بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار باكتېرىيىگە قارشى دورىلارنى ئىشلەتكەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟
ۋاقتى: 2016-09-08
ئاۋاتلىقى: 1679 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار باكتېرىيىگە قارشى دورىلارنى ئىشلەتكەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟
ئوخشىمىغان دورىلارنىڭ ئانا سۈتىدىكى قويۇقلۇقى ۋە مىقدارى ئارىسىدا پەرق ناھايىتى چوڭ. دورىلارنىڭ ئانا سۈتىدىكى مىقدارى كۆپرەك بولىدىغانلىرىدىن ئېرىترومىتسىن، لىنكومىتسىن قاتارلىقلار بار. ئېرىترومىتسىن ۋېناغا تېمتىلغاندا ئۇنىڭ ئانا سۈتىدىكى قويۇقلۇقى قان زەردابىدىكى قويۇقلۇقىدىن 4~5 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. ئەمما پېنىتسىللىن G نى مۇسكۇلغا ئوكۇل قىلغاندا ياكى ئۇنى ۋېنادىن تېمىتقاندا، ئانا سۈتىدىكى قويۇقلۇقى قان زەردابىدىكى قويۇقلۇقىنىڭ %20~%2 گە باراۋەر بولىدۇ. گەرچە باكتېرىيىگە قارشى بىر قىسىم دورىلارنىڭ ئانا سۈتىدىكى قويۇقلۇقى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، بوۋاقنىڭ تېنىگە يېتىپ باردىغان مىقدارى چەكلىك بولسىمۇ، ئەمما بوۋاقتا زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسى ۋە دورىغا چىدامچانلىق باكتېرىيە توپىنى پەيدا قىلىدۇ. بەزى دورىلار، مەسىلەن: كانامىتسىن ۋە رىمىفون ئانا سۈتىگە ئۆتۈپ، بوۋاقنى زەھەرلىشى مۇمكىن. شۇڭا، بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار قەتئىي ئىشلەتمەسلىك لازىم. سۇلفانىلامىد تۈرىدىكى دورىلارنىڭ ئانا سۈتىدىكى قويۇقلۇقى 6-فوسفاتلىق گلۇكوزا دېھىدروگېنازا كەمچىل بوۋاقنىڭ تېنىدە قان ئېرىش خاراكتېرلىك قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا يېتىپ ئاشىدۇ. ئادەتتە بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار ئىشلىتىشكە بولمايدىغان باكتېرىيىگە قارشى دورىلار: ئېرىترومىتسىن، تېتراتسىكلىن، كانامىتسىن، گېنتامىتسىن، خلورمىتسېتىن، سۇلفانىلامىد تۈرىدىكىلەر، مېترونىدازول، تىندازول، نىتروفۇرانتوئىن (呋喃妥因) قاتارلىق دورىلار بار. بالا ئېمىتىۋاتقانلارغا ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىدىغان باكتېرىيىگە قارشى دورىلاردىن، مەسىلەن: لىنكومىتسىن، رىمىفون، پېنىتسىللىن، سترېپتومىتسىن قاتارلىقلار دورىلار بار.