دورىلارنىڭ زىققىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟
ۋاقتى: 2016-08-09
ئاۋاتلىقى: 875 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
تۆۋەندىكىدەك مۇداپىئە ئۇسۇلىنى قوللىنىشنى تەۋسىيە قىلىمىز:
(1) رېماتىزم، رېماتىزم خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغى، سۆڭەك-بوغۇم كېسەللىكلىرى ۋە زۇكام قاتارلىقلار. بۇ خىل ئەھۋاللاردا قىزىتمىنى قايتۇرۇپ ئاغرىقنى پەسەيتىدىغان دورىلار بىلەن ھورمۇنسىز ياللۇغنى قايتۇرۇپ ئاغرىقنى پەسەيتىدىغان دورىلارنى دائىم ئىشلىتىدىغان بولغاچقا، مۇداپىئە ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، دورىلىق خۇسۇسىيەتلىك زىققا كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
(2) زىققا كېسىلى بىمارلىرى يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك زىققا كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ياكى زىققا كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىشتىن پەرز تۇتۇشى كېرەك.
(3) زىيادە سېزىمچانلىق بەدەن، بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى، بۇرۇن مونچاق گۆشى كېسىلى بىمارلىرى يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك دورىلارنى ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىشى كېرەك.
(4) ئەگەر توساتتىن دورىلىق خۇسۇسىيەتلىك زىققا كېسىلى پەيدا بولۇپ قالسا، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇپ، ئېنىقلانغان زىققا كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دورىنى قايتا ئىشلىتىپ قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم.
(5) يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياشانغان كىشىلەر، يۈرەك-مېڭە قان-تومۇر بىمارلىرى مېڭە قان نوكچىسى بىلەن يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاسپىرىننى ئاز مىقداردا ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلىپ بېرىشىنى، كۆرۈلۈش مۇمكىنچىلىكى بولغان زىققا كېسىلىگە قارىتا يۇقىرى دەرىجىدە سەزگۈرلۈكنى ئاشۇرۇپ ۋە كۆزىتىشنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز.