دورىلار خەزىنىسى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

[بىلىمدان] لايىھەلەنگەن بوۋاق دۇنياغا كېلەمدۇ؟

[بىلىمدان] لايىھەلەنگەن بوۋاق دۇنياغا كېلەمدۇ؟

ۋاقتى: 2016-08-11 ئاۋاتلىقى: 2341 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


2015-يىلى 4-ئايدا ئامېرىكا ئىلىم-پەن ساھەسى ۋە جامائىتى ئارىسىدا جۇڭگو ئالىملىرى ئاجايىپ قىزىق مۇنازىرە نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالدى. ئامېرىكا ۋە باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئالىملار ۋە ئامما ئىچىدە بىر قىسىم كىشىلەر جۇڭگو ئالىملىرىنىڭ باتۇرلارچە ئېلىپ بارغان يېڭى تەتقىقاتىغا ئاكتىپ پوزىتسىيەدە بولغان بولسا، مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۇلارنىڭ تەتقىقاتىدىن ئەندىشە قىلىشتى ۋە كۈچلۈك نارازىلىقىنى بىلدۈردى. تەبىئەت ژۇرنىلى بۇ ھەقتە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلدى ۋە باشقا نۇرغۇن ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىلمىي فانتازىيىلىك فىلىملەردىكى ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە گېنى ئۆزگەرتىلگەن ئىنسانلارنى مىسال قىلىش ئارقىلىق جۇڭگو ئالىملىرىنىڭ بۇ قېتىملىق يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىنى چۈشەندۈرمەكچى بولدى. 


مېنىڭ بۇ ماقالىنى يېزىشىمغا تۈنۈگۈن، يەنى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچتە ئاڭلىغان ئامېرىكا دۆلەتلىك رادىئو ئىستانسىسىنىڭ "قىزىق نۇقتا، The Point" دەپ ئاتىلىدىغان داڭلىق پروگراممىسى تۈرتكە بولدى. بۇ پروگراممىدا ماسساچۇسېتىس ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى، 2006-يىللىق نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتى ساھىبى دوكتور كرەيگ مېللو (Craig Mello) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇتەخەسىسلەرنىڭ دەل مۇشۇ تېمىدىكى كۆز قاراشلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ،  مەن بۇ پروگراممىنى ئاڭلاپ زور ئىلھام ئالدىم ۋە دۇنيادا قىزىق نۇقتا بولۇۋاتقان ئىلىم-پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى ئۈستىدىكى تالاش-تارتىشلارنى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە تونۇشتۇرۇش مەقستىدە مەزكۇر ماقالىنى يېزىپ چىقتىم. 

ئۇنداق بولسا، بۇ قىزىق نۇقتا زادى نېمە؟ نېمە ئۈچۈن جۇڭگو ئالىملىرىنىڭ بۇ يېڭى تەتقىقاتى شۇنچە داغدۇغا قوزغىدى؟ 
ئىشنىڭ جەريانى مۇنداق. ئەسلىدە 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى جۇڭگو ئالىملىرى تۇنجى بولۇپ يېڭىدىن چىققان گېن تەھرىرلەش تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ ئىنسان تۆرەلمىسىگە گېنېتىكىلىق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى سىناق قىلغان. گەرچە بۇ تەتقىقات نەتىجىسىدە ئۇلار ئىشلەتكەن CRISPR/Cas9 (كرىسپېر) دەپ ئاتىلىدىغان بۇ تېخنىكا ئىنسان تۆرەلمىسىنىڭ گېنلىرىنى ئۆزگەرتىشتە ئۈنۈمى تۆۋەن بولغانلىقتىن مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئىنسان تۆرەلمىسىگە گېنېتىكىلىق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش بولۇپ ھېسابلانغاچقا زور قىزىقىش قوزغىغان. 


گۇاڭجۇدىن جۇڭسەن ئۇنىۋېرسىتېتى ھاياتلىق ئىلىمى پەنلىرى ئىنىستىتۇتىدىكى پروفېسسور خۇاڭ جۈنجىيۇنىڭ ئاساسلىق ئاپتورلىقىدا ئېلان قىلىنغان "ئىنسان ئۈچ يادرولۇق زېگوتىسىدا CRISPR/Cas9 تېخنىكىسى ئارقىلىق گېن تەھرىرلەش" ماۋزۇسىدىكى بۇ ماقالە توغرىسىدا بىر نەچچە ئاي ئىلگىرىلا جۇڭگودا ئەخلاقىي نىزاملارغا يات تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىپتۇ دېگەندەك ئۆسەك سۆزلەر تارقىلىپ ھەممە جاينى بىر ئالغان. مانا ئەمدى بۇ ئاينىڭ 18-كۈنى بۇ ماقالىنىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن ئېنگلىز تىلىدا چىقىرىلىدىغان "ئاقسىل ۋە ھۈجەيرە" ناملىق تور ئىلمىي ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىشى بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقى ئىسپاتلىغان.


بۇ ماقالىدە خۇاڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەر كۆپىيىش كېسەللىرى دوختۇرخانىسىدا پروبىركىدا ھامىلە يېتىشتۈرۈش جەريانىدا ھاسىل بولغان ئىككى ئىسپېرما بىر تۇخۇمنى ئۇرۇقلاندۇرۇشتىن كېلىپ چىققان ئۈچ يادرولۇق زىگوتىنى تەجرىبە ئۈچۈن ئىشلەتكەن. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت، ئۈچ يادرولۇق زىگوتا بەرىبىر نورمال ھامىلە ھاسىل قىلالمايدىغان بولغاچقا، ئاپتورلار بۇنداق ئىنسان زىگوتىسى ئۈستىدە تەجرىبە ئېلىپ بېرىش ئەخلاقىي جەھەتتىن قوبۇل قىلىنىدۇ دەپ قارىغان. بۇ تەتقىقاتتا ئاپتورلار گېن تەھرىرلەش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئىنسان تۆرەلمىسىنىڭ يادروسىدىكى ئوتتۇرا يەر دېڭىزى كەمقانلىق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بېتا-گلوبىن ئاقسىلىغا كود يازغۇچى HBB گېنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، CRISPR/Cas9 تېخنىكىسىنىڭ ئىنسان كېسەللىرىنى تۆرەلمە ۋاقتىدىلا داۋالاش ياكى ئالدىنى ئېلىشتا ئىشلىتىشكە بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى سىناق قىلغان بولۇپ، نەتىجىدە ئالدىن كۆرۈۋالغىلى بولمايدىغان گېنلارنىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشى يۈز بەرگەن ۋە  HBB گېنىنى تەھرىرلەش ئوڭۇشلۇق بولمىغان. ئاپتورلار بۇ ئارقىلىق گېن تەھرىرلەش تېخنىكىسىنىڭ تېخى پىشىپ يېتىلمىگەنلىكىنى ۋە نۆۋەتتە ئىنسانلاردا كېسەل داۋالاش ئۈچۈن سىناق قىلىشقا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى خۇلاسىلىگەن. 


تەبىئەت ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خۇاڭ پروفېسسور بۇ ماقالىنى دەسلەپ دۇنياغا داڭلىق ئىلمىي ژۇرناللاردىن "تەبىئەت" ۋە "ئىلىم-پەن" ژۇرناللىرىغا ئەۋەتكەن بولۇپ، ھەر ئىككىلىسى ئەخلاققا يات دەپ قارىغانلىقتىن ماقالىنى ئېلان قىلىشنى رەت قىلغان. بۇ ماقالىنىڭ ئېلان قىلىنىشى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئامېرىكىدا قوزغالغان "گېنى ئۆزگەرتىلگەن ئىنسانلارنى كۆپەيتىش" مەسىلىسى ئۈستىدىكى مۇنازىرىلەرگە ئوت ئۈستىگە ماي چاچقاندەك تەسىر بېرىپ مۇنازىرىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتكەن. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى مېدىتسىنا ئىنىستىتۇتى پروفېسسورى جورج دەيلى بۇ ماقالىگە باھا بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:

"بۇ ماقالە تېخى بىر نەچچە يىل ئىلگىرى بارلىققا كەلگەن يېڭى گېن تەھرىرلەش تېخنىكىسى CRISPR/Cas9 نىڭ بالا ھەمرىيىغا كۆچمىگەن ئىنسان تۆرەلمىسىدە تۇنجى قېتىم ئىشلىتىلىشى بولۇپ، بىر نامايەندە ھەم ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالدۇر. ئۇلارنى تەتقىقاتى CRISPR/Cas9 تېخنىكىسىنى كىلىنىكىدا ئىشلىتىپ ئىنسان كېسەللىرىنى تۈپتىن يوق قىلىش خىيالىدا يۈرگەن دوختۇرخانىلارغا ئېغىر ئاگاھلاندۇرۇش بولۇشى كېرەك".


ئۇنداق بولسا CRISPR/Cas9 تېخنىكىسى دېگەن زادى نېمە؟ بۇ تېخنىكا زاغرا تىل بىلەن چۈشەندۈرگەندە بىر كېسىم پىچقۇچى بولۇپ، ئالىملار ھايۋانلاردا بۇ تېخنىكىنى ئىشلىتىپ خالىغان گېننى ھۈجەيرىدىن كېسىپ ئېلىۋېتەلەيدۇ ياكى قوشالايدۇ. ھەتتا مەلۇم گېن ئىچىدىكى بىر بۆلەكنى كېسۋەتكىلى ھەم يېڭى بىر بۆلەكنى قوشۇپ قويغىلى شۇ ئارقىلىق شۇ گېنلارنىڭ كونترول قىلىدىغان ئىرسىي ئالاھىدىلىكنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىنتايىن قۇدرەتلىك تېخنىكا بولۇپ، كەلگۈسىدە پىشىپ يېتىلسە ھەقىقەتەن ئىنسانلارنى ئۆزلىرى خالىغان ئىقتىدار ۋە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە قىلىش ئىمكانىيتى يارىتىشى مۇمكىن. ئەڭ مۇھىمى، بۇ تېخنىكا ئارقىلىق نەزەرىيە جەھەتتىن ئىنسانلاردىكى كېسەل كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان گېنلارنى يوقاتقىلى ۋە شۇ ئارقىلىق نۇرغۇن ئىرسىي ۋە تۇغما كېسەللەرنى پۈتۈنلەي يوقاتقىلى بولىدۇ. دەل شۇنداق بولغاچقا نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى دوكتور كرەيگ مېللو جۇڭگو ئالىملىرىنىڭ بۇ تەتقىقاتىدىن ناھايىتى ھاياجانلىنىدۇ. 


شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ ئامېرىكا دۆلەتلىك رادىئو ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: "گەرچە گېن تەھرىرلەش تېخنىكىسى دەرۋەقە ئىنتايىن كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان قۇدرەتلىك بىر قورال بولسىمۇ، ھازىر بۇ قورالنى ئىنسانلاردا ئىشلىتىشنىڭ ۋاقتى تېخى كەلمىدى. مەن گېنېتىكىلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىنسان گېنلىرىنى تەھرىرلەشكە قارشى ئەمەس، ئەكسىچە بۇ تېخنىكا كەلگۈسى 100-200 يىل ئىچىدە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ قىسقا مۇددەتتە پىشىپ يېتىلسە، ئۇنى ئىشلەتمەسلىكنى ئەخلاقسىزلىق دەپ قارايمەن. جۇڭگو ئالىملىرىنىڭ بۇ قېتىملىق تەتقىقات نەتىجىسى بىز ھازىرغىچە بىلمىگەن ھېچقانداق يېڭى نەتىجىگە ئېرىشمىگەن بولسىمۇ، ھېچبولمىغاندا گېن تەھرىرلەشنى ئىنسانلاردا سىناق قىلىشقا بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويدى" دەيدۇ.

كالىفورنىيە شتاتى بېركېلىي شەھرىدىكى گېنېتىكا ۋە جەمئىيەت تەشكىلاتىدا خىزمەت قىلىدىغان ئەخلاق مۇتەخەسىسى مارسى دارنوۋېسكىي جۇڭگو ئالىملىرىنىڭ بۇ تەتقىقاتىغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرىدۇ ۋە بۇ تېخنىكىنىڭ ھازىرقى باسقۇچتا تۆرەلمە ئەمەس ھەر قانداق ئىنسان ۋە ئىنسان ھۈجەيرىلىرىدە ئىشلىتىلىشى ئەخلاقسىزلىق دەپ قارايدۇ. ئۇ گېن تەھرىرلەش كەلگۈسىدە پىشىپ يېتىلسە چوڭلاردا كېسەل داۋالاشقا ئىشلىتىلسە قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما كېيىنكى ئەۋلادقا ئىرسىيەت قالدۇرىدىغان ئىنسان تۆرەلمىسىنىڭ گېنلىرى بىلەن ھەپىلىشىشكە بىز مەڭگۈ يول قويماسلىقىمىز كېرەك دېگەن كەسكىن مەيدانىنى ئىپادىلەيدۇ.


