بۆرەك ئىقتىدارى ناچارلار دورا ئىشلەتكەندە نېملەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
ۋاقتى: 2016-08-18
ئاۋاتلىقى: 1559 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
نۇرغۇن دورىلار بۆرەكنى زەخىملەندۈرىدۇ،مەسىلەن: باربىتال تۈرىدىكى تىنچلاندۇرغۇچى دورىلار؛ سالىتىسىلىك كىسلاتا (水杨酸) تۈرىدىكى قىزىتما قايتۇرغۇچى ۋە ئاغرىق توختاتقۇچى دورىلار، سترېپتومىتسىن، كانامىتسىن (卡那霉素)، گېنتامىتسىن (庆大霉素)، رىمىفون قاتارلىق دورىلار. قايسى خىلدىكى دورىلارنىڭ بۆرەك زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلىشتە، دورىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىنى ئەستايىدىل ئوقۇش ياكى تېببىي خادىملاردىن مەسلىھەت سوراش لازىم. دورا ئىشلەتكەندە چوقۇم دورىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىدىكى ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە ئىشلىتىش مىقدارىغا ئەمەل قىلىش لازىم.