامغا چىقىرىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ كىتاپ ئوقۇشىنى مۇراجەت قىلغان.

    شۇنى ئويلاپ قالدىم:

    ھازىر ھەرقايسى ناھىيىلىرىمىزدە ھېچبولمىغاندا بىرەردىن بولسىمۇ كۈتۈپخانىلىرىمىز بار،بەلكىم شۇ كۈتۈپخانىلاردىكى كىتاپلار قەرەللىك يېڭىلىنىپ تۇرمىسىمۇ ئىشىنىمەنكى سىز ئوقۇپ باقمىغان كىتاپلار چوقۇم چىقىدۇ. كۈتۈپخانىغا تىزىملىتىپ قويسىڭىز قانداق ۋاقىتتا كىرىپ كۆرىمەن دىسىڭىز ئىختىيار سىزنىڭدە ، يىللىق ئەزا بولۇش ھەققىمۇ ئەزان، ئەزا بولغاندىن كېيىن ياقتۇرغان كىتاۋىڭىزنى ئارىيەتكە ئېلىپ ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ ئوقۇسىڭىزمۇ بولىدۇ....

    ھازىرقى نۇرغۇنلىغان ياشلىرىمىز تىرىشىپ ئوقۇۋاتىدۇ، بىراق ئاز بىر قىسىم ياش قىز-ئوغۇللىرىمىز دېسكو-دىبالاردا، كېچە-كېچىلەپ ۋاڭبالاردا تۈنەپ چىقىۋاتىدۇ.....

    مۇشۇ ئاز ساندىكى ياشلار خۇددى دېسكو ئويناپ تەرلەپ كەتكەنچىلىك ياكى توردا پاراڭلىشىشقا، تور ئويۇنى ئويناشقا مەستانە بولغانچىلىك ۋە ياكى كېچە-كېچىلەپ تورخانىلاردا تۈنەپ چىققانچىلىك تارتقان "جاپا"لىرىنىڭ ئورنىغا كېچە-كېچىلەپ كىتاپ ئوقۇغان بولسا ھېچ بولمىغاندا مۇشۇ بىھۇدە ئۆتكۈزىۋاتقان  ۋاقتىنىڭ يېرىمىنى مۇشۇ كۈتۈپخانىلاردا كىتاپ كۆرۈشكە سەرپ قىلغان بولسا-ھە؟ نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى! ئۇ چاغدا جەمئىيىتىمىزدىكى ئۇيغۇر ئوغلانلىرىمىزنىڭ ئومومى قىياپىتىدە قانچىلىك چوڭ ئۆزگىرىش بولغان بولاتتى؟ئۇ چاغدا .....ئوغۇللىرىمىز كۈتۈپخانىلاردا يۈرسە قىزلىرىمىز ھەررەڭ-سەررەڭ (قارتتىكى داۋاڭ-شىياۋۋاڭلاردەك كىيىنىپ) كوچىدا ئۇچرىغانلىكى كىشىلەرگە سۆرۈن نەزەرلىرىنى تاشلاپ يۈرمىگەنمۇ بولاتتى،ئۇچاغدا...............گەپنىڭ قىسقىسى: ئۇ چاغدا بىز ھېچكىمدىن ئاغرىمايتتۇق، ھېچنىمىدىن قاخشىمايتتۇق.


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن