-
2008-08-27
سۈزۈك ئېچىلىش مۇراسىمى - [چۈشۈرۈڭ]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/28208881.html
مەن بېيجىڭ ئولىمپىك ئېچىلىش مۇراسىمى باشلانغان ۋاقىتتا ئىدارىدە دىژورنىلىك قىلىۋاتقان بولغاچقا تور تېلىۋىزىيىسىدىن كىرىپ-چىقىپ يۈرۈپ ئانچە-مۇنچە كۆرگەن بولدۇم، ئەپسۇس تەپسىلى باشتىن-ئاخىر كۆرۈشكە ئىمكان بولمىدى.
بىرنەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن تور ئارىلاۋېتىپ خەنزۇ تورداشلارنىڭ cctv ئۈستىدىن كايىۋاتقانلىقى ، مەقسىدى بولسا: ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئېسىل كۆرۈنىشلىرىنى كۆرسىتەلمىگەنلىكى، تېخنىكىسىنىڭ ناچارلىقى...قاتارلىق سەۋەپلەرنى كۆرسىتىپتۇ ھەم شۇنىڭ بىلەن بىرگە تېلىۋىزوردىن كۆرەلمىگەن نۇرغۇنلىغان كۆرۈنۈش رەسىملىرىنى يوللاپ قويۇپتۇ. بۇلارنى كۆرۈپ مەنمۇ سەل ئەجەپلىنىپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن توردىن ئىزدىسەم ئامرىكا دۆلەتلىك تېلىۋىزىيە ئىستانىسسى يەنى nbc نىڭ ئۇلاپ كۆرسەتكەن تېخنىكىسىنى ماختاپتۇ، تۆۋەندە ئۇلاپ تارقىتىش توغىرلىق قىسقىچە توختۇلۇپ ئۆتەي:ئامرىكا دۆلەتلىك تېلىۋىزىيە ئىستانسسى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ بارلىق ئۇلاپ تارقىتىش ھوقوقىنى 900مىليون دوللارغا سېتىۋېلىپتۇ، شۇنداق قىلىپ 8-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئامرىكىدا 12 سائەت كېچىكتۈرۈپ كۆرسىتىشنى قارار قىلىپتۇ، ئامرىكىدىكى باشقا ئۇششاق تېلىۋىزىيە ئىستانسسلىرى ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ باشلانغانلىق توغرىسىدا ئاغزاكى خەۋەرنىلا بەرگەن چاغدا( چۈنكى ئۇلارنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى كۆرسىتىش ھوقوقى يوق-تە) بۇ دۆلەتلىك تېلىۋىزىيە ئىستانسسدا تېخىچە ئېچىلىش مۇراسىمى توغىرلىق ھېچقانداق ئېغىز ئاچماپتۇ، شۇنىڭ بىلەن كەڭ ئامرىكا خەلقى بۇ ئىشتىن قاتتىق نارازى بولۇپتىكەن، تېلىۋىزىيە ئىستاننىسى مۇنداق دەپ چۈشەنچە بېرىپتۇ:-" بۇ بىزنىڭ سودا سىتىراتىگىيىلىك پىلانىمىز، چۈنكى بىز ئۇلاپ تارقىتىش ھوقوقىنى 900مىليون دوللارغا سېتىۋالدۇق، بىز ئەڭ ياخشى كۆسۈتۈش ۋاقتىنى بەلگىلەپ ئەڭ كۆپ كۆرۈرمەن ۋە ئەڭ كۆپ ئېلان شېركەتلىرىنى جەلپ قىلىش ئارقىلىق بۇ سەرمايىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىۋالماقچى" دەپتۇ.ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك مەن بۇ nbc نىڭ لېنتىغا ئېلىۋالغان ئېچىلىش مۇراسىمىنى كومپىيوتېرغا قاچىلاپ تولۇق كۆرۈپ چىقتىم، ھەقىقەتەن بەزىلەرنىڭ دىگىنىدەك cctv نىڭ كۆرسەتكىنى بىلەن سۈزۈكلۈك ۋە كۆرسىتىش تېخنىكىسى جەھەتلەردە پەرق بار ئىكەن. خالىغانلار توردىن چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقسا ئاندىن بۇ نۇقتىنى ھېس قىلىپ قالىدۇ. مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا دەپتىكەن .تۆۋەندە ئادرىسنى قالدۇرۇپ قويدۇم:بۇ BtTorrent ئۇرۇقى بولۇپ شۈنلېيدە چۈشۈرۈڭ.سىغىمى 1.3 گېگابايت.
تور سۈرئىتىڭىز ياخشى بولسا بىر سائەت ئەتراپىدا چۈشۈپ بولىدۇ.
历史上的今天:
رەسىم چوڭايتىش دېتالى 2008-08-27138ياش! ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچى 2008-08-27ئېكران رەسىمى چۈشۈرۈش تور بېتى 2008-08-27
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
评论