دورىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى قانداق ئوقۇلىدۇ؟
ۋاقتى: 2016-08-12
ئاۋاتلىقى: 864 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
دورىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى بولسا دورىنى قانداق ئشلىتىشكە يىتەكچىلىك قىلدىغان بولۇپ، قانۇنىي كۈچكە ئىگە. دورىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن چۈشەندۈرۈلۈشىنى ئنچىكىلىك بىلەن توغرا ئوقۇش ۋە ئۇنىڭ ئشلىتىلىشىنى توغرا چۈشنىش بىخەتەر دورا ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنقى ئاساسى.
ئەڭ ئاۋۋال دورىنىڭ نامىنى بىلىۋېلىش كېرەك: ئۆلچەملىك دورىلارنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىدە دورىنىڭ ئورتاق نامى، تاۋار نامى، ئىنگىلىزچە ۋە خىمىيىلىك (رېتسېپسىز دورىلارنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى ئىچىدە خىمىيىلىك نامى بولمايدۇ) نامى قاتارلىقلار بولىدۇ.
دورا ئىشلەتكۈچى ئادەتتە پەقەت دورىنىڭ ھەقىقى نامى بىلەن ئورتاق نامىنىلا ئايدىڭلاشتۇرۇۋالسا، تەكرار دورا ئىشلىتىشتىن ساقلىنالايدۇ. چۈنكى بىر خىل دورىنىڭ پەقەت بىرلا ئورتاق نامى بولىدۇ(دۆلەت بەلگىلىگەن قانۇنىي نام)، تاۋار نامىدەك نەچچە خىل نامى بولمايدۇ(ئوخشىمىغان كارخانىلارنىڭ رويىخەتكە ئالدۇرغان دورا ماركىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ).
كېسەلنى داۋالىغاندا دورىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارىنى ئىگىلەش ناھايىتى مۇھىم، مەسىلەن: تاماقتىن بۇرۇن، تاماقتىن كېيىن، ئۇخلاشتىن بۇرۇن، بىر كۈندە بىر ۋاخ ياكى ئۈچ قىتىم؛ ئىچەمدۇ ياكى بەدەننىڭ سىرتىدىن ئىشلىتىلەمدۇ ۋە ياكى ئوكۇل قىلىنامدۇ؟ چوقۇم تەپسىلىي ئېنىق ئوقۇش لازىم. بۇنىڭدىن قالسا، دورىنىڭ ئىشلىتىش مىقدارى مىقدارى بولۇپ، چوقۇم دورىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىشلىتىش لازىم. ئادەتتە دورىلارنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىدىكى ئشلىتىلىش مىقدارى چوڭلارغا قارىتا ئيتىلغان بولۇپ، ياشانغانلار ۋە بالىلارغا چوقۇم ئۇنى سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندىن كېيىن، ئاندىن ئشلىتىش لازىم.