دورىنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك؟
ۋاقتى: 2016-09-09
ئاۋاتلىقى: 991 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
دورىنىڭ ساقلىنش مۇددىتى دېگىنىمىز، بەلگىلىك ساقلاش شارائىتىدا، دورىنىڭ سۈپتىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋاقىت چېكىنى كۆرسىتىدۇ. دورىنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتىنىڭ بەلگىلمىسى بولسا، دورىنىڭ ئىشلەپ چىقىرىلغان كۈنى(مەھسۇلاتنىڭ تەستىق نومۇرى ھېساب قىلىندى) دىن باشلاپ ھسابلىنىىدۇ. ئىپادىلەش ئۇسۇلى مۇنداق: ئۈنۈملۈك مۇددىتىXX يىلXX ئاي؛ مەسىلەن: مەلۇم بىر دورىنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتى 2003-يىلى 6-ئايغىچە بولسا ئۇنداقتا، بۇ دورا 2003-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن ئۈنۈمسىز ھېسابلىندۇ. «دورا باشقۇرۇش قانۇنى» دا يەنە مۇنداق بەلگىلەنگەن: دورىنىڭ ئورالما قېپى ياكى چۈشەندۈرۈلۈشىدە ئوخشاشلا دورىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋاقتى ۋە ئۈنۈملۈك مۇددىتى ئېنىق يېزلىشى كېرەك. ئىمپورت قىلىنغان دورىلاردىمۇ يۇقىرىقى ئىپادىلەش ئۇسۇلى بويىچە، چوقۇم خەنزۇ يېزىقىدا يېزىلىشى، ئاۋامنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن قۇلايلىق يارتىلىشى لازىم.