زۇكامنى داۋالاشتا ئارام ئېلىش دورا يېگەندىنمۇ بەكرەك پايدا قىلىدۇ
ۋاقتى: 2016-07-27
ئاۋاتلىقى: 1520 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
قىش پەسلىدە زۇكام كۆپرەك كۆرۈلىدىغان كېسەللەرنىڭ بىرى . ھازىرچە زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك دورىلار تېخى تېپىلمىدى . شۇڭا مۇتەخەسىسلەر ئارام ئېلىشنى زۇكامنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى دەپ قارايدۇ .
زۇكام بولغانلاردا قىزىش ۋە يۆتىلىش ، پۈتۈن بەدىنى ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ، ئىككى – ئۈچ كۈن ئۆيدە ياخشى ئارام ئېلىش كېرەك . زۇكام سوزۇلغانچە تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ . يەنە كۈنىگە ئون سائەت ئۇخلاشقا ئېتىبار بېرىش كېرەك .
Tags: