زۇكامغا رېتسېپسىز غەرب تېبابىتى دورىلىرىنى ئىشلەتكەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
ۋاقتى: 2016-08-08
ئاۋاتلىقى: 1239 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
زۇكامغا رېتسېپسىز غەرب تېبابىتى دورىلىرىنى ئىشلەتكەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
⑴ پەقەت بىر خىلىنىلا تاللاش، تەسىرى ئوخشايدىغان يەنە بىر خىل دورىنى ئىشلەتمەسلىك لازىم. تەكرار دورا ئىشلىتىپ دورىنىڭ ناچار تەسىرىنىڭ كۆرۈلۈشىدىن ساقلىنىش لازىم.
⑵ تەركىبىدە يالغان ئېفېدرىن (伪麻黄碱) بولغان زۇكامغا قارشى دورىلارنى ئىشلەتكەندە، ياشانغانلار، يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى، دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار، قالقانسىمانبەز ئىقتىدارى، ئۆپكە گازلىق ئىششىقى، گىلاۋكومىغا گىرىپتار بولغۇچىلار، مەزى بېزى يوغىنىغۇچىلار، ھامىلىدارلار، ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئاياللار ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىشى كېرەك.
⑶ قىزىتما ياندۇرىدىغان ئاغرىق توختاتقۇچى، زۇكامغا قارشى دورىلارنى ئىشلەتكەندە ھاراقنى قەتئىي ئىچمەسىلىك لازىم.
⑷ جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارى ياخشى بولمىغانلار زۇكام دورىلىرىنى ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىش لازىم.
⑸شوپۇلار، پاراۋۇز باشقۇرغۇچىلار، يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدا مەشغۇلات قىلغۇچىلار خىزمەت جەريانىدا تەركىبىدە خىلورفېنىرامىن(扑拉酶) ياكى بېنادرىل(苯海拉明) بولغان زۇكام دورىلىرىنى قەتئىي ئىشلەتمەسلىك لازىم. مەزى بېزى يوغىنىغۇچىلارمۇ ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىش لازىم.
⑹ئاياللار ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا تەركىبىدە دېكسىترومېتورفان(氢溴酸存美沙芬) بولغان زۇكام دورىلىرىنى قەتئىي ئىشلەتمەسلىك لازىم.
⑺يۇقىرىدا ئېيتىلغان دورىلارنىڭ ھەممىسى كېسەللىك ئالامىتىگە قاراپ داۋالايدىغان دورىلار بولۇپ،دورا ئىچىپ 3~7 كۈندىن كېيىن، كېسەللىك ئالامىتى يېنىكلىمىسە، بىمار يەنىلا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىشى لازىم.
⑻ ئەگەر بىمار باشقا دورىلارنى، بولۇپمۇ رېتسېپلىق دورىلارنى ئىشلىتىۋاتقان بولسا، دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، بىماردىن كېسەللىك ئەھۋالىنى تەپسىلىي سوراپ، دورىلارنىڭ ئۆز-ئارا تەسىر پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
مەنبە: «بىخەتەر دورا ئىشلىتىش ھەققىدە سوئال-جاۋابلار» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.