-
2008-04-15
تىلەك - [شېئىرلار]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/19069662.html
تىلەك
چىن ۋە ساختىلىق روھىمدا پىنھان،
بىلمەك تەس ئالدىنىپ ياشايمىز كۆپ چاغ.
شەرتلەر كۆپ ئەڭ ئادىل ئۆلچەمدۇر ۋىژدان،
قونىدۇ بەزىدە ئۇنىڭغىمۇ داغ.
لەۋلەردە تەبەسسۈم بارماقلاردا گۈل،
ئالدىنىپ قالىمىز يالغاننى راست دەپ.
سۇنۇلار قەدەھتە دوستلۇق ۋە كۆڭۈل،
سۆزلىشەر سەن ماڭا ،مەن ساڭا خاس دەپ.
ئاھ قانداق چىرايلىق ناخشىدەك سۆز بۇ،
يالتىرار قەدەھتە شېرىن تىلەكلەر.
ئوتقاشتەك نىقاپلار كەينىدە شۇملۇق،
سوقىدۇ رىشتىمىز،قانسىز يۈرەكلەر.
سەزگۈلەر ئالدانغان ئەقىللەر ئورۇق،
تىكەننى پەدازلاپ گۈل دەپ ياشىشار.
ماشىنا ئادەمدەك كاللىلار قۇرۇق،
تۈلكىنى قوي بىلەن بىر دەپ ئاتىشار.
جۆيلىمە ئەي شائىر كۆپتۇر ناخشىلار،
قىممىتى بىباھا ئالتۇنغا تەققاس.
بۇلغانغان كۆڭۈللەر بىر كۈن ئوڭشىلار،
ياشاشنى ئۈگەنسە ئادەملەرگە خاس.
历史上的今天:
پوتۇلكىدىكى روھ 2008-04-15سۈكۈتتىكى روھ 2008-04-15سىز بۇنداق لېنتىلىق رەقەمنى كۆرگەنمۇ؟ 2008-04-15
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن