-
2008-08-21
دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك 5 دۆلەت - [دۇنيادا ئەڭ]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
ئەگەر سىزنىڭدىن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ 5 دۆلەت قايسى؟ دەپ سورىسا سىز دەرھاللا روسىيە، كانادا، جوڭگو، ئامرىكا، بىرازىلىيە دەپ جاۋاپ بېرىشىڭىز مۇمكىن. بىراق دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك 5 دۆلەت قايسى دەپ سورىغاندا بولسا سىزلا ئەمەس نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ بىلمەسلىكى ئېنىق.تۆۋەندە دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك 5 دۆلەت كىچىكلىكتىن –چوڭلۇققا قاراپ تەرتىپ بويىچە تونۇشتۇرۇلدى ھەم شۇ دۆلەتنىڭ بىر قىسىم مەنزىرە سۆرەتلىرى ۋە googleearth تىن ئېلىنغان رەسىملىرىمۇ بېرىلدى. قىزىقارلىق
logs/27968715.html
بەزى دۆلەتلەرنىڭ كىچىكلىكى پەقەت 5 پۇتبول مەيدانىچىلىكلا كېلىدۇ،
نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك بەش دۆلەتتە بولسۇن:
بىرىنچى: ۋاتكان دۆلىتى(梵蒂冈Vatican)بۇ دۆلەت ھازىرقى دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك بىراق پۈتۈن ئىگىلىك ھوقوقلۇق دۆلەت بولۇپنوپوسى:783 تەخمىنەن بېيجىڭ ئاھالىسىنىڭ 190008دىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ.ئورنى:ئىتالىيە رىم شەھرىنىڭ غەربى شىمالىي ئىگىزلىكىگە توغرا كېلىدۇ.بۇ دۆلەت كىچىكلىكىگە باقماي ياۋروپادىكى كاتولىك دىنىنىڭ يىغىلىش مەركىزى، بۇ دۆلەت ئەتراپىغا چۆرەدەپ يۈرۈپ قورغان سېلىپ ئۆزىنىڭ دۆلەت چېگرىسى قىلغان. دۆلىتىدە چېركاۋ، كۈتۈپخانە، پوچتىخانە، پويىز ئىستانىسسى، ئايرۇپىلان ئىستانسىسى قاتارلىق ھەممە نەرسە بار. دۆلەت تىلى ئىتالىيە تىلى ۋە لاتىن تىلى. بۇ دۆلەتنىڭ پايتەختى ۋاتكان بازىرى، بۇ دۆلەتنىڭ كىچىكلىكىدىن ھازىرغىچىلىك بىرەر چوڭ كوچىسىنىڭ مۇستەقىل كوچا نامى يوق.
ئىككىنچى:موناكو (摩纳哥Monaco)
يەر مەيدانى:1.96 كۇۋادىرات كىلومېتىر، بېيجىڭ شەھەر رايونىنىڭ 375 دىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ.نوپوسى: 2005-يىلىدىكى ئىستاتىسكىدا 35657 نوپوس دىيىلگەن بولۇپ بېيجىڭ شەھەر ئاھالىسىنىڭ 420 دىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ.ئورنى: ئوتتۇرا دېڭىز رايونى فىرانسىيىنىڭ جەنوبىدا.بۇ دۆلەتنىڭ شىمال، غەرپ، شەرق ئۈچ تەرىپى فىرانسىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ، جەنوپ تەرىپى ئوتتۇرا دېڭىز بىلەن تۇتىشىدۇ. ئومومى چېگرا ئۇزۇنلىقى 4.5 كىلومېتىر. دېڭىز لىنىيە ئۇزۇنلىقى 5.16 كىلومېتىر. يەر شەكلى تار سوزۇنچاق بولۇپ غەرپتىن شەرققە ئۇزۇنلىقى 3كىلومېتىر، جەنوپتىن شىمالغا ئەڭ تار يېرى 200 مېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپۇراتورىسى 16 سېلىتسىيە گىرادوس، يىللىق ھۆل يېغىن مىقدارى 500 مىللىمېتىردىن600مىللىمېتىرغىچە.
ئۈچىنچى:ناۋرۇ دۆلىتى(瑙鲁Nauru)يەر مەيدانى:21 كۇۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ بېيجىڭ ئومومى يەر كۆلىمىنىڭ35تىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ.ئاھالىسى:2005-يىلدىكى ئىستاتىسكىغا قارىغاندا 13005 نوپوس بولۇپ بېيجىڭ ئاھالىسىنىڭ 1148 دىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ.ئورنى:غەربى تېنچ ئوكيان ئېكۋاتور سىزىقىنىڭ جەنوبىدا.بۇ بىر ئارال دۆلىتى بولۇپ تۆت ئەتراپى ئوكيان ئومومى چېگرا ئۇزۇنلىقى 30كىلومېتىر. بۇ ئارال دۆلىتىدە دەريا يوق، بەشتىن ئۈچ قىسىم كۆللىرىنىڭ سۈيى تۇزلۇق. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپۇراتورىسى 25~35 سېلىتسىيە گىرادوس ، يىللىق ھۆل يىغىن مىقدارى 2000مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ.ناۋرۇلۇقلار ھۆكۈمەت سېلىپ بەرگەن گەمىلەردە ئولتۇرىدۇ، ھاۋاسى ئىسسىق بولغانلىقتىن ئاددىلا كىيىنىدۇ.
بەشىنچى: سان-مارىنو دۆلىتى (圣马力诺San Marino)يەر مەيدانى:61 كۇۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ بېيجىڭ شەھەر رايونىنىڭ 10 دىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ.نوپوسى: 2005-يىلدىكى ئىستاتىسكىدا 28117 نوپۇس دىيىلگەن بولۇپ بېيجىڭ ئاھالىسىنىڭ 500دىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ.ئورنى:ئىتالىيەنىڭ شەرقى شىمالىدىكى بىر دېڭىز ياقىسىغا توغرا كېلىدۇ.بۇ دۆلەت "دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەت " بولۇپ ئىتالىيەنىڭ بىر دېڭىز ياقىسى شەھىرى ئىچىدىكى بىر تاغقا ئورۇنلاشقان، بۇ يەردە قاراۋۇلخانە چېگرا دىگەنلەر مەۋجۇت ئەمەس پەقەتلا تاغدىن چۈشسىڭىز بىر يوغان ئىشىك بېشىغا:-"قەدىمىي جەمھويىەت دۆلىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ" دەپ يېزىلغان بولۇپ مانا بۇ بىردىن –بىر بۇ دۆلەتنىڭ بەلگىسى.
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن