قىزىشقا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟
ۋاقتى: 2016-08-08
ئاۋاتلىقى: 1151 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورمال دائىرىدىن ئېشىپ كەتسە ياكى 24 سائەت ئىچىدىكى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىش دائىرىسى ℃1 تىن يۇقىرى بولسا، بۇ قىزىش دەپ ئاتىلىدۇ. قىزىشنىڭ سەۋەبى ئىككىگە بۆلۈنىدۇ: يۇقۇملىنىشتىن بولغان قىزىش ۋە يۇقۇملىنىشتىن بولمىغان قىزىش. يۇقۇملىنىشتىن بولغان قىزىش كۆپ خىل ئۆتكۈر ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىشتىن بولغان كېسەللىكلەر، مەسىلەن: زۇكام، تارقىلىشچان زۇكام، ئۆپكە ياللۇغى، كېزىك، تۇبېركۇلوز، ھەرە كۆنىكىسىمان توقۇلما ياللۇغى، قان چىرىش كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قىزىش بولۇپ، قىزىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەردۇر. يۇقۇملىنىشتىن بولمىغان قىزىش كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر ئاللېرگىيەلىك كېسەللىكلەر، قان كېسەللىكلىرى، قوشقۇچى توقۇلما كېسەللىكلىرى (ئۆز بەدەن ئىممۇنىتېت كېسەللىكلىرى) ، يامان سۈپەتلىك ئۆسمە قاتارلىقلار. دورىلارمۇ قىزىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دورا مەنبەلىك قىزىش بولسا ئاللېرگىيە كەلتۈرۈپ چىقارغان قىزىشنىڭ بىر تۈرى.
قىزىش بولسا ئورگانىزمنىڭ كېسەللىك قوزغاتقۇچى ئامىللارغا قارشى بىر خىل قوغدىنىش خاراكتېرلىك پاتو-فىزىيولوگىيەلىك ئىنكاسى، شۇنداقلا كېسەلگە دىياگنوز قويۇشتىكى بىر خىل مۇھىم كۆرسەتكۈچ. شۇڭا، قىزىتما ياندۇرىدىغان دورىلارنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك لازىم.
مەنبە: «بىخەتەر دورا ئىشلىتىش ھەققىدە سوئال-جاۋابلار» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.