• 2008-08-29

    1TB زادى قانچىلىك چوڭلۇقتا؟ - [تۈرلۈك دېتاللار]

    Tag:硬件 真谛

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/28297542.html

    ھەممىمىزگە مەلۇمكى قاتتىق دېسكىنىڭ ساقلاش سىغىمىنى بايت(BYTE )بىرلىكى بىلەن ئىپادىلەيمىز. بايت –ئەڭ كىچىك ساقلاش بىرلىكى.1KBكىلوبايت 1024 بايتقا تەڭ.1MB مېگابايت 1024 كىلو بايتقا تەڭ.1GBگىگابايت 1024 مېگابايتقا تەڭ.1TBتېرابايت 1024 گېگابايتقا تەڭ.

    ئۇنداقتا 1TB(terabyte) تېرابايت زادى قانچىلىك چوڭلۇقتا بولىدۇ؟

    مىكروسوفت شېركىتىنىڭ تەجرىبىخانىسىدىكى باش كومپىيوتېر تەتقىقاتچىسى Gordon Bell بۇ مەسىلىنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن ، يەنى قانداق قىلغان ۋاقىتتا ئاندىن بىر يىل ئىچىدە بىر تېرابايت سىغىمدىكى قاتتىق دېسكىنى ئىشىلىتىپ تۈگەتكىلى بولىدۇ؟ دىگەن مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق بۇ بىر تېرابايت سىغىمنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن.

    تۆۋەندىكى رەسىمدىكى كىشى دەل بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنGordon Bell: 

    1.مۇبادا رەڭلىك رەسىمنىڭ ھەر پارچىسىنىڭ سىغىمى 300 كىلوبايت بولسا ئۇنداقتا بۇنداق رەسىمدىن 3600مىڭ پارچە سىغىدۇ، ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن بىر يىلنىڭ ھەر بىر كۈنىدە 9800پارچىدىن ساقلىغىلى بولىدۇ.2.مۇبادا تېكست ھۆججىتىنىڭ چوڭلۇقى بىر مېگابايت بولسا بۇنداق ھۆججەتتىن بىر مىليون ھۆججەتنى ساقلىغىلى بولىدۇ. بىر يىلدا ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن كۈنىگە2900 پارچە ھۆججەتنى ساقلاشتىن توغرا كېلىدۇ.3.مۇبادا مۇزىكا ھۆججىتى بولۇپ سىكونتىغا 256كىلوبايتلىق تېزلىك بىلەن ساقلاشقا توغرا كەلسە بۇنداق مۇزىكا ھۆججىتىدىن 9300 سائەتلىك چوڭلۇقتا ساقلىغىلى بولىدىغان بولۇپ بىريىلنىڭ ھەر كۈنىگە 26سائەتتىن مۇزىكا ھۆججىتىنى ساقلاشقا بولىدۇ.4.مۇبادا سىن ھۆججىتى بولۇپ سىكونتىغا 1.5 مېگابايتلىق تېزلىك بىلەن ساقلاشقا توغرا كەلسە ئۇنداقتا ئومومى 1600سائەت ئۇزۇنلۇقتىكى سىن قويغۇ ھۆججىتىنى ساقلاشقا بولىدىغان بولۇپ بىر يىل ئىچىدە ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن كۈنىگە 4 سائەتتىن ساقلاشقا بولىدۇ.

     يوقارقى بۇ كومپىيوتېر تەتقىقاتچىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مىسالىنى بىز مۇنداقمۇ ئۆزگەرتىپ باقايلى:

    1.بىر ئادەمنىڭ ئۆمرىدە ئوقۇغان بارلىق خەتلىرىنى يىغىپ ئەكەلسەك بىر نەچچە گېگابايتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئەمىلىيەتتە بىر گېگابايتلىق سىغىمغا 500مىليون خەنزۇچە خىەت، ياكى بىر بىليارد ئېنگىلىسچە خەت پاتىدۇ(بىر خەنزۇچە خەت ئىككى بايت ئورۇننى ئىگەللەيدۇ، بىر ئېنگىلىسچە خەت بىر بايت ئورۇننى ئىگەللەيدۇ).مۇشۇ بويىچە ھېساپلىغاندا 500مىليون خەنزۇچە خەت دىگەن "قىزىل راۋاقتىكى چۈش" رومانىنىڭ 700 نەچچە پارچىسىغا توغرا كېلىدۇ. بىز چۈشەندۈرمەكچى بولغان 1 تېرا بايتلىق سىغىمنىڭ ئاران 0.5پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ.

