نېمە ئۈچۈن سېفالوسپورىن ۋە پېنىتسىللىن تۈرىدىكىلەر باكتېرىيەگە قارشى دورىلار ھېسابلىنىدۇ؟
ۋاقتى: 2016-08-10
ئاۋاتلىقى: 923 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
نېمە ئۈچۈن سېفالوسپورىن ۋە پېنىتسىللىن تۈرىدىكىلەر باكتېرىيەگە قارشى دورىلار ھېسابلىنىدۇ؟
سېفالوسپورىن تۈرىدىكىلەر بىلەن پېنىتسىللىن تۈرىدىكىلەرنىڭ مۇلېكۇلا تۈزۈلۈشىدە ئوخشاشلا بىردىنβ-لاكتام ھالقىسى بار. شۇڭلاشقا،β-لاكتام تۈرىدىكى ئانتىبىيوتىك دورىلار دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ دورىلارنىڭ مۇشۇ تۈزۈلۈشى باكتېرىيەنىڭ ھۈجەيرە دىۋارىنىڭ بىرىكىشىنى بۇزۇپ تاشلاپ، باكتېرىيەنى يوغىنىتىپ ئۆلتۈرىدۇ. ئۇلار باكتېرىيەنىڭ كۆپىيىش مەزگىلىدىكى باكتېرىيە ئۆلتۈرگۈچى دورا ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، ئۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى، باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش رولى كۈچلۈك، كىلىنىكىلىق داۋالاش ئۈنۈمى يۇقىرى، زەھەرچانلىقى ئاجىز، ئىككىلىسى ئوخشاشلا زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ، قىسىم ەن ھاللاردا گىرەلەشمە زىيادە سېزىمچانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
داۋالاشتا نېمە ئۈچۈن سېفالاسپورىن تۈرىدىكى ئانتىبىيوتىك دورىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما باھاسى ناھايىتى قىممەت بولغاچقا، كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىشتە بەلگىلىك چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا. شۇڭا، ئادەتتە ئاساسەن ئالدىن تاللانمايدۇ. ئۇ ئاساسلىقى دورىغا چىدامچان سېرىق رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيەسىدىن يۇقۇملىنىش،سۈيدۈك يولى ياكى ئۆت كانىلى يۇقۇملىنىش، مېڭە پەردە ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق ئېغىر دەرىجىدىكى يۇقۇملىنىشلار ۋە يېشىل يىرىڭلىق تاياقچە باكتېرىيەسىدىن يۇقۇملىنىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.