ئېرىترومىتسىننى نېمە ئۈچۈن بىخەتەررەك ئانتىبىيوتىك دورا دەيمىز؟
ۋاقتى: 2016-08-14
ئاۋاتلىقى: 865 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئېرىترومىتسىننىڭ قوشۇمچە تەسىرى ئاز، زەھەرلەشچانلىقى ئاجىز، زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسى پەيدا قىلىش نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ. دورىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، ئاساسلىق كۆرۈلدىغان ئالامەتلەر كۆڭۈل ئىلىشىش، قۇسۇش، قورساق ئاغرىش، ئىچ سۈرۈشتىن ئىبارەت. ئادەتتە دورا ئىشلىتىشنى توختاتقاندا ياكى دورىنىڭ مىقدارىنى ئازايتقاندا كېسەللىك ئالامەتلىرى يوقايدۇ. تەمسىز ئېرىترومىتسىننىڭ جىگەرگە نىسبەتەن بەلگىلىك زەخىملەندۈرۈش رولى بار، بىراق دورا ئىشلىتىشنى توختاتقاندا ،جىگەرنىڭ ئىقتىدارى ئەسلىگە كېلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ كەڭ تەسىرلىك ئانتىبىيوتىك دورا بولۇپ، تەكرار يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ،بۆرەككە بولغان تەسىرىمۇ ئازراق بولىدۇ.
مەنبە: «بىخەتەر دورا ئىشلىتىش ھەققىدە سوئال-جاۋابلار» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.