گىنتامىتسىننى ئىشلەتكەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
ۋاقتى: 2016-08-15
ئاۋاتلىقى: 847 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
تۆۋەندىكى مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:
⑴ قۇلاققا بولغان زەھەرچانلىقى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، كۆپىنچە دورا ئىشلىتىپ 1~2 ھەپتە ئىچىدە كۆرۈلىدۇ. ۋاقتىدا بايقاپ دورىنى توختاتسا، ئاڭلاش ئىقتىدارى ئەسلىگە كېلىدۇ. بىراق بالىلارنىڭ زەھەرلىنىش ئالامىتىنى ئىپادىلەش ئىقتىدارى ئاجىز بولغاچقا، ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ ئاسانلا زەخىملىنىشى ياكى گاسلىق يۈز بېرىدۇ.
⑵ ۋېناغا ئوكۇل قىلىش ياكى كۆپ مىقداردا ۋېناغا تېمىتىپ ئوكۇل قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك، بولمايدىكەن نەپەسنىڭ تورمۇزلىنىشى كېلىپ چىقىدۇ.
⑶ كۈچلۈك ئۈنۈملۈك سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلار، مەسىلەن: ئېتاكرىنات (利尿酸)، فۇرۇزېمىد (速尿)، سېفالوسپورىن ۋە باشقا ئامىنو گلوكوزىد تۈرىدىكى دورىلار بىلەن قەتئىي بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتمەسلىك، قۇلاققا بولغان زەھەرچانلىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىش لازىم.
⑷ سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدىكى يۇقۇملىنىشنى گىنتامىتسىن ۋە ئىشقارلىق دورىلار بىلەن داۋالىغاندا (مەسىلەن: ناترىي بىكاربونات) داۋالاش ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
⑸ ياشانغانلار، بالىلار، ھامىلىدارلار، ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئاياللارمۇ ياخشىسى ئىشلەتمەسلىك لازىم.
مەنبە: «بىخەتەر دورا ئىشلىتىش ھەققىدە سوئال-جاۋابلار» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.