-
2008-06-11
كىشىلەرنى قانداق "كۈزىتىش"نى سىزگە ئۆگىتىپ قوياي - [پىسخىكا]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/22357476.html
1. بىر دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز –ئاممىۋى ھاجەتخانىسىغا قاراڭ.
2. بىر ئەر كىشىنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز-ئۇنىڭ پايپىقىغا قاراڭ.
3. بىر ئايالنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز-ئۇنىڭ بىرجۈپ قولىغا ئىنچىكىلەپ قاراڭ.
4. بىر ئادەمنىڭ سالامەتلىكىنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز-ئۇنىڭ چېچىغا قاراڭ.
5. بىر ئادەمنىڭ ھىيلىسىنى بىلمەكچى بولسىڭىز-ئۇنىڭ كۆزىگە قاراڭ.
6. بىر ئادەمنىڭ "قىممىتى"نى بىلمەكچى بولسىڭىز-ئۇنىڭ رەقىبىگە قاراڭ.
7. بىر ئادەمنىڭ "تېگى"نى بىلمەكچى بولسىڭىز-ئۇنىڭ تۇتقان دوستلىرىغا قاراڭ.
8. بىر ئادەمنىڭ مىجەز_خاراكتىرىنى بىلمەكچى بولسىڭىز_ئۇنىڭ پوچۇركىسىغا قاراڭ.
9. بىر ئادەمنىڭ خوشال ياكى خوشال ئەمەسلىكىنى بىلمەكچى بولسىڭىز-ئۇنىڭ كۈلگەن چىرايىغا قارىماي بەلكى ئەتىسى سەھەردە يېڭىلا ئويغانغان دەقىقىدىكى چىراي ئىپادىسىغا قاراڭ.
10. بىر ئادەمنىڭ كۆڭلى-كۆكسىنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز-ئۇنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ياكى باشقىلارنىڭ "قىلتىقى"غا چۈشكەندىن كېيىنكى قانداق ئىپادە بىلدۈرىشىگە قاراڭ.
11. ئىككى دوستنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولسىڭىز-بىر تەرەپ جاپادا قالغاندا ياكى بىرەر پېشكەللىك يۈز بەرگەندە يەنە بىر تەرەپنىڭ قانداق پوزىتسىيەدە بولىدىغانلىقىغا قاراڭ.
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
评论