    2. مۇبادا پۈتۈن ھاياتىڭىزدا چۈشكەن رەسىم 100مىڭ پارچە ھەر بىرىنىڭ چوڭلۇقى 100كېلوبايتتىن توغرا كېلىدۇ دىسەك ئارانلا 200 گېگابايت ئورۇننى ئىگەللەيدۇ. يەنى  1 تېرابايت ئورۇننىڭ 1 پىرسەنتىنىلا ئىگەللەيدۇ.ھازىر بازاردا سېتىلىۋاتقان 1 تېرابايتلىق قاتتىق دېسكىلارنىڭ بازار باھاسى 2مىڭ نەچچە يۈز يۈئەن. 2010-يىلىغا بارغاندا 1000يۈئەن ئەتراپىدا بولۇش مۆلچەرلەنمەكتە.

    شۇڭا يوقارقى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن بۇ كومپىيوتېر مۇتەخخەسسىسى كەلگۈسىدە كىشىلەر ھېچقانداق ھۆججەتنى ئۆچۈرۋېتىشكە مەجبور بولمايدۇ. مۇشغۇلات سېستىمىلىرىنىڭمۇ ئۆچۈرۈش بۇيرۇقى بولمايدۇ. دىگەن مۆلچەرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

    ئەسكەرتىش: بىز كومپىيوتېر ياكى بارماق دېسكىلارنى سېتىۋالغان چاغدا  مەسىلەن 100 گېگابايتلىق سىغىملىق دېسكا دىگەن بولسا بىز ئۆيگە ئەكىلىپ رايونلارغا بۆلۈپ ئىنچىكە ھىساپلىساق ئەمىلىيەتتە 100 گېگابايتقا توشمايدۇ. بۇ نىمە ئۈچۈن؟ بۇ ۋاقىتتا بىزنى خۇددى ساتقۇچىلار ئالدىغاندەك ھېسياتتا بولۇپ قالىمىز، ئەمىلىيەتتە ئۇلار ئالدىغان ئەمەس، بەلكى زاۋۇتلار قاتتىق دېسكا ئىشلەپچىقارغان ۋاقىتتا ئىشلىتىدىغان سىغىم بىرلىكى ئونلىك سېستىمىنى ئاساس قىلغان بولۇپ بىر كىلو بايت 1024 بايتقا تەڭ بولماستىن بەلكى 1000بايتقا تەڭ بولىدۇ. مانا مۇشۇنىڭدىن پەرق كېلىپ چىقىدۇ.

    شەخسى تەسىرات: بۇ ماقالىنى كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق ھېسياتقا كېلىپ قالدىم:

    شەخسەن مەن ئۆزەمنى مىسالغا ئالسام 97-يىلى ئىشلەتكەن كومپىيوتېرنىڭ (ئۇ چاغلاردا 286 تىپتىكى، 386 تىپتىكى ۋە 486 تىپتىكى دەپ ئايرىيتتۇق) تىپى 386 ئىدى ، قاتتىق دېسكىسىنىڭ سىغىمى 540 مېگابايت ئىدى. ئوھوي ! ئىچى نىمە دىگەن چوڭ؟ دەپ ھەيران قالاتتىم. ئاددىسى 3.5 سۇڭلۇق يۇمشاق دېسكىغىمۇ خېلى كۆپ ھۆججەتلەرنى قاچىلاپ كۆتۈرۈپ يۈرۈپ كومپىيوتېرلارنى ئوڭشايتتۇق. مانا ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ئەمدى كومپىيوتېرىمنىڭ قاتتىق دېسكىسىنىڭ سىغىمى260 گېگابايت بولۇپ 10يىل بۇرۇنقى كومپىيوتېرىمنىڭ ساقلىغۇچ سىغىمىنىڭ ئاز كەم 500 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. لېكىن ھازىر ماڭا مۇشۇ 260 گېگابايتلىق سىغىممۇ يېتىشمەيۋاتىدۇ......

    مۇشۇلارنى ئويلاپ شۇنداق خۇلاسىگە كەلدىمكى: تېخنىكا—مەڭگۈ ئادەمنىڭ نەپسىنى قاندۇرالمايدۇ!.

     


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن