• 2008-08-07

    ئەتىكى ئولىمپىك ئۆتكۈزىلىدىغان مەيدانلار - [تەرمىلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/27328947.html

    ئەتە يەنى8-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدا 29-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى رەسمى باشلىنىدۇ. ئېچىلىش مۇراسىمى بولسا 8-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى 20:00 دە باشلىنىپ 23:00 دە ئاخىرلىشىدىكەن.بېيجىڭغا بېرىپ بىرەر تۈردىكى مۇسابىقىنى كۆرۈش نېسىپ بولمايدىغان ئوخشايدۇ، پەقەت تېلىۋىزوردىنلا كۆرىدىغان بولدۇم-دە،ئامال يوق، توردا بېلەت ئالغۇچىلارنىڭ نەچچە كۈنلەپ كوچىدا تۈنەپ ساقلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ بىزلەرگە بېلەت تەگمىگۈدەك دەپ ئويلىغان ئىدىم.

    بىر ھىساپتا تېلىۋىزوردىن كۆرسىمۇ ياخشى،ئارقا رەتتىكىلەردەك قولىڭىزغا دۇربۇن ئېلىۋالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. مۇشۇنداق دەپ ئۆزەمگە-ئۆزەم تەسەللى بەرمەكتىن باشقا ئامالمۇ يوقكەن،ھا ھا ھا.

    ئەمدى تۆۋەندە بېيجىڭدىكى ئاساسلىق مۇسابىقە ئۆتكۈزىلىدىغان مەيدانلارنى رەسىمى بىلەن قوشۇپ قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي:

    1.قۇش ئۇۋىسى. ئولىمپىك ئېچىلىش مۇراسىمى ھەم يېنىك ئاتلىتكا مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدىغان جاي. ئومومى ئورۇن91مىڭ كىشىلىك

    2.دۆلەتلىك سۇ ئۈزۈش مەركىزى. ئومومى ئورۇن17مىڭ كىشىلىك

    3.ئولىمپىك باغچىسىنىڭ ئىچىدىكى دوگۈرتوپ(曲棍球) مۇسابىقە مەيدانى ، ئىككى مەيدان ئومومى ئورۇن سانى17مىڭ كىشىلىك

    4.ئولىمپىك باغچىسى ئىچىدىكى ئوقيا ئېتىش مەيدانى،ۋاقىتلىق مەيدان ،5مىڭ كىشىلىك ئورنى بار

    5.ئولىمپىك باغچىسىدىكى سېتكا توپ مەيدانى بۇ يەردە 10دانە مۇسابىقە مەيدانى ۋە 6 دانە مەشق مەيدانى بار،ئورنى17مىڭ 4يۈز كىشىلىك

    6.بېيجىڭ ئىشچىلار تەنتەربىيە مەيدانى، بۇ بۇرۇن داڭلىق تەنتەربىيە مەيدانى بولۇپ مۇھىم مۇسابىقىلەر مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزىلەتتى. بۇ قېتىم پۇتبول مۇسابىقىسىنى مۇشۇ مەيداندا ئۆتكۈزىدۇ،ئومومى ئورنى70مىڭ كىشىلىك.

    7.بېيجىڭ سانائەت ئۇنۋېرستىتى تەنتەربىيە مەيدانى، بۇ يەردە پەيتوپ بىلەن گىمناستىكا مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدۇ،ئورنى7مىڭ5يۈز كىشىلىك.

    8.بېيجىڭ ئاۋىئاتسىيە ئالەم قاتنىشى ئۇنۋېرستىتى تەنتەربىيە مەيدانى بۇ يەردە ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ.ئورۇن5مىڭ4يۈز كىشىلىك

    9.جاۋياڭ باغچىسىغا جايلاشقان قۇملۇق ۋالىبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدىغان جاي، ۋاقىتلىق مۇسابىقە ئورنى بولۇپ،12مىڭ كىشىلىك.

    10.ۋېلىسپىت مۇسابىقىسى مەيدانى،ئورۇن 6مىڭ كىشىلىك.

    11.كالتەك توپ مۇسابىقە مەيدانى، ئىككى مۇسابىقە مەيدانى ۋە بىر مەشق مەيدانىدىن ئىبارەت بولۇپ ،ئورنى15مىڭ كىشىلىك.

    12.ۋاسكىتبول سارىيى دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى NBAئۆلچىمىگە يەتكەن ساراي، ئورنى18مىڭ كىشىلىك.

    13.جوڭگو يېزا-ئىگىلىك ئېنۋېرستىتى تەنتەربىيە مەيدانى، بۇ يەردە چېلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدۇ،ئورۇن8مىڭ2يۈز كىشىلىك.

     


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • ياخشىمۇسىز . مىنىمۇ ئۇلىنىشقا قىتىۋاسىڭىز بۇپتىكەن .رەخمەت
    dunyakara回复ئالىمجان说:
    ئەلۋەتتە بولىدۇ. قېتىۋالدىم مانا.
    2008-08-09 12:30:07