سېفالوسپورىن تۈرىدىكى دورىلارنىڭ ناچار تەسىرى قايسىلار؟
ۋاقتى: 2016-08-09
ئاۋاتلىقى: 865 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
⑴ زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسى: ئەسۋە، يەلتاشما، زىققە،دورا قىزىتمىسى، قان زەردابى كېسىلىگە ئوخشاپ كېتىدىغان رېئاكسىيە، قان تومۇر نېرۋا خاراكتېرلىك سۇلۇق ئىششىق، زىيادە سېزىمچانلىق شوك قاتارلىقىنى قوزغايدۇ. زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسى پېنىتسىللىن بىلەن ئوخشاش، ئەمما ئېغىر دەرىجىدىكى رېئاكسىيەنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ئاز ئۇچرايدۇ، پېنىتسىللىن بىلەن گىرەلەشمە رېئاكسىيەنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، پېنىتسىللىنغا زىيادە سېزىمچان كىشىلەر ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىشى كېرەك. بەزى دوختۇرخانىلاردا سېفالوسپورىن تۈرىدىكىلەرنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن تېرىگە زىيادە سېزىمچانلىق سىنىقى ئىشلەش لازىم، دەپ بەلگىلەنگەن.
⑵ ئاشقازان-ئۈچەي رېئاكسىيەسى ۋە باكتېرىيە توپنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى: كۆپلىگەن سېفالوسپورىن تۈرىدىكى دورىلار: كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىق رېئاكسىيەلەرنى، باكتېرىيە توپىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى، ۋىتامىن B، ۋىتامىن K نىڭ كەملىكىنى، شۇنداقلا تەكرار يۇقۇملىنىش، يالغان پەردىلىك ئۈچەي ياللۇغى، تەسۋىسىمان باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
⑶ جىگەرگە بولغان زەھەرچانلىق: مەلۇم خىل سىفاروسپورىن تۈرىدىكى دورىلار كۆپ مىقداردا ئىشلىتىلگەندە، قان زەردابىدىكى ترانسىئامىنازا (血清转氨酶)، ئىشقارلىق فوسفاتازا (碱性磷酸酶) ۋە قاندىكى بىلىرۇبىن مىقدارى ئۆرلەيدۇ.
⑷ بۆرەك زەخىملىنىش: مۇتلەق كۆپ ساندىكى سېفالوسپورىن تۈرىدىكى دورىلار بۆرەك ئارقىلىق چىقىرىپ تاشلىنىدۇ، بەزىدە ئۇرىئا ئازوتى كىرېئاتىنىن (肌酐) نىڭ مىقدارىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. شۇنداقلا ئاز سىيىش، ئاقسىل سىيىىش قاتارلىق بۆرەك زەخىملىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 1-ئەۋلاد سېفالوسپورىننىڭ بۆرەككە نىسبەتەن زەھەرچانلىقى كۆرۈنەرلىك.ھالبۇكى، 2-، 3- ئەۋلاد سېفالوسپورىننىڭ زەھەرچانلىقى ئاجىزراق ياكى يوق بولىدۇ.
⑸ قان ئىشلەش سىستېمىسىغا بولغان زەھەرچانلىق: بەزىدە قىزىل قان ھۈجەيرىسى ياكى ئاق قان ھۈجەيرىسىنىڭ ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
⑹ قان ئويۇش توسقۇنلۇققا ئۇچراش: بارلىق سېفالوسپورىن تۈرىدىكى دورىلار ئۈچەيدىكى باكتېرىيەنىڭ ئۆسۈشىنى تورمۇزلاپ، ۋىتامىن K نىڭ كەملىكىنى پەيدا قىلىپ، ئاخىرىدا قان ئۇيۇشۇش ئىقتىدارىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ.
مەنبە: «بىخەتەر دورا ئىشلىتىش ھەققىدە سوئال-جاۋابلار» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.