• 2008-06-30

    ئۆمۈرنى قىسقارتىشنىڭ تۇرمۇشتىكى 10 تۈرلۈك ئامالى - [كىشىلىك ھايات]

    Tag:习惯

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/23829552.html

    بىرىنچى ئامال:بەدەن چېنىقتۇرۇش كەم بولۇش.

    تەكشۈرۈشكە قاتناشقان 932 كىشى ئىچىدە پەقەت 96 كىشىلا بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە چىنىقىش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتقان،%68 ئادەم "تامامەن چېنىقىشتىن مەھرۇم قالدىم"دىگەن تۈرنى تاللىغان. بەدەن چېنىقتۇرماسلىق ھارغىنلىقنى،غەيرى سېمىزلىكنى ھەم شۇنداقلا تۈرلۈك يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    ئىككىنچى خىل ئامال:كېسەل بار تۇرۇپ داۋالاتماسلىق.

    تەكشۈرۈشتە يېرىمدىن كۆپرەك ئادەم ئۆزلىرىنىڭ كېسەل بولغان ۋاقىتلىرىدا دورا دۇكانلىرىدىنلا دورا سېتىۋېلىپ ئىچىدىغانلىقى،ئۈچتىن بىر قىسىم كىشىنىڭ ئەزەلدىن ئۇنداق "ئۇششاق-چۈششەك"ئاغرىقلارغا پەرۋا قىلىپ كەتمەيدىغانلىقى ئېنىقلانغان،خىزمەت قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىشى ئاسان سۆرىلىپ كېتىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئەڭ ياخشى داۋالىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ-دە، دورا بىلەن يۈزەكى ياخشىلانغاندەك قىلسىمۇ ئەمىلىيەتتە ئىچكى جەھەتتە توپلىنىپ كېسەللىك ئېغىرلىشىدۇ.

    ئۈچىنچى خىل ئامال:يېڭىلىققا ئىنتىلمەسلىك.

    932نەپەر تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ ئىچىدە 219 نەپەر كىشى يېڭىلىققا پەقەت ئىنتىلىپ باقمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

    تۆتىنچى خىل ئامال:ئەتىگەنلىك ناشتا قىلماسلىق.

    خىزمەت رىتىمىنىڭ تېزلىشىشىغا ئەگىشىپ ئوزۇقلۇق تەركىۋى مول يىمەكلىكلەر بىلەن ناشتىلىق قىلىش كۆپىنچە ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ تاللىشى بولۇپ قالغان، تەكشۈرۈشتە پەقەت 219 ئادەمنىڭلا ناشتىلىققا سەل قارىمايدىغانلىقى ئېنىقلانغان. ھازىرقى جەمئىيەتتە ناشتىلىق قىلماسلىق ياكى ئالدىراپ-تېنەپلا بىر نەچچە كاپام نەرسە يەپ قويۇپلا بولدى قىلىش ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتماقتا.

    بەشىنچى خىل ئۇسۇل:ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىنى ئاز ئېلىپ بېرىش.

    تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا %41 ئىشخانىدا خىزمەت قىلىدىغان ئادەم ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسىنىڭ ئاز بولىدىغانلىقىنى،ئائىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىشىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئېيتقان،%32 ئادەم پەقەت ئائىلە ئىشلىرىغا "تاقابىل تۇرۇش" پوزىتسىيىسىدە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئائىلىسى بىلەن ئالاقە ئاز بولسا، ئائىلىسىگە كۆيۈنۈش ئاز بولسا ئۇنداقلارنىڭ روھى بېسىمى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىپ بارىدۇ خالاس.

    ئالتىنچى خىل ئامال:ئۇزۇن مەزگىل ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك مۇھىتتا تۇرۇش.

    خىزمەت ۋاقتىدا %70 كىشى سىرتقا چىقىشنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئاساسەن بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىنىڭ ھەممىسىدە ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ ھاۋا تەڭىشىگۈچنى قويۇۋېتىپ خىزمەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ "پارنىك ئادەم"لىرىنىڭ بەدەن ساپاسى تۆۋەنلەشكە قاراپ ماڭىدۇ، ئىممونىنت كۈچى ئاجىزلايدۇ.

    يەتتىنچى خىل ئامال:ئۇزۇن ئولتۇرۇش.

    تەكشۈرۈشتە 542 نەپەر كىشىنىڭ  خىزمەت ئادىتى بىر ئولتۇرىۋالسا ئەدەپكە چىقىش ياكى باشقا ئىشى بولمىسىلا ئورنىدىن ئاساسەن تۇرمايدىكەن.ئۇزۇن ئولتۇرۇش بەدەندىكى قان ئايلىنىشقا زىيانلىق بولۇپ يۈرەك قان-تومۇر كېشەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،ئولتۇرۇش ھالىتى ئۇزۇنغىچە بىر خىل بولۇشمۇ بويۇن ئومۇرتقىسى ۋە بەل ئومۇرتقىلىرىدا كېسەل پەيدا بولۇشنىڭ مۇھىم ئامىلى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

    سەككىزىنچى خىل ئامال:ئۇخلاش ۋاقتى ھەم سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلماسلىق.

    تەكشۈرۈشتە %60 كىشىنىڭ 8سائەتلىك نورمال ئۇخلاش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلمايدىغانلىقى،%7 كىشىنىڭ دائىم دىگۈدەك تۈنەپ چىقىدىغانلىقى ئېنىقلانغان.

    توققۇزىنچى خىل ئامال:كومپىيوتېر ئالدىدا ئۇزۇن ئولتۇرۇش.

    تەكشۈرىلىشىچە %31 كىشى ھەر كۈنى كومپىيوتېر ئالدىدا ئولتۇرىدىغان ۋاقتى 8 سائەتتىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقى ئېنىقلانغان. بۇنداق ئۇزۇن ۋاقىت كومپىيوتېر مەشغۇلاتى  قىلىش، كومپىيوتېرغا يۆلىنىۋېلىش رادىئاتسىيە تەسىرىدىن باشقا يەنە كۆز ،بەل ئومۇرتقا كېسەللىكلىرى، نېرۋا خاراكتىرلىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    ئونىنچى خىل ئامال:ئۈچ ۋاخلىق تاماق رېتىمسىز بولۇش.

    تەكشۈرۈشتە بايقىلىشىچە ئۈچتىن بىر قىسىم كىشىنىڭ ئۈچ ۋاخ تاماقنى ۋاقتىدا يىمەيدىغانلىقى ئېنىقلانغان.ئۈچ ۋاخ تاماقنى ۋاقتىدا يەيدىغان ،مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلار يېرىمغىمۇ يەتمىگەن.

    习惯


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن