-
2008-04-22
بلوگ كودلىرى بىلەن تونۇشۇش(1-قسىم) - [blogبىلىملىرى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/19504968.html
تۆۋەندە ئۆزەمنىڭ ئۈگەنگەنلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ Blogbus بلوگبوسنىڭ كودلىرى توغرىسىدا كەڭ زىيارەتچىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى قارار تاپتىم ،كەڭ زىيارەتچىلەردىن تەجرىبىسى بارلارنىڭ تەكلىپ بېرىشىنى ،يېڭى ئۈگەنگۈچىلەرنىڭ ھەمنەپەس بولىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.بلوگبۇسقا ئۇيغۇرچە تونۇتۇش،ئۇيغۇرچە يېزىش ئەمەلگە ئاشقاندىن كېيىن (بۇ يەردە ئەلۋەتتە ئارامگاھ ،تەكلىماكان قاتارلىق كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن)مەنمۇ بلوگدىن بىرنى قۇردۇم ھەم شۇنداق تېزلىكتە قىزىقىپ كەتتىم مەسىلىلەرگە يولۇقسام باشقىلاردىن سورىدىم ،ئۈگەندىم بۇ جەرياندا بىلگەنلىرىمنى ماڭا ئوخشاش قىزىققۇچىلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن بۇ تېمىنى يېزىشقا كىرىشتىم.....ھەممىمىزگە مەلۇم بلوگبوسنىڭ جەمئى 6 بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان كودلار گۇرۇپپىسى بار بولۇپ ھەر بىر بۆلەكتىكى كودلارنىڭ رولى ئوخشاش ئەمەس.بۇ 6 گۇرۇپپىدىكى كودلارنىڭ رولى ھەققىدە بلوگبوستا ئوچۇق كورسىتىلگەن شۇڭا بۇ يەردە تەرجىمە قىلىپ ئولتۇرمايلا نەق گەپنىڭ ئۆزىنى باشلىۋەتتىم،كۆرگۈچىلەر توغرا چۈشەنگەي.بۇ بۆلەكلەرنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم بىر بۆلەك css بۆلىكى بولۇپ ئۇنىڭدىكى___
Colorبولسا خەتنىڭ رەڭگىنى كۆرسىتىدۇ
font-sizeبولسا خەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ,ئادەتتە11pxياكى12px, بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا پىرسەنت بىلەن ئىپادىلەنسىمۇ بولىدۇ.مەسىلەن ئەگەر ئېنگىلىسچە خەت بولسا 11pxنىڭ كۆرىنىشى 12pxگە قارىغاندا سەل كىچىك كۆرىنىدۇ 。
font-familyبولسا خىەت نۇسخىسىنى كۆرسىتىدۇ. ,ئادەتتە كۆپىنچە Verdanaخەت شەكلى قوللىنىلىدۇ ، مۇبادا باشقا خەت شەكلى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز چوقۇم باشقىلارنىڭ كومپىيوتېرىدىمۇ شۇ خىل خەت شەكلى بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ بولمىسا باشقىلارنىڭ كومپىيوتېرى سىزنىڭ خەت نۇسخىڭىزنى تونۇيالمايدۇ-دە قالايمىقان ھەرپلەر چىقىۋالىدۇ. بۇنى ئوڭشاش ئۈچۈن eot ھۆججىتىدىن بىرنى ياساپ بوشلۇققا يوللاش ھەمدە css بۆلەكنىڭ ئىچىگە قوشۇش ئارقىلىق بۇنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ (تەپسىلىسى ئارامگاھ ، تەكلىماكان ،ئۆگىنىش بلوگلىرىدا بار شۇڭا بۇ يەردە تەپسىلى توختالمىدى)*{ margin:0; padding:0; }
html { height:100%; }
body { color:#555; font-size:12px; font-family: Uyghur Ekran, Verdana; Arial, Helvetica, sans-serif; }bodyئاساسەن ئەڭ كۆپ ئىشلىنىدىغان كود بولۇپ ,ئۇ پۈتۈن بەت يۈزىنىڭ شەكلىنى كونترول قىلىدۇ。خەت,رەڭ ,خەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ,ئارقا كۆرىنىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ。
ul,ol,li { list-style:none; }
img { border:none; }بەت يۈزىدىكى رەسىمنىڭ رامكىسى 。ئادەتتە مۇشۇنداق بەلگۈلەنسە بولىدۇ。
.clear { clear:both; visibility:hidden; margin:0; padding:0; height:0px; line-height:0; font-size:0px; border:none; }بۇ يەرگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمىسىمۇ بولىدۇ ,ئۇنىڭ ئىقتىدارى ئىنتايىن چوڭ,لېكىن بىزدەك يېڭى ئۈگەنگۈچىلەرگە ھازىرچە بەكمۇ لازىم بولۇپ كەتمەيدۇ.。
.dis_none { display:none; }
a { text-decoration:none; color:#4498b8; }بەت يۈزى ئۇلىنىشنى بېكىتىش 。بۇ مائوسنى ئۇستىگە ئاپىرىشنىڭ ئالدىدىكى شەكلى 。
a:hover { color:#ffffff; }يوقارقى بىلەن ئوخشاش بولۇپ ,بۇ مائوسنى ئۈستىگە ئاپارغاندىكى شەكلى 。#index { }#container { }
#innerContainer { width:920px; margin:auto; }پۈتكۈل بەت يۈزىنى بەلگۈلەش 。بۇ يەردە پەقەت كەڭلىكلا بەلگۈلەنگەن 。ئۇ ئىككى چوڭ بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ,بىر بۆلەك بولسا يازمىنىڭ ئاساسى گەۋدىسى ,يەنە بىر بۆلەك بولسا قوشۇمچە ئىستوندىن ئىبارەت يەنى سىزنىڭ ئىسمىڭىز،تۈرلۈر ،ئۇلىنىش،يېڭى تېما ،ئىنكاس دىگەنگە ئوخشاش مەزمونلار جايلاشقان قوشۇمچە بۆلەك 。تۆۋەندە ئايرىم چۈشەندۇرۇلدى。
#outerContent { padding-top:50px; float:left; display:inline; width:625px; margin-left:30px; }يازمىنىڭ ئاساسى گەۋدە قىسمى 。
padding-topبەت يۈزىنىڭ ئەڭ ئۈستى تەرىپىگە قانچىلىك تولۇقلىنىدۇ دىگەننى بىلدۈرىدۇ.,
margin-leftبەت يۈزىنىڭ سول تەرىپى بىلەن قانچىلىك ئارلىق قالىدۇ دىگەننى بىلدۈرىدۇ 。بۇنداق دىيىلسە بەلكىم ئازراق تومتاق چۇشىنىكسىز تۇيۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن,ئەمىلىيەتتە ئۇ
innerContainerبۆلەكنىڭ ئىچىدە بولۇپ ,بارلىق innerContainerبۆلەكنىڭ رامكىسى قانچىلىك تولۇقلىنىدۇ ياكى بولمىسا قىممىتى قانچىلىك بېرىلىپ رامكا بەلگىلىنىدۇ دىگەننى بىلدۈرىدۇ 。
#outerSidebar { float:right; display:inline; width:215px; margin-right:30px; padding-top:50px;}قوشۇمچە ئىستون قىسمى 。قوشۇمچە ئىستون بولسا بىز بايام دىگەن تېما ،ئىنكاس، ئۇلىنىش قاتارلىقلار بار ئىستوننى كۆرسىتىدۇ 。بۇ قوشۇمچە ئىستوندىكى مەزمونلار سىزنىڭ بەت بېشى ھەم بەت يۈزى لاھىيەسىدە نىمىلەرنى بېكىتكەنلىكىڭىزگە باغلىق بولىدۇ سىز بۇ جايلاردا نىمىنى بەلگۈلىسىڭىز ,قوشۇمچە ئىستوندا شۇ مەزمونلارلا كۆرىنىدۇ 。قوشۇمچە ئىستوننى بەلگىلەش ھەم مەزمون بېكىتىش ئۈچۈن 模板设置——>首页布局 ياكى 模板设置——>页内布局گە كىرىپ ئۆزىڭىز تەڭشىۋالسىڭىز بولىدۇ.
.innerBottom { clear:both; visibility:hidden; margin:0; padding:0; height:0px; line-height:0; font-size:0px; border:none; }مانا بۇ بولسا innerContainerبۆلەكنىڭ ئاستى قىسمى 。ئادەتتە ئالاھىدە بەلگىلەش بولمايدۇ ,ناۋادا سىز بەتنىڭ ئاستى تەرىپىگە تېمىلىرىڭىزنىڭ ئەسەر ھوقوقىنى ئەسكەرتمەكچى ياكى بلوگنىڭ نەشر ھوقوقىنى قوغداشنى ئەسكەرتمەكچى بولسىڭىز مۇشۇ ئورۇنغا مۇناسىپ كودنى قوشسىڭىز بولىدۇ ,بۇ يەردە ھەم رەڭنى ئۆزگەرتكىلى ,ھەم رەسىم قويغىلى يەنى رەسىم چىقارغىلى بولىدۇ 。
#header { width:615px; height:160px; background: url(http://dunyakara.blogbus.com/files/12011747620.jpg) no-repeat center center; } بۇ يەردە ئۆزىڭىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ نامىنى كونكىرىت ئورنى ۋە رەڭلىرىنى بەلگۈلەيسىز 。رەسىم قىستۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ خۇددى يوقارقى كودتىكىدەك 。
#header h1 { padding-top:35px; margin-left:40px; font-size:36px; font-family: Verdana, Uyghur Ekran,Arial, Helvetica, sans-serif ; font-weight:normal; }بلوگىڭىز نامى 。
#header h1 a { color:#fff; }بلوگىڭىزنامىنىڭ ئۇلىنىشى بولۇپ سىز مائوسنى بلوگىڭىزنىڭ نامى ئۈستىگە ئەكىلىپ چەككەندىكى ئۇلىنىشنى كۆرسىتىدۇ 。مائوسنى ئەكىلىشتىن بۇرۇنقى رەڭگى ھالەتلىرى 。
#header h1 a:hover { text-decoration:underline; }يوقارقى بىلەن ئوخشاش بولۇپ ,مائوسنى ئەكەلگەندىن كېيىنكى ھالىتى 。
#header .description { padding-top:10px; margin-left:40px; color:#fff; font-size:14px; }بلوگىڭىزنىڭ چۈشەندۈرىلىش قىسمى 。بىرىنچى قىسىم مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن.ئىككىنچى قىسمىدا يازمىنىڭ ئاساسى گەۋدىسنى بېكىتىشكە ئائىت كودلار تونۇشتۇرىلىدۇ.
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
بلوگ كودلىرى بىلەن تونۇشۇش(1-قسىم)
Blog:بەگزادە بىلوگى2009-02-11 17:19:461
Blog:جەمگاھ2008-08-27 18:19:05بلوگ كودلىرى بىلەن تونۇشۇش(2-قسىم)
Blog:发现之旅2008-04-23 10:10:09
评论
مىنىڭ بلوگىمنىڭ قوشۇمچە قورال سىتونىنى ،بىلوگ نا مى يېزىلغان سىتونىنى
ۋە يازما سىتونىنى قانداق قىلىپ تەكشى قلالايمەن ،ياردەم قىلغان بۇلسىڭىز
بلوگىڭىزغا مۇبارەك!
بلوگنى تەڭشەش توغىرسىدىكى مەزمۇنلىرىڭىز بەكمۇ ئەتراپلىق بولۇپتۇ... ئامال بولسا مىنىڭ بلوگىمنىڭ قوشۇمچە قورال سىتونىنى ئوڭ تەرەپكە يۆتكەپ بەرگەن بولسىڭىز.. مەن بىر قانچە قىتىم سىناق قىلغان بولساممۇ لىكىن تولۇق بەتنى تولۇق ئۆزگەرتەلمەي ئەسلىدىكى سول تەرەپكە توغىرلاپ ئىشلىتىۋاتىمەن..
بلوگ ئادىرىسىم: ئۈمىد بلوگ http://umid.blogbus.com يەنە بىر مەسىلە مىنىڭ بلوگىمدا تىما ياكى ئىنكاس يازغاندا خەتنى ئۇزىۋىتىدىغان ئەھۋالنى ئوڭشىغىلى بولارمۇ؟[defFace:5]