ئامېرىكا ئالىملىرى ۋە ئامما ئارىسىدا نەچچە كۈندىن بۇيان قىزغىن مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ تېخنىكىنىڭ ئالدى-كەينىنى ئېنىق چۈشىنىپ بولالمىغان نۇرغۇن كىشىلەر ئالىملارنىڭ ئىنسان تۆرەلمىسى بىلەن ھەپىلىشىپ "لايىھەلەنگەن بوۋاق" ئىشلەپچىقىرىشىدىن قاتتىق ئەندىشىگە چۆمىدۇ ۋە بۇ تېخنىكىنى "خۇدا بىلەن ئويناشقانلىق" دەپ قاراپ كۈچلۈك ئەيىپلەيدۇ. ئالىملار ئىچىدە يۇقىرىدا دېيىلگەندەك ھەر خىل كۆز قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ، نۇرغۇن نوپۇزلۇق ئالىملار تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن بىر تېخنىكىنىڭ ئىنسان تۆرەلمىسىدە سىناق قىلىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، دەپ باھا بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى ئامېرىكا دۆلەتلىك ساغلاملىق ئىنىستىتۇتى باشلىقى دوكتور فرانسىس كولىن بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ساغلاملىق ئىنىستىتۇتىنىڭ ئىنسان تۆرەلمىسىدە گېنېتىكىلىق تەھرىرلەش ئېلىپ بارىدىغان ھەر قانداق تەتقىقاتقا مەبلەغ ئاجرىتىشنى چەكلەيدىغانلىقىنى ۋە بۇ خىل تەتقىقاتلارنىڭ ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلماسلىقى ئۈچۈن دۆلەت قانۇنى تۈزۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. 

بۇ ماقالىنىڭ ئالىملارنىڭ گۇمانىنى قوزغىغان بىر قانچە تەرىپى تۆۋەندىكىچە:

1. بۇ ماقالە "ئاقسىل ۋە ھۈجەيرە" ژۇرنىلى تەرىپىدىن تاپشۇرۇۋېلىنىپ 2 كۈن ئىچىدە قوبۇل قىلىنغان. ئۇنداق بولسا، تەھرىرلەر ماقالىدىكى خاتالىقلارغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمىگەن بولۇش ئېھتىمالى تۇغۇلىدۇ. 

2. ئالدىراقسانلىقتىن كەچۈرگىلى بولمايدىغان ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن، يەنى CRISPR/Cas9 دېگەن تېخنىكا نامى CRSIPR/Cas9 دەپ يېزىلىپ I بىلەن S نىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالغان. بۇ ئىلمىي ساھەدە ئېغىر دەرىجىدىكى بىخەستىلىك ھېسابلىنىپ ماقالە ۋە ئاپتورلارنىڭ ئىناۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

3. زۆرۈرىيەت يوق ۋە پىشىپ يىتىلمىگەنلىكى بىلىنگەن ئەھۋالدىمۇ يەنىلا ئىشلەنگەن تەتقىقات. 

ئۇنداقتا، سىز بۇ مەسىلىگە قانداق قارايسىز؟ ئىنسان تۆرەلمىسىنى گېنېتىكىلىق ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، كەلگۈسىدە كۆزلىگەن ئالاھىدىلىككە ئىگە بوۋاق يېتىشتۈرۈشنى قوللامسىز ياكى قارشى تۇرامسىز؟ نېمە ئۈچۈن؟ 

مەنبەلەر:

Liang, Puping, Yanwen Xu, Xiya Zhang, Chenhui Ding, Rui Huang, Zhen Zhang, Jie Lv et al. "CRISPR/Cas9-mediated gene editing in human tripronuclear zygotes." Protein & cell (2015): 1-10.

http://www.nature.com/news/chine ... c_id=TWT_NatureNews

http://www.ipscell.com/2015/04/gmhumanembryoconcern/

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالە بىلىمدان ژۇرنىلىنىڭ 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان. بىلىمدان تور ژۇرنىلىمىزدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ماقالىلەرنى رۇخسەتسىز تارقاتسىڭىز بولىدۇ. تارقاتقاندا بىلىمدان تور ژۇرنىلىدىن ئېلىندى دەپ ئەسكەرتىڭ ۋە ماقالە ئاپتورىنى چۈشۈرۈپ قويماڭ. رەھمەت.

بايانات

دورىلار يانبىلوگىغا يوللانغان بارلىق مەزمۇنلار ئەڭ ئىشەنچلىك دەپ قارالغان ماتېرىياللاردىن تەرجىمە قىلىش ۋە رەتلەش ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈم نەتىجىسى قىلىشقا بولمايدۇ! كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈشىڭىز كېرەك! دورىلار ئۈندىدار سۇپىسىغا ئەگىشىۋېلىشنى ئونۇتماڭ، ئىزدەش نامى: dorilar

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرلىرى: 6045310-0991، 6757855-0991 ياكى 6709060-0991 قاتارلىقلار!!!